新闻详情

«ھوقۇق ئويۇنى» تىياتىردىكى ھېلىقى ئىشلار...

发表时间:2020-10-21 16:42作者:爱酷艺来源:腾讯


«ھوقۇق ئويۇنى» ھەقىقەتەن كىشىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان تىياتىر، ئۇنى قوغلىشىش ئۈچۈن، تەھرىر بىر نەچچە يىل ساقلىدى، بىر يىلدا پەقەت بىرلا بۆلۈمى چىقىدۇ، جەمئىي سەككىز بۆلۈم. ھەتتا بىر مەيدان ئۇنتۇلغۇسىز مۇھەببەتمۇ بۇنچە ئۇزۇن داۋاملاشمايدۇ. قويۇش ۋاقتىغا كەلسەك ھەپتىدە پەقەت بىرلا قىسىم قويۇلىدۇ، بۇ تەرىپى ھەقىقەتەن تاماشىبىنلارنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدۇ، ھەم باشقا ئامالمۇ يوق، كىم مېنى ۋەقەلىك تەرىپىدىن جەلپ قىلىنسۇن دەپتۇ! گەرچە نەتىجىسى مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىدەك چىقمىغان بولسىمۇ، لېكىن ۋەقەلىكنىڭ جەريانى يەنىلا كىشىگە راھەت بېغىشلايدۇ. شەخسەن ئۆزۈممۇ ئىزچىل مۇشۇنداق ئاجايىپ-غارايىپ تېمىدىكى تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىمەن، شۇڭا ئۇنى قانداقمۇ قوغلاشماي تۇرالايمەن...

ئەجدىھا ئانا ـــ دەنەرىس تاگارىيان

بىزنىڭ تىلىمىز بويىچە ئېيتقاندا، ئۇ ھەقىقەتەن بىر غەلىتە ئايال، بىز ئۇنىڭ ئاجىزلىقتىن كۈچىيىش جەريانىنى، ئاكىسىنىڭ ئۇنى كال دىروگوغا مەجبۇرىي ياتلىق قىلغىنىنى ۋە يەنە ئۆزىنىڭ ئاتالمىش «قارا بوران يېتىش كېلىش» ئالدىدىكى ئايال پادىشاھقا ئايلانغانلىقى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق. ئەپسۇس ئاخىرىدا يەنىلا ئۆلۈپ كەتتى، يەنە ئۇنىڭ ئورنىدا ناھەقچىلىككە ئۇچرىغانلارمۇ بار، ئامال يوق، ھەممىسى رېژىسسورنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بوي سۇنىدۇ!

جون سىنوۋ

جون سىنوۋ ئىزچىل ئۆزىنى سىتاركنىڭ ئەۋلادى دەپ قارايدۇ، ئويلىمىغان يەردىن تاگارىيان جەمەتىنىڭ بىردىنبىر ئەر ئەۋلادى بولۇپ قالىدۇ، يەنى ئەجدىھا ئانا دەنەرىس بىلەن ھامما-جىيەن مۇناسىۋېتىدە. ئىشلار دائىم مۇشۇنداق ئادەمنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىقىدۇ، بىرىنچى قىسىمىدا مەن ئۇنى پادىشاھ بولىدىغان ئوخشايدۇ دەپ قارىغان، ئويلىمىغان يەردىن مېنىڭ قارىشىم خېلى توغرا چىقىپ قالدى، ستارك جەمەتىدىكى قېرىنداشلار چەتكە قېقىلغاندا، پەقەت بىزنىڭ كىچىك ئارىيالا ئۇنى ئۆچ كۆرمەيدۇ، كېيىن ئۇ كېچىلىك قاراۋۇللارنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ قالىدۇ، ئاندىن ئۇ پۈتۈن دۇنيادىكى ئادەملەرنى قوغداشتەك بىر جەريانغا قەدەم قويىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ تۆمۈر شاھلىق ئورنىنىڭ بىرىنچى ۋارىسى. لېكىن ئۇ دۇنيادىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئۆزىنىڭ دۇنياسىدىن، خانلىق سالاھىتىدىنمۇ ۋاز كەچتى.

ئارىيا سىتارك

تىياتىردا مەن دائىم ئۇنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيتىم، چۈنكى تىياتىردا تۇغما قوغدىنىش ئىستىكى كۈچلۈك كەلگەن ئاجىزلار توپىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. تەلىيىمىزگە بىزنىڭ كىچىك ئارىيا زېرەكلىك بىلەن بالا-قازادىن قايتا-قايتا قۇتۇلۇپ قالىدۇ. ئۇ تىياتىردىكى مۇھىم شەخس بولۇپ، كىچىكىدىنلا مىجەزى ئوغۇل بالىغا ئوخشايدۇ، قىزلار قىلىدىغان ئىشىنى قىلمايدۇ، قىلىچۋازلىققا مەپتۇن. كېيىن ھەقىقەتەن قىلىچۋاز بولۇپ قالىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا تۈن شاھىنى يەنىلا كىچىك ئارىيا

ئاخىرلاشتۇرىدۇ.

تىرىيان لەنېستىر، جەيمىس لەنېستىر

گەرچە ئاكا-ئۇكا بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىككىسىنىڭ تەقى-تۇرقى بىر جايدا ئەمەس، بىرى ئېگىز، كېلىشكەن، بىر غەلىتە پەتەك بولۇپ، ئوخشىمىغان ئىككى دۇنيانىڭ ئادەملىرى. تىياتىردا جەيمىس لەنېستىر ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى، ئاچىسى سېرسىي بىلەن ئارىسىدا غەلىتە مۇھەببەت بار. جەيمىس 16 ياشقا كىرگەندە، چەۋەنداز ئارتور دەيئېن تەرىپىدىن چەۋەندازلىق مەرتىۋىسىگە ئېرىشكەن. كېيىن ئۇ لەندىڭ شاھلىقىغا بېرىپ، كۆرۈشمىگىلى نەچچە يىل بولغان ئاچىسىنى زىيارەت قىلغان، ئەمما كىنەز تەيۋېن ئۇنىڭغا كىنەز خاستېر تۇللىينىڭ ئىككىنچى قىزى لېسا تۇللىينى ئەمرىگە ئېلىشنى پىلانلىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. سېرسىي جەيمىسكە يېڭىلا ۋاپات بولغان خارلاند گىراندسوننىڭ ئورنىغا چىقىپ، شاھنى قوغدىغۇچىلار قوشۇنىغا قوشۇلۇش تەكلىپىنى بەردى، بۇنداق قىلغاندا ھەم ئاچىسىغا يېقىنلاشقىلى بولاتتى، ھەم لېسا بىلەن توي قىلىشتىن ساقلانغىلى بولاتتى. بىر كېچىلىك جىنسىي مۇھەببەتتىن كېيىن، ئۇ سېرسىينىڭ پىلانىغا قوشۇلدى. ئۇ ئاچىسى ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەل تۆلىدى، لېكىن بۇنداق غەلىتە مۇھەببەتنى ھەقىقەتەن قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.

سانسا سىتارك

كىچىك ئارىيانىڭ ھەدىسى، بەدەن قۇرۇلۇشى يامان ئەمەس، تەقى-تۇرقى جايىدا، تىياتىردا ئۇنىڭ كەچۈرمىشى ھەقىقەتەن مول، مەن قىزغا بەكرەك قايىل بولغان، دەسلەپكى ئەخمەق ھالىتىدىن كېيىن ئىدىيەسى بار، ھىيلىسى بار، ئامال-چارىسى بار ئايالغا ئايلىنىدۇ. ھەر قانچە جاپا تارتساقمۇ رازى بولىدۇ! ئۇنىڭ ھېكايىسى «ئادەم پەقەت ئوڭۇشسىزلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەندىلا ئاندىن ئۆسۈپ يېتىلەلەيدۇ» دېگەن گەپنى ئېسىمىزگە سالىدۇ.

مۇز بىلەن ئوتنىڭ جېڭىدە، نۇرغۇن ئەگرى-توقايلىقلاردىن كېيىن ئەڭ ئاخىرىدا ئىنسانلار ھايات قالىدۇ، بۇنىسى ئېنىق. تىياتىردا مەن ئۆلمەيدۇ دەپ ئويلىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ كەتتى، مەن تېخى باش رول ئالغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى ھايات قالىدۇ دەپ ئويلىغان، مەن تېخى تۆمۈر شاھلىق ئورنى جون سىنوۋغا قېلىشى مۇمكىن دەپمۇ ئويلىغان... مەن ئويلىغان ئىشلار بەك كۆپ ئىدى، لېكىن ھەممىسىلا قۇرۇق خىيال پېتى قالدى. پەقەت ۋەقەلىك ئويلىغان يېرىمىزدىن چىقمىغاندىلا ئاندىن بۇ خىل كىلاسسىك تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

كۆرۈپ باقمىغان نۇرداشلار بولسا كۆرۈپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن، ناھايىتى ياخشى بىر تېلېۋىزىيە تىياتىرى، ھېچ بولمىغاندا ھازىر كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن سەككىز يىل ۋاقىت كەتمەيدۇ.


分享到: