新闻详情

شىنجاڭدا كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى باسقۇچلۇق كېمەيتىش ياكى كەچۈرۈم قىلىش ھەققى 10 مىل

发表时间:2020-10-21 13:59作者:ئەلكۈيى تورى来源:تىيانشان تورى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ما بېي): بۇ يىل 2-ئايدىن باشلاپ، شىنجاڭ كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى باسقۇچلۇق كېمەيتىش ياكى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويدى، ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 10-ئاينىڭ 18-كۈنىگىچە، شىنجاڭ كارخانىلارنىڭ كۈتۈنۈش، ئىشسىزلىق، ئىشتا يارىلىنىشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىدىن جەمئىي 10 مىليارد 491 مىليون يۈەننى كېمەيتكەن ۋە كەچۈرۈم قىلغان.

   شىنجاڭ جيۇشېڭخې ئۇرۇقچىلىق پاي چەكلىك شىركىتى بۇغداي، كېۋەز، كۆممىقوناق قاتارلىق زىرائەت سورتلىرىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش، پىششىقلاش، سېتىش ۋە تېخنىكا مۇلازىمىتى بىر گەۋدە قىلىنغان كارخانا. ئىككى كۈندىن بۇيان، شىركەتنىڭ 4-قارارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئوڭۇشلۇق ئاياغلاشتى.

   بۇ شىركەت پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى فەن شياڭدۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى باسقۇچلۇق كېمەيتىش ياكى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى مۇقىملاشتۇرۇش بىلەن بىللە، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ خىراجەتكە ئىگە قىلغان. «يىل ئاخىرىغىچە شىركىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى كېمەيتىش ياكى كەچۈرۈم قىلىشتىن ئىبارەت بۇ تۈردىنلا كېمەيتكەن، كەچۈرۈم قىلغان پۇلى 500 مىڭ يۈەندىن ئاشتى، بۇ خىراجەتنى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى تەربىيەلەش ۋە يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىشكە ئىشلەتسەك بولىدۇ.

   يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، كارخانىلارنىڭ خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇپ، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، شىنجاڭ كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى باسقۇچلۇق كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويدى. 2020-يىلى 2-ئايدىن 12-ئايغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ كۈتۈنۈش، ئىشسىزلىق، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ئورۇنلىرى تاپشۇرىدىغان ھەق قىسمى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛ 2020-يىلى 2-ئايدىن 6-ئايغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى چوڭ كارخانىلاردىن ياشانغاندا كۈتۈنۈش، ئىشسىزلىق، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ئورۇنلىرى تاپشۇرىدىغان ھەقنىڭ يېرىمى كېمەيتىلدى.

   كارخانىلارنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن تېزدىن بەھرىمەن قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تارماقلىرى تېزدىن ئاۋاز قوشۇپ، دەل ۋاقتىدا ئۆلچەم بويىچە ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئورۇنلارغا قارىتا تۈر ئايرىپ ۋە ئاشكارا ئېلان قىلىپ، بۇ كەسىپنى تېزدىن بېجىردى.

   يەكەن ناھىيەسى سىياسەت مۇلازىمىتى مەخسۇس كۆزنىكى تەسىس قىلىپ، بېجىرىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، بۇ كەسىپنى ئالدىن بېجىردى. «10-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، ئىشسىزلىق، ئىشتا يارىلىنىشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتىدىن جەمئىي 35 مىليون 572 مىڭ 500 يۈەن كېمەيتىلىپ ياكى كەچۈرۈم قىلىنىپ، كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش نىسبىتى %100كە يەتكۈزۈلۈپ، سىياسەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كارخانىلاردىن بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىكلىرى تولۇق بەھرىمەن قىلىنىپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىلىپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈلدى» دېدى يەكەن ناھىيەلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقۇرۇش مەركىزى يىغىش-تاپشۇرۇش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى شېن كاڭ.



分享到: