新闻详情

گۇاڭشىدا ئىككى قىز بىۋاستە كۆرسىتىشتە شەھۋاني مۇلازىمەت قىلغانلىقتىن تۇتۇلدى

发表时间:2020-10-21 13:52来源:青岛文艺频率

ئەلكۈيى تورى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى تەرجىمىسى: ھازىر تور تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى، ئىلگىرى تۇرمۇشتا بىرەر مەسىلىگە يولۇقساق، نۇرغۇن كىتابلارنى ئوقۇغاندىلا ئاندىن جاۋاب تاپالىشىمىز مۇمكىن، ھازىر پەقەت ئۆزىمىزنىڭ كومپيۇتېرى ياكى يان تېلېفونىنى ئېچىپ، مەسىلىنى كىرگۈزسەكلا، بىز تاپماقچى بولغان جاۋاب پەيدا بولىدۇ.

تورنىڭ گەرچە پايدىسى بولسىمۇ، بىراق بەزى يامان تەرىپىمۇ بار، ئادەتتە دېيىلىۋاتقان مەلۇم بىر شەيئىگە پايدىلىق بولسا، زىيانلىق تەرىپىمۇ بار، ئىنتېرنېت تورى ئەمەلىيەتتە قوش بىسلىق خەنجەر، كىشىلەرنىڭ ئۇنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، كۆپچىلىككە ئېلىپ كەلگەن نەتىجىسىمۇ ئوخشىمايدۇ، ياخشى بىلىم تارقالغاندىن كېيىن، بەزى ناچار نەرسىلەر ئوتتۇرىدا تارقىلىدۇ، مەسىلەن، توردىكى بىۋاستە كۆرسىتىشنىڭ بەزىلىرى كۆپچىلىك بىلەن پاراڭلىشىش ياكى بىۋاستە كۆرسىتىش ئويۇنى بولسىمۇ، ئەمما بەزى ئالاھىدە بىۋاستە كۆرسىتىشلەر بولدى.

20201021

بۇنداق بىۋاستە كۆرسىتىش قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن، دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، ئېلىمىز بۇنداق بىۋاستە كۆرسىتىشنى مەنئى قىلىپ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىش قاتارىغا كىرگۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا بەزى كىشىلەر ئوغۇرلۇقچە بۇ خىل بىۋاستە كۆرسىتىشنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.

14-ئۆكتەبىر ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گۇاڭشى نەننىڭدا مۇشۇنداق ئىش يۈز بەرگەن، ئىككى ئايال ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان، يېشى 25 ياش ئەتراپىدا، ئۇلارنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلۇشىدىكى سەۋەب، ئۇلار ئالاھىدە سۇپا ئارقىلىق بىۋاستە كۆرسىتىپ، ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلىگەن. ئىككەيلەن بىر يىل ئىچىدىلا مۇشۇنداق پائالىيەتتىن نەچچە ئون مىڭ يۈەن پايدا ئالدى، بۇ پۇل تېپىش تېز بولغان ئۇسۇل، لېكىن بۇ قانۇنغا خىلاپ، مۇشۇنداق ئىش قىلسىلا ساقچىلار چوقۇم ئېلىپ كېتىدۇ.

بىر شەھەر ئاھالىسى بىۋاستە ئاڭلىتىشنى كۆرگەندە، بىر ھېسابات نومۇرىنىڭ ئالاھىدە بىۋاستە كۆرسىتىلىۋاتقانلىقىنى بايقىغان، كۆرۈنۈش پەقەتلا كۆرۈنمىگەن، شەھەر ئاھالىسى بايقىغاندىن كېيىن، دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىپ، ساقچىلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىنى ئېيتقان، ساقچىلار مەلۇماتنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنى باشلىغان.

ئىگىلىنىشىچە، ۋەقەگە چېتىشلىق بۇ ئىككى قىز 25 ياشتا بولۇپ، ئۇلار پۇل تېپىش ئۈچۈن، مۇشۇنداق ئۇسۇل ئارقىلىق تىل جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلغان، ھەتتا بىۋاستە كۆرسىتىش جەريانىدا ئۆلچىمى بىر قەدەر چوڭ ھەرىكەتلەرنى قىلغان، بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ئۇلارنىڭ بىۋاستە كۆرسىتىشىنى كۆرۈشكە جەلپ قىلغان.

نۇرغۇن تورداشلار بىۋاستە كۆرسىتىشنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇلارنى مۇكاپاتلىغان، ئۇلار سوۋغات ئېلىش ئارقىلىق پۇل تاپتى، پەقەت بىر يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپلا نۇرغۇن پۇل تاپتى، ئۇلارنىڭ ھەق ئېلىش شەرتى ناھايىتى تۆۋەن، قارشى تەرەپكە 300 يۈەن بەرسىلا ئۈندىدارنى قوشۇپ، توردا ئالاقىلاشقىلى بولىدۇ. ئۇلار يەنە ئۆز مەستانىلىرىنى دەرىجىگە ئايرىپ، سوۋغات ئارقىلىق بەلگىلىك سوممىغا يەتسىلا، ئۇنى تۆمۈر ئۇۋىقىغا ئايلاندۇرالايدۇ. بۇ مەستانىلەر بىر قىسىم ئالاھىدە پاراۋانلىققا ئىگە بولۇپ، ئۇلارغا بىۋاستە 300 يۈەن قىزىل بولاق بېرىدىغانلار، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى قوشقاندىن كېيىن، بىر قىسىم قېلىپتىن چىققان ئالاھىدە رەسىم ۋە ۋىدىئولارنى تاپشۇرۇپ ئالالايدۇ.

ئەڭ دەسلەپتە، ئۇلارنىڭ بىۋاستە كۆرسىتىشى ھازىرقىدەك ئەمەس ئىدى، ئەسلىدە ئىككىيلەننىڭ بىۋاستە كۆرسىتىشى نورمال ئىدى، بۇ مەزگىلدە يەنە بەزى ۋاكالەتەن كۆرسىتىش پائالىيەتلىرىمۇ بار ئىدى. بىراق بىر كۈنى بىر ناتونۇش ئەر ئۇلار بىلەن ئايرىم پاراڭلىشىپ، ئۇلارغا بەزى ئوچۇق ھەرىكەتلەر ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان، دەسلەپتە ئۇلارمۇ بۇ خىل پائالىيەتنى قىلىشنى خالىمىغان، كېيىن يەنىلا مۇرەسسە قىلغان، ئۇلار بىۋاستە كۆرسىتىش جەريانىدا نۇرغۇن كۆرۈرمەنلەرگە ئېرىشكەن، ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىر ئىجارە ئۆيدە ئۇلارنى قولغا چۈشۈرگەن، يەنە نۇرغۇن دېلو سادىر قىلىش قوراللىرىنى بايقىغان.

بۇ ئىشقا قارىتا، ئۇلار ئىككىسى شەھۋانىي ئىدىيە تارقىتىشقا چېتىشلىق دەپ قارىلىپ قولغا ئېلىندى. توردا نۇرغۇن ئاكتىپ ئېنىرگىيىنىڭ بىۋاستە كۆرسىتىلىشى كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتتى، بىۋاستە كۆرسىتىشنىڭ ئۇسۇلى ناھايىتى كۆپ، ئەمما بۇنداق قانۇنغا خىلاپ بىۋاستە كۆرسىتىش قەتئىي چەكلىنىدۇ، بايقالغان ھامان قانۇننىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچرايدۇ.

分享到: