新闻详情

رونالدو: مەن ھېچقانداق تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلمىدىم

发表时间:2020-10-21 17:19作者:ئەلكۈيى تورى来源:جىبوبا تورى

كرىستىيانو رونالدو يۇقۇملانغانلىقى جەزملەشكەندىن كېيىن مەخسۇس ئايروپىلاندا پورتۇگالىيەدىن ئىتالىيەگە قايتىپ تۇرىندىكى ئۆيىدە ئايرىلىپ تۇرۇشنى باشلىدى، ئەمما تاراتقۇلار كرىستىيانو رونالدونىڭ يۇقۇملانغاندىن كېيىن ئىتالىيەگە قايتىپ يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش تۈزۈملىرىگە خىلاپلىق قىلغان-قىلمىغانلىقى توغرىسىدا بەس-مۇنازىرە قىلىشقا باشلىدى. بۇنىڭغا قارىتا، كرىستىيانو رونالدو ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا بىۋاستە تارقىتىپ ئىنكاس قايتۇردى.

كرىستىيانو رونالدو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «پورتۇگالىيەدىن تۇرىنغا ئۇچۇش؟ مەن ھېچقانداق ئىجتىمائىي ئايرىلىپ تۇرۇش تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلمىدىم، تاراتقۇلار قارىسىغا سۆزلەۋاتىدۇ، مەن بارلىق توغرا ئىشلارنى قىلدىم. مەن ۋە كوللېكتىپىم ئىزچىل دىققەت قىلىۋاتىمىز، مەن ماقۇللۇققا ئېرىشكەندىن كېيىن ئاندىن ئىتالىيەگە قايتقان. بىز پورتۇگالىيەدىكى ئايرىلىپ تۇرۇش ئورنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئىزچىل ئېھتىياتچان بولدۇق.»

«ھەممەيلەن يالغان سۆزلەۋاتىدۇ، بولۇپمۇ ئىتالىيەدىكى بىرەيلەن، ئۇنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالغۇم يوق، مېنى ئايرىلىپ تۇرۇش تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلدى دېيىش، جۆيلىگەنلىك!»


分享到: