新闻详情

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونىدا يېڭىدىن ياسالغان 43 يول قۇرۇلۇشى ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا كىردى

发表时间:2020-10-21 16:07作者:ئەلكۈيى تورى来源:تىيانشان تورى


  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ خەۋىرى (مۇخبىرلار ما تىڭ خەۋىرى، ما يۈەن فوتوسى): ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىدىكى شەھەر مەمۇرىيىتى يانداشما ئۇل ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، تىيانشان رايونىنىڭ كۆپ تەۋەلىك رايونىدا يېڭىدىن 43 يول ياسالدى. نۆۋەتتە، يېڭىدىن ياسالغان يول قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا كىردى.

  10-ئاينىڭ 14-كۈنى، مۇخبىر شوربۇلاق كوچىسى تەۋەلىك رايونىدىكى يېڭىدىن ياسالغان يول قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىغا كېلىپ، يولنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن شەكىلگە كىرىپ بولغانلىقىنى، ئىشچىلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى كۆكەرتىش بەلبېغىغا دەل-دەرەخ تىكىۋاتقانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ پىيادىلەر يولىغا خىش ياتقۇزۇۋاتقانلىقىنى كۆردى.

  تىيانشان رايونلۇق شەھەر قۇرۇلۇشى مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى شوربۇلاق كوچىسى تەۋەلىك رايونى تۈرى نەق مەيدان مەسئۇلى ما لېي مۇنداق دېدى: شوربۇلاق كوچىسى تەۋەلىك رايونىدا يېڭىدىن بىر ئىككىلەمچى غول يول، بەش تار كوچا ياسالغان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى جەمئىي 2.8 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىككىلەمچى غول يول يول ئۇلىنىڭ كەڭلىكى 36 مېتىر بولۇپ، قوش يۆنىلىشلىك تۆت ئاپتوموبىل يولى؛ تار يول يول ئۇلىنىڭ كەڭلىكى 20 مېتىر بولۇپ، قوش يۆنىلىشلىك ئىككى ئاپتوموبىل يولىدىن تەركىب تاپقان.


  «بىزنىڭ تەۋەلىكىمىزدە ئەڭ ئاخىرقى 300 مېتىرلىق يولنى ياتقۇزۇش خىزمىتى قالدى، 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا تاماملاشنى پىلانلاۋاتىمىز» دېدى ما لېي، بۇ قېتىمقى يېڭى ياسالغان يول موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى يولى قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماي، يەنە سۇ، توك، پار قاتارلىق شەھەر مەمۇرىيىتى تۇرۇبا تورى، كۆكەرتىش، يورۇتۇش قاتارلىق يانداش ئۇل ئەسلىھەلەردىمۇ ماس قەدەمدە قۇرۇلۇش قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  تىيانشان رايونلۇق شەھەر قۇرۇلۇشى مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى تۈر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ليۇ فېڭ مۇنداق دېدى: تىيانشان رايونى كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تۈرى شەھەر مەمۇرىيىتى يانداش ئەسلىھەلىرى 1ـ، 2ـ، 3ـ قارارلىق قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، 2018-يىلىدىن باشلاپ، خېيجياسەن تەۋەلىك رايونى، داۋان تەۋەلىك رايونى، دۇڭدالياڭ تەۋەلىك رايونى، شوربۇلاق كوچىسى تەۋەلىك رايونى، ئارقا بۇلاق يولى تەۋەلىك رايونى، 17 تۈتۈن تەۋەلىك رايونى قاتارلىق كۆپ تەۋەلىك رايونىدىكى 43 يولدا قۇرۇلۇش قىلىندى، چېتىلىدىغان يولنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 20.34 كىلومېتىر كېلىدۇ.

  «نۆۋەتتە، يېڭىدىن ياسالغان يول قۇرۇلۇشى ئاياغلىشىش باسقۇچىغا كىرگەن بولۇپ، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.» ليۇ فېڭ مۇنداق دېدى: يول پۈتكەندىن كېيىن، كونا شەھەر رايونىدىكى يوللارنىڭ قاتناش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلۈپ، پۇقرالارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا تېخىمۇ كۆپ قولايلىق يارىتىلىدۇ.


分享到: