新闻详情

«ھوقۇق ئويۇنى»نىڭ خاتىمىسى: كىملەر ئاخىرىغىچە ياشىيالىدى؟

发表时间:2020-10-21 16:44作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېڭشۈن تورى

«ھوقۇق ئويۇنى» جورج مارتىننىڭ رومانى «مۇز بىلەن ئوتنىڭ ناخشىسى»غا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن ئامېرىكا تىياتىرى بولۇپ، 2019-يىلى يازدا، پۈتۈن بۆلۈمى تاماملاندى.

ھەممە ئادەم باش پېرسوناژ بولىدىغان شۇنداقلا ھەممە ئادەم باش پېرسوناژ بولالمايدىغان بۇ سىرلىق تىياتىردا، مەيلى كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەر ۋاقىت رولىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى مۇمكىن ئىدى، يول بويى ھەرخىل توسالغۇلارنى يېڭىپ ھايات قالغان روللارنىڭ كۆپىنچىسى ئاجايىپ ماھارەتكە ئىگە بولۇپ، بىرەرمۇ ئىقتىدارسىز رول يوق. ئۇلار ئاساسەن ئالاھىدە كۈچلۈكلەر، ياكى چامباشچىلىق ماھارىتى ئۈستۈنلەر، ياكى قارا نىيەت، سوغۇق قانلار، ھەتتا گۈزەللىكى بىلەن جاھانغا تونۇلغانلار، ۋە ياكى پۈتكۈل ئاسماننى قاپلىغان، ئوت پۈركۈيەلەيدىغان غايەت زور ئەجدىھا... قاتارلىقلار.

ئەمما، تەھرىر بۇ ماھىرلارنىڭ ئارىسىدا قارىماققا ئاجىز كۆرۈنىدىغان ئىككى رولنىڭ بارلىقىنى، ئويلىمىغان يەردىن بۇ ئىككى رولنىڭ خۇددى مۆجىزىدەك سەككىزىنچى بۆلۈمگىچە ھايات كېلەلىگەنلىكىنى، ھەتتا فىلىمدىكى ئاشۇ قالتىس كىشىلەردىنمۇ بەكرەك ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلىكىنى بايقىدى.

بۇ ئىككى جەسۇر «ئاجىز»لارنىڭ بىرى تىرىيان لەننىستىر بولۇپ، لەقىمى كىچىك ئالۋاستى؛ يەنە بىرى سام رەندىل تارلى.

سىرتقى قىياپىتىدىن قارىغاندا، تىرىياننىڭ بوي ئېگىزلىكى ئاران 1.35 مېتىر كېلىدىغان پەتەك، سام بولسا ھېچقانداق گۇمپا ياكى ماھارىتىمۇ يوق سېمىز بودەك ئىدى. لېكىن بۇلاردىن باشقا، ئۇلارنىڭ يەنە بىر ئورتاق سالاھىيىتى بار: ئۇ بولسىمۇ ئىككىلىسى زىيالىي.

تەھرىرنىڭ قارىشىچە، كۆرۈنۈشى ھېچقانداق ئالاھىدە بولمىغان بۇ ئىككى ئادەمنىڭ، بىر-بىرىنى ئالدايدىغان ھوقۇق ساھەسىدە ئىزچىل دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشى، ئۇلارنىڭ كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرۈشى، كىتاب ئوقۇشنى بىلىشى بىلەن زور مۇناسىۋەتلىك.

كىچىك ئالۋاستى: دۇنيانىڭ رەپتارىغا كىرىۋالغان ئادەتتىن تاشقىرى دۆلەت ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە

كىچىك ئالۋاستىنىڭ كىتاب ئوقۇشتىكى مەقسىتى ناھايىتى كۈچلۈك، ئالدى بىلەن ھايات قېلىش ئۈچۈن. مۇزلۇق قورغىنىغا بارىدىغان يولدا، جون سىنوۋ كىچىك ئالۋاستى بىلەن بىللە سەپەرگە چىقىدۇ. تۈن پەردىسى يېيىلغاندا، باشقىلار خورەك تارتىپ، تاتلىق ئۇيقۇغا كەتكەندە، كىچىك ئالۋاستى خىشتەك قېلىنلىقتىكى بىر كىتابنى قولىغا ئېلىپ، گۈلخان نۇرىدا تەپسىلىي ئوقۇشقا باشلايدۇ. جون سىنوۋ بۇنىڭغا قىزىقىپ، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ئۇنىڭدىن: «سىز نېمىشقا كىتاب كۆرۈشكە بۇنچە ئامراق؟» دەپ سورايدۇ.

كىچىك ئالۋاستى بېشىنى كۆتۈرۈپ جون سىنوۋغا قاراپ قويۇپ، تەمكىنلىك بىلەن: «ئاكامنىڭ قولىدا شەمشىرى بار، مەندە بولسا ئۆتكۈر مېڭە بار، كىتاب بىلەن مېڭىنى بىرلەشتۈرۈش خۇددى بىلەي بىلەن شەمشەرنى بىلىگەنگە ئوخشايدۇ» دەيدۇ. بۇ دەرسلىك كەبى جاۋابنىڭ كەينىگە نۇرغۇن كۆڭۈل ئاغرىقى يوشۇرۇنغان.

كىچىك ئالۋاستى لەننىستېردىن ئىبارەت بۇ رول، ئېسىل قانداشلىق سىستېمىسىغا ئىگە «گىگانتلار گۇرۇھى»دىن كېلىپ چىققان بولسىمۇ، ئەمما قېرىشقاندەك پەتەك بولۇپ قالغان ئىدى. ئانىسى جوئاننا، ئۇنى تۇغۇپ بولۇپلا، تۇغۇتى قىيىن بولۇش سەۋەبىدىن جان ئۈزگەن. دادىسى تېۋىن كىنەز، ئېگىز ھەم قامەتلىك ئادەم بولۇپ، بىر مېتىر 35 سانتىمېتىر كېلىدىغان كىچىك ئالۋاستىنى ئۆزىنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ داغ دەپ قارايتتى.

ئاچىسى سېرسىي، گۈزەل پەرىزاتتەك بولسىمۇ، ئەمما قەلبى يىلاندەك بولغاچقا، كىچىكىدىنلا تېرىياننى كۆزگە ئىلمايتتى. كىچىك ئالۋاستى ئەمدىلا تۇغۇلغانلا، سېرسىي بوۋاقلار ئۆيىگە يۈگۈرۈپ كىرىپ، ئۇنى چىمدىۋالغان ئىدى، ئاغرىق دەستىدىن كىچىك ئالۋاستى ھۆڭرەپ يىغلاپ كېتىدۇ، ھەتتا كېيىنكى يىللاردىمۇ سېرسىي پۈتۈن جان-جەھلى بىلەن ئۇنى ئۆلتۈرىۋەتمەكچى بولغان. ئاكىسى جېم باتۇر ۋە كەسكىن، چەۋەندازلارغا خاس سالاپىتى بار بولۇپ، كىچىك ئالۋاستىغا غەمخورلۇق قىلىدىغان ۋە ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان بىردىنبىر ئۇرۇق-تۇغقىنى ئىدى. لېكىن، ئۇنىڭ خاراكتېرى ئۆزگىچە بولۇپ، سېرسىي بىلەن بىر يولدا ئىدى، كۆپ ھاللاردا، ئۇ سېرسىي بىلەن كىچىك ئالۋاستىنىڭ ئارىسىغا قىسىلىپ قېلىپ، ئارىسالدى بولۇپ، ئىنىسىنىڭ ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىشىغا قاراپ تۇراتتى.

بۇنداق ئىپتىدائىي ئائىلە كىشىنىڭ يۈرىكىنى ئېزىپلا قالماي، يەنە ھەر ۋاقىت ھاياتى قىلنىڭ ئۈستىدە تۇراتتى، ئۇنداقتا كىچىك ئالۋاستى قانداق قۇتۇلغان؟ جاۋابى: كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق.

كىتاب ئوقۇش بويى پاكار ئالۋاستىنى ئىدىيە جەھەتتىكى گىگانت ئادەمگە ئايلاندۇردى، ئۇنىڭ كاللىسى ئۆتكۈر، تەدبىرلىك بولۇپ، نەچچە قېتىم ھايات-ماماتلىق پەيتتە خەتەرنى بىخەتەرلىككە ئايلاندۇردى.

بىر قېتىم، كىچىك ئالۋاستى بىلەن ياللانما قوغدىغۇچى برون ئورمانلىقنى كېسىپ ئۆتكەندە، ياۋايى ئادەملەر تەرىپىدىن قورشىۋېلىنىدۇ. خەتەرنىڭ يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن برون قىلىچىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ جەڭگە تەييارلىق كۆرىدۇ، كىچىك ئالۋاستى بولسا بروننىڭ قولىنى بېسىپ تۇرۇپ ياۋايى ئادەملەرگە سالام قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا: «كېلىڭلار، بىللە ئوتقا قاقلىنايلى، بۇ يەردە يەنە قوي كاۋىپىمۇ بار، خالىغانچە بەھرىمەن بولساڭلار بولىدۇ» دەيدۇ. بۇ مەنزىرىدە، كىچىك ئالۋاستىنىڭ ئىشنىڭ لوگىكىسى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈشى، ئېنىقكى، برون بىلەن ئوخشىمايدۇ.

بروننىڭ قارىشىچە، بۇ بىر توپ ياۋايى ئادەملەرنىڭ نىيىتى دۇرۇس ئەمەس، ئۆزىنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان، شۇنىڭ بىلەن ئاز سانلىق بىلەن كۆپ سانلىققا تەڭ كېلىش قارارىغا كېلىپ ئۇلار بىلەن جان تىكىپ ئېلىشماقچى بولىدۇ. كىچىك ئالۋاستىنىڭ ياۋايى ئادەملەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسى بولسا، خۇددى بىر توپ تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قالغان كونا دوستلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلارنى ئىسسىنىشقا، بىرلىكتە دالا تامىقى يېيىشكە تەكلىپ قىلغانغا ئوخشايدۇ. كىچىك ئالۋاستىنىڭ دانالىقى شۇكى، ياۋايى ئادەملەر تەكلىپنى قوبۇل قىلسىلا، ئۆزى ھايات قالىدۇ.

بىر زىيالىينىڭ لوگىكىلىق تەپەككۇرى كىتاب ئوقۇمايدىغانلارغا ئوخشىمايدۇ.

يەنە بىر قېتىم، كىچىك ئالۋاستى پادىشاھنى ئۆلتۈرگەن دەپ قارا چاپلىنىپ ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغاندا، دادىسى تېۋىن كىنەز سوتتا ئۇنىڭغا يا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقىنى، يا سۈرگۈن قىلىنىدىغانلىقىنى، قايسى يولدا مېڭىشنى ئۆزىنىڭ تاللىشىنى ئېيتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا كىچىك ئالۋاستى مۇنداق دەيدۇ: «گەرچە مېنىڭ جەفۇرىي (پادىشاھ)نى ئۆلتۈرگۈم بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىم مەن راستىنلا ئۇنى ئۆلتۈرمىدىم، مەن بۇ سوتتا ئادىللىققا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىمنى بىلىمەن، شۇڭا مەن تەقدىرىمنى ئەۋلىيالارغا تاپشۇرىمەن، ماھارەت كۆرسىتىپ سوت قىلىشنى تەلەپ قىلىمەن.»

بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇنىڭ دادىسى بەرگەن تاللاش بويىچە، كىچىك ئالۋاستى مەيلى قايسىسىنى تاللىسۇن، ئۆزىنىڭ پادىشاھنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك ئىدى. لېكىن ئۇ شاھماتنى باشقىچە ئويناپ، تىلغا ئېلىنمىغان ئۈچىنچى خىل تاللاشنى، يەنى ماھارەت كۆرسىتىپ سوت قىلىشنى تاللايدۇ. بۇنداق بولغاندا، ئۇنىڭ ئۆزىگە زورلاپ تېڭىلغان يالغان جىنايەت نامىنى ئېتىراپ قىلىشى ھاجەتسىز بولۇپ، ھايات قېلىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولاتتى. ئۈچىنچى خىل تاللاش كىچىك ئالۋاستىنىڭ نۇرغۇن قېتىم سىنالغان ھاياتلىق ئىزدەش ۋاسىتىسى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ سانسىزلىغان كىتابلار بىلەن تولۇقلانغان ئەڭ كۈچلۈك چوڭ مېڭىسىگە مەنسۇپ.

كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق، بۇ رەھىمسىز دۇنيادا ھايات قېلىش، كىچىك ئالۋاستىنىڭ پەقەت تۇنجى قەدىمى خالاس، ئەمدى ئۇ يەنە بىلىمى ۋە ئەقىل-پاراسىتىگە تايىنىپ، ئۆزىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىدۇ.

كىچىك ئالۋاستى ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان بولسىمۇ، تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ۋارىسلىق ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغان، نودانىڭ مۈلكىدە ئاساسەن ئۇنىڭ ھەققى يوق. بۇنداق بولغاندا، ئۇنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى كىچىك ئالۋاستىنىڭ كەسپىي تەرەققىياتى ئۇنىڭ بەختى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بويى بىر مېتىر 40 سانتىمېتىرغىمۇ يەتمەيدىغان ئەر كىشى نېمە ئىش قىلالايدۇ؟ ئادەتتىكى تاللاش بويىچە ئېيتقاندا، ناچارراق بولسا، تازىلىق قىلىش ياكى دەرۋازىغا قاراش كېرەك، ياخشىراق بولسا خەت تونۇپ، كاتىپ بولۇش كېرەك.

ئەمما قورسىقىدا ئۇمىچى بار كىچىك ئالۋاستىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كىتابنى بىكارغا ئوقۇمىغاندە. ئۇ ئالدى بىلەن لەندىڭ پادىشاھلىقىغا بېرىپ مۇۋەققەت باش ۋەزىر بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىگە تايىنىپ، قارا سۇ دەرياسى بويىدىكى جەڭدە ئاز كۈچ بىلەن كۆپنى يېڭىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ يەنە ئەجدىھا ئانىنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى بولۇپ، ئۇنىڭغا: «جاھانغا ھازىرلا ئېرىشكىلى بولىدۇ، ئەمما جاھاننى ھازىرلا ئىدارە قىلغىلى بولمايدۇ» دېگەن توغرا ۋە ئېنىق قاراشنى سىڭدۈرىدۇ.

ئەگەر بۈگۈنكى كۈندە بولغان بولسا، كىچىك ئالۋاستى چوڭ شىركەتلەر تالىشىدىغان كوزۇر كەسپىي دىرېكتور بولار ئىدى.

«ھوقۇق ئويۇنى»نىڭ ئەڭ ئاخىرقى بۆلۈمىدىكى ۋەقەلىك ئەۋجىگە چىققان پەيتتە، «ھوقۇق ئويۇنى»نىڭ نۇرغۇن مەستانىلىرى زادى كىمنىڭ ئەڭ ئاخىرىغىچە ياشىيالايدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشقا باشلىغان. بۇنىڭ ئىچىدە، كىچىك ئالۋاستى ئەڭ چوڭ نامزات بولۇپ، ئۇنىڭ ھايات قېلىش نىسبىتى سېرسىي خانىش، جېم، ھەتتا ئەجدىھا ئانىدىنمۇ يۇقىرى بولۇپ، بىرىنچى دەرىجىلىك ئەر باش پېرسوناژ جون سىنوۋدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن.

قانداقلا بولمىسۇن، تۈن ئالۋاستىلىرىنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، ھەممە ئىشنى قايتىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر ئىقتىدارلىق تالانت ئىگىسى بولۇشى كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كىچىك ئالۋاستى بىلەن چوڭ غوجىدار ۋارىس «ھوقۇق ئويۇنى» دېگەن بۇ ئىككى سۆزنىڭ جەۋھىرىنى چۈشەندۈرۈشتە مەخسۇس پىكىر ئالماشتۇرغان بولۇپ مۇنداق يەكۈن چىقارغان: ھوقۇق خۇددى قاراڭغۇ سايە تامدەك كىشىلەر قەلبىدە ساقلىنىپ، كىشىلەرنى قايمۇقتۇرىدۇ، كىچىككىنە گەۋدە بولسىمۇ، غايەت زور سايە تاشلىيالايدۇ.

سام: كىتابخۇمار بودەك، تەلىيى ئۇنچە كاجمۇ ئەمەس

ئەگەر كىچىك ئالۋاستىنى ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەر ئارىسىدىكى دەستۇرلارنىڭ ئۈلگىسى دېسەك، ئۇنداقتا سام دەل پىل چىشى مۇنارىدىكى بىر ساپ قەلبىكە ئىگە ئەلاچى ئوقۇغۇچىنىڭ ۋەكىلى. كىتابخۇمار سام بىر مىلىتارىست ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن،

ئۇنىڭ دادىسى رەندىل تارلى يەتتە چوڭ پادىشاھلىقنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ھەربىي قوماندانى دېگەن نامغا ئېرىشكەن. رەندىلنىڭ سامغا بولغان ئۈمىدى ئۇنى باتۇر، ئۇرۇشقا ماھىر ھەربىيگە ئايلاندۇرۇش ئىدى، ئەمما سامنىڭ قورالنى ياخشى كۆرمەي، ئەكسىچە ئاخىرىدا كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان ئاجىز بودەككە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

ئۈمىدسىزلىك ئاستىدا، رەندىل سامنى ئۇنۋانغا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىپ، ئۇنى قارا قەلئەگە كېچىلىك قاراۋۇل بولۇشقا ئەۋەتىدۇ.

قەھرىتان سوغۇقتىكى قارا قەلئەدە، سام ئاجىزلىقى تۈپەيلىدىن بىللە مەشىق قىلىۋاتقان يېڭى ئەسكەرلەر تەرىپىدىن بوزەك قىلىنىدۇ، ئۇلار يەنە سامغا «چوشقا خانقىز» دەپ ھاقارەت تۈسىنى ئالغان لەقەم قويۇپ قويىدۇ.

ھېلىمۇ ياخشى، كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان بودەكنىڭ تەلىيى ئانچە ناچار ئەمەس ئىدى. سام بوزەك قىلىنغان چاغلاردا، جون سىنوۋ ئۇنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ ۋە شۇنىڭدىن كېيىن ئىككىسى يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالىدۇ. سىنوۋ ئېمون تېرگارىياننى قايىل قىلىپ، سامنى ئۇنىڭ شەخسىي ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇشقا تەۋسىيە قىلىدۇ، بۇنداق بولغاندا سام ئەمدى ھەربىي مەشىق ئېلىپ بارماي، پەقەت خەت-چەكلەرنى رەتلەيدىغان يېنىك ئىشلارنى قىلسىلا بولاتتى.

ئېموننىڭ سامنى قوبۇل قىلىشىدىكى سەۋەب، سىنوۋنىڭ يۈزىنى قىلغانلىقى ئەمەس، بەلكى قارا قەلئەگە ھەربىي خىزمەت ئۆتەشكە ئەۋەتىلگەن بىر توپ قارا تۈۋرۈكلەر ئىچىدە، پەقەت ساملا مەدەنىيەتلىك، بىلىم بىلەتتى، كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرەتتى. سام گەرچە ئاجىز بولسىمۇ، ئازراقمۇ ئەخمەق ئەمەس، ھەتتا ئالاھىدە كۆزىتىش ئىقتىدارى بار.

قارا قەلئەنىڭ باش قوماندانى مورمون سىنوۋنى ئۆزىنىڭ ياساۋۇلى قىلىشنى ئېيتقاندا، سىنوۋ ھاقارەتكە ئۇچرىغاندەك ھېس قىلىپ

ۋەزىپىگە تەيىنلەشنى قوبۇل قىلماسلىققا تەييارلىق قىلىدۇ. ھالقىلىق پەيتتە، سام سىنوۋ ئۈچۈن ئازراق يول كۆرسىتىپ قويىدۇ، ئەسلىدە مورموننىڭ ھەقىقىي مەقسىتى سىنوۋنى ئىز باسار باشلامچى قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئىدى. سامنىڭ نەسىھەت قىلىشى بىلەن سىنوۋ ئاخىرى ئەقلىنى تاپىدۇ.

پۈتكۈل «ھوقۇق ئويۇنى» قۇرۇلمىسىدا زىيالىي سام، قارىماققا كۆزگە چېلىقمىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە فىلىمدە يىپ ئۆتكۈزۈش رولىنى ئوينايدۇ. ئەگەر سامنىڭ نەسىھىتى بولمىغان بولسا، سىنوۋ بەلكىم كېچە قاراۋۇللىرىنىڭ باشلامچىسى بولالمىغان بولاتتى، ئۇ ھالدا، پۈتۈن ۋەقەلىككە تەسىر كۆرسىتەتتى، ھەممىسى قايتىدىن ئۆزگەرتىپ يېزىلاتتى. ئەمما، سامنىڭ سىرلىق رولىنى فىلىمدىكى ھەر خىل روللار چۈشەنمەيتتى.

سام قارا قەلئەدىن ئايرىلىپ، ئۆيگە قايتىپ ئاتا-ئانىسىنى يوقلىدى، دادىسى ئۇنىڭ تۇرقىغا قاراپ، بۇرۇنقىدەكلا كەيپىياتى بۇزۇلىدۇ ۋە مۇنداق دەيدۇ: «مەن تېخى كېچە قاراۋۇلى بولۇش سېنى ئەر كىشىدەك چېنىقتۇرالايدۇ، ھېچ بولمىغاندا ئەر كىشىدەك سىياققا ئىگە قىلىدۇ دەپ ئويلىغان، لېكىن سەن يەنىلا شۇنداق ئاجىز، سېمىز تۇرۇپسەن، پەقەت باش چۆكۈرۈپ كىتاب ئوقۇشنىلا بىلىسەن، بىر ئۆمۈر ئۆزۈڭدىن كۈچلۈك كىشىلەرنىڭ نەتىجىلىرىنى ئوقۇيسەن.»

سام ھەقىقىي تۈردە ئۆزىنىڭ مېڭىش يولىنى تېپىپ چىقىپ، ئوڭ-سول ۋەقەلىكتىكى ھالقىلىق شەخسكە ئايلاندى، بۇ دەل ئىستىداتلىقلار قەلئەسى (يەتتە دۆلەت ئىستىداتلىقلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى رەھبەرلىك ئورگىنى) ئىدى. ئۇنىڭ بۇ يەرگە كېلىشتىكى مەقسىتى توپا بېسىپ كەتكەن قەدىمىي كىتابلاردىن تۈن ئالۋاستىلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلىنى تېپىش ئىدى.

بۇ يەردىكى ئەڭ كۆپ نەرسە كىتاب بولغاچقا، بۇ كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان سامنى ئىنتايىن خۇشال قىلىدۇ. ئەمما، سامنىڭ بۇ يەردىكى سالاھىيىتى پەقەت ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارنى قىلىش بولۇپ، ھەر كۈنى كىتابلارنىڭ كاتالوگىنى رەتلەيدىغان، ئۈستەل-ئورۇندۇقلارنى سۈرتىدىغان، ھەتتا تەرىتى ئېقىپ تۇرىدىغان تەرەت تۇڭىنى تازىلايدىغان ئىشلار ئىدى. تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ كەتكىنى شۇكى، بۇ يەرنىڭ قائىدىسى بار بولۇپ، سامغا ئوخشاش كىشىلەر خالىغانچە كىتاب ئوقۇسا بولمايتتى. بۇ قائىدە سامنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ، ئۇ: «ئەگەر كىتابنى كۆرگىلى بولمىسا، يەنە ساقلاپ قويۇپ نېمە قىلىدۇ؟» دەپ ئويلايتتى.

سام بۇ قائىدە-يوسۇنلارغا پىسەنت قىلماي، يوشۇرۇن ھالدا ئوقۇش چەكلەنگەن كىتابلارنى ئوقۇيدۇ ھەمدە كېتىدىغان چاغدا،

بەلكىم پايدىسى بار دەپ قارىغان بەزى كىتابلارنى ئوغرىلىقچە ئېلىپ كېتىدۇ. زىيالىيلارنىڭ بۇنداق ئىشىنى قانداقمۇ ئوغرىلىق دېگىلى بولسۇن؟ دەل مۇشۇ كىتابلاردىن، ئۇ «ھوقۇق ئويۇنى» دىكى ئەڭ مۇھىم كېلىپ چىقىش مەخپىيەتلىكىنى بايقايدۇ، يەنى ئۆزىنىڭ ياخشى دوستى سىنوۋ تۆمۈر شاھلىق تەختىنىڭ قانۇنلۇق ۋارىسى ئىدى.

ئەگەر كىچىك ئالۋاستىنىڭ ئاخىرىغىچە ھايات قېلىشىنى بىر خىل پەرەز دېسەك، ئۇنداقتا سامنىڭ كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان بۇ ھەرىكىتى ئۇنى مۇقەررەر ھالدا ئەڭ ئاخىرىغىچە ھايات قالدۇراتتى، بۇ بېكىتىلىپ بولغان پاكىت. بۇ ھەرگىزمۇ تەھرىرنىڭ قالايمىقان تەھلىلى ئەمەس، بەلكى بۇنى «مۇز بىلەن ئوتنىڭ ناخشىسى»نىڭ ئاپتورى جورج مارتىن بوۋاي بىر قېتىملىق زىيارەتتە ئۆز ئاغزى بىلەن ئېيتقان.

ئەمەلىيەتتە، سام دېگەن بۇ شەخسنىڭ ئەسلى تىپى باشقا بىرى ئەمەس، دەل مارتىن بوۋاينىڭ ئۆزى شۇ.

يەتتىنچى بۆلۈمدە، ئىلىم يۇرتىدىكى بىر پېشقەدەم پروفېسسورنىڭ سام بىلەن پاراڭلىشىدىغان كۆرۈنۈشى بار. پېشقەدەم پروفېسسور مۇنداق دەيدۇ: «بۇنىڭدىن كېيىن تارىخىي خاتىرىلەرنى يېزىشتا، يېزىقچىلىق ئىستىلى ئىنتايىن مۇھىم، سام، سېنىڭچە <پادىشاھ روبېرت ئۆلگەندىن كېيىنكى ئۇرۇش تارىخى خاتىرىسى> دېگەن بۇ ئىسىم قانداقراق؟» سام بولسا: «ئەگەر مەن يازغان بولسام، تېخىمۇ شېئىرىي ئىسىم قويغان بولاتتىم.» دەيدۇ.

مۇشۇ كۆرۈنۈشلەرنى كۆرگەندە، نۇرغۇن دوستلارنىڭ سامنىڭ گېپىگە كۈلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، سامنىڭ ئېغىزىدىكى تېخىمۇ شېئىرىي ئىسىم دەل «مۇز بىلەن ئوتنىڭ ناخشىسى» ئەمەسمۇ.

«ھوقۇق ئويۇنى» نىڭ ئاخىرقى مەخپىي نومۇرى: زىيالىيلارنىڭ مېھرىبانلىقى

«ھوقۇق ئويۇنى»دا كىم ئاخىرىغىچە ياشىيالايدۇ؟ ئەمەلىيەتتە بۇ ئىجادىيەتچىنىڭ قىممەت قارىشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. كىچىك ئالۋاستى بىلەن سامنىڭ ئاخىرىغىچە ياشىيالىشى ئۇلارنىڭ پەقەت كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرگەنلىكىدىنلا ئەمەس. ھەممە ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى تالىشىدىغان كونا-يېڭى قۇرۇقلۇقتا، تەدبىر قوللىنىشقا ماھىرلار ناھايىتى كۆپ، مەسىلەن، قالايمىقانچىلىقنى پەلەمپەي قىلغان بېيلىش. ئۇنىڭ تىلى شېكەر، دىلى زەھەر بولۇپ، ئارىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىپ، بىر نەچچە چوڭ جەمەتنى ئەخمەق قىلىدۇ. تېخىمۇ قورقۇنچلۇقى شۇكى، ئۇنىڭ ئەخلاق قارىشى يوق، ئەگەر بىرەر ئىش ئۆزىگە پايدىلىق بولسا، بىگۇناھ كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈشتىنمۇ باش تارتمايدۇ.

ئەپسۇس، ئۆزىنىڭ ئەقىللىقلىقى ئۆزىنىڭ بېشىغا چىقىدۇ، يەتتىنچى بۆلۈمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قىسمىدا، بېيلىشنىڭ ھوقۇق ۋە ئورۇنغا بولغان كۈچلۈك ئارزۇسى، ئاخىرىدا ئۇنىڭ ئوت بىلەن ئوينىشىپ ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئارىيا قولىغا خەنجەر ئېلىپ ئۇنى بوغۇزلىۋېتىدۇ.

مارتىن بوۋاي بەكرەك ياقتۇرىدىغان كىچىك ئالۋاستى ۋە سامدىن ئىبارەت بۇ ئىككى رولغا قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرۈشتىن باشقا، يەنە بىر تېخىمۇ مۇھىم ئالاھىدىلىكى بار، يەنى بىر مېھرىبان قەلبكە ئىگە.

سەككىزىنچى بۆلۈمنىڭ بىرىنچى قىسمىدا، سام دادىسى ۋە قېرىندىشىنىڭ ئەجدىھا ئوتى تەرىپىدىن كۆيۈپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، يەنىلا ئازابقا بەرداشلىق بېرىپ، سىنوۋنىڭ تۆمۈر شاھلىق تەختىنىڭ ھەقىقىي ۋارىسى ئىكەنلىكىدەك ھەقىقىي ئەھۋالنى ئۇنىڭغا ئەگىتىپ ئېيتىدۇ.

سام سىنوۋنىڭ ھېسسىياتىنى ئويلىشىپ، ئۇنىڭغا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتىشتىن بۇرۇن، ئەگىتىپ گەپ باشلايدۇ ھەمدە مۇھىم نۇقتىنى مۇنداق بىر ئىللىق يەكۈنگە قارىتىدۇ: «سەن ئەزەلدىن تويسىز تۇغۇلغان بالا ئەمەس، بەلكى تۆمۈر شاھلىق تەختىنىڭ ھەقىقىي قانۇنلۇق ۋارىسى.»

تويسىز تۇغۇلغان بالىدىن ئىبارەت بۇ سالاھىيەتنى بىلىش، سىنوۋنىڭ ئەڭ چوڭ باش ئاغرىقى، سام ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىنمۇ، يەنىلا سۆزلەش ماھارىتىگە دىققەت قىلىپ، بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق قېرىندىشىغا تەسەللىي بېرىدۇ، ھەقىقەتەنمۇ ئالتۇندەك يۈرەك بار دېيىشكە بولىدۇ.

ئوخشاشلا، كىچىك ئالۋاستىمۇ شۇنداق. قارا سۇ دەرياسى جېڭىدە، كىچىك ئالۋاستى قوماندان بولۇپ، خەتەرلىك پەيتتە، دالا يانغىنى بىلەن دۈشمەنگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش تاكتىكىسىنى ئويلاپ تاپتى. دالا يانغىنى پارتلاپ، دۈشمەن ئەسكەرلىرى ئازابلىق نالە قىلغاندا، كىچىك ئالۋاستىغا بىر ئالاھىدە كۆرۈنۈش بەرگەن، بۇ ۋاقىتتىكى ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسى غەلىبە شادلىقى بولماستىن، بەلكى ئىچ ئاغرىتىش ۋە قىيالماسلىق ئىدى.

ئۇرۇشنىڭ رەھىمسىزلىكىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، كىچىك ئالۋاستى ئەجدىھا ئانىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتىدۇ ۋە ئۇنىڭغا بەك كۆپ قىرغىنچىلىق قىلماسلىق، بولمىسا كۈل ئىچىدىكى ئايال پادىشاھ بولۇپ قالىدىغانلىقى ھەققىدە نەسىھەت قىلىدۇ.

بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، كويزا-كىشەندىن ئەمدىلا قۇتۇلغان ئەجدىھا ئانا رەھىمسىز كۆرۈنىدۇ، ئۇ ئەجدىھاغا تايىنىپ ئۆزىنى كۆرسىتىپ، ئاز-تولا رەھىمسىزلىكمۇ قىلىدۇ، قىرغىنچىلىقى بەك ئېغىر بولۇپ كېتىپ، دۈشمەن ئەسكەرلىرىنىڭ ئەجدىھا ئوتى يالقۇنىدا كۆيۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە بولسا، چىرايىدا ئەكسىچە خۇشاللىق ئەكس ئېتىدۇ.

كىچىك ئالۋاستى ئەجدىھا ئانىنىڭ قول ئاستىغا ئۆتۈشى، نۇرغۇن تورداشلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان بولۇپ، ئۇنى دۆت بولۇپ قالغاندەك، گاڭگىراپ قالغاندەك، ھەتتا سانساغا يەتمەيدىغاندەك، سېرسىينىڭ يالغاندىن تىنچلىققا بېرىلىش نەيرىڭىدىن قايمۇقۇپ قالغاندەك ھېس قىلغان.

ئەمەلىيەتتە، دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، مارتىن بوۋاينىڭ بۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ مەلۇم مەقسىتى بار ئىدى.

ھەرقانداق تەدبىر ۋە ھىيلە-مىكىرنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق چەكلىمىسى بولىدۇ، ئەمما مارتىن كىچىك ئالۋاستىنىڭ بۇنداق قىلىشىنى ئەڭ مۇھىم دەپ قارىمايدۇ. مەيلى سېرسىي تەرىپىدىن بىر مەھەل ئالدانغان تەقدىردىمۇ، كىچىك ئالۋاستى يەنىلا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ھەقىقىي قىممەتلىك يېرى ئەقىل-پاراسەت ۋە ھۇجۇم قىلىشتا ئەمەس، بەلكى «ئۇرۇشنى توختىتىش»تا.

ئوقۇپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، مارتىن بوۋاينىڭ ھەقىقەتەن بەك ئوماق ئىكەنلىكىگە ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمايمىز، چۈنكى ئۇ ئۆزى بىر مېھرىبان زىيالىي.

«مۇز بىلەن ئوتنىڭ ناخشىسى»غا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن «ھوقۇق ئويۇنى»دا ئوتتۇرا ئەسىر ۋاقىت لىنىيىسى قىلىنغان بولۇپ، تارىخ، جۇغراپىيە، پەلسەپە، ھەربىي ئىشلار، سىياسىي، ئۆرپ-ئادەت قاتارلىق نۇرغۇن ئۆلچەملەر قامۇستەك تەسۋىرلەنگەن، ئەمما لاي-لاتقا ئارىلىشىپ كەتكەن شۇ زامان كىشىلىرى قەلبى، قەغەز يۈزىگە كۈچەپ سۈرەتلەپ بېرىلگەن بولۇپ، ھەر بىر شەخسنىڭ سىتىرىئولۇق تۇيغۇسى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.

ئەڭ قىممەتلىك يېرى شۇكى، «ھوقۇق ئويۇنى»دا مارتىن بوۋاي كىچىك ئالۋاستى ۋە سامدىن ئىبارەت بۇ ئىككى زىيالىينىڭ رولى ئارقىلىق بايان قىلغان باش تېما ئاددىي ھەم يىمىرىلمەس مەڭگۈلۈك قىممەت قارىشى، يەنى: مېھرىباننىڭ تەڭدىشى يوق، دېگەن سۆزدۇر.

كىتابخۇمارلارنىڭ ھەممىسىگە مەلۇمكى، تەھرىر كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق، تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئىزچىل تۈردە پۈتۈن كۈچى بىلەن تەشەببۇس قىلىپ كەلدى. بۇ مارتىن بوۋاينىڭ «ھوقۇق ئويۇنى»دا كۈچەپ سۈرەتلەپ بەرگەن زىيالىيلارنىڭ ئوبرازى بىلەن ئوخشاش بىر ئىش. مېنىڭچە، كىتاب ئوقۇشنى بىر قانچە قاتلامغا بۆلۈشكە بولىدۇ: كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق ئىچ پۇشۇقىنى چىقارغىلى، ۋاقىت ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ؛ كىتاب ئوقۇش ئارقىلىقمۇ گۇمانلارنى يېشىپ، بىلىمنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ؛ كىتاب ئوقۇش يەنە تەپەككۇرنى ئويغىتىپ، ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدەندۈرىدۇ.

مەيلى سىزنىڭ بىۋاستە مەقسىتىڭىز نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كىتاب ئوقۇش سىزنى نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ. لېكىن تەھرىرنىڭ قارىشىچە، كۆپ ساندىكى ئادەتتىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىزنىڭ كىتاب ئوقۇپ ئېرىشكەن ئەڭ ياخشى پايدىمىز شۇكى، مېھرىبان، ئاق كۆڭۈل ئادەملەردىن بولۇش ئىكەن.

بىلىمنى ئۆگىنىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، ھەقىقەتنى تەتقىق قىلىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. پەقەت مېھىر-شەپقەتلىك ۋە ئاق كۆڭۈللۈك، بىزنىڭ گەپ قىلىش، ئىش قىلىش، كىشىلەرگە مۇئامىلە قىلىش ئۇسۇلىمىزغا، ھەر بىر قارار ۋە تاللىشىمىزغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھەر بىرىمىزنىڭ كىچىك ئالۋاستى ۋە سامغا ئوخشاش تەقدىرگە تەن بەرمەي، بەل قويۇۋەتمەي، مېھىر-شەپقەتلىك زىيالىيلاردىن بولۇپ، مەيلى نامرات بولساقمۇ، ھېچنېمىدىن قورقماي بۇ زېمىندا مەغرۇر قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن. كىتاب ئوقۇش ئۆزىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈش بىلەن بىللە، ئازاب-ئوقۇبەتتە قالغانلارغا، گاڭگىراپ قالغانلارغا، ئازابلانغانلارغا ياردەم بېرىپ، بۇ دۇنيانى تېخىمۇ ياخشى قىلىدۇ.

«ھوقۇق ئويۇنى» بىزگە توپتوغرا سەككىز يىل ھەمراھ بولدى، ئەمما خۇددى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان ئارلىقتا، بۇ سىرلىق تىياتىرغا خوش دېيىشكە مەجبۇر بولدۇق. بۇ بىر ئاخىرلىشىش، شۇنداقلا بىر باشلىنىش. قەھرىتان قىشنىڭ يېتىپ كېلىشىدىن قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوق، بىز قول تۇتۇشۇپ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، كىتاب ئارقىلىق ئىسسىنايلى، بىز ھازىرلا يول يۈرۈشنى باشلاپ، كەلگۈسى كۈنلەرگە، كېيىنكى باھارغا ئاتلىنايلى.


分享到: