新闻详情

رونالدونىڭ بارسېلونا بىلەن ئوينىلىدىغان چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە قاتنىشالماسلىق نىسبىتى يۇقىرى

发表时间:2020-10-21 20:22作者:爱酷艺体育来源:直播8

«رىم تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا كرىستىيانو رونالدونىڭ 10-ئاينىڭ 29-كۈنى بارسېلونا بىلەن ئوينىلىدىغان ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە مەيدانغا چىقىشى ئاساسەن مۇمكىن بولمايدىكەن. يۇۋېنتۇسنىڭ يادرولۇق توپچىسى رونالدو ھازىر مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي بارسېلونا بىلەن ئوينىلىدىغان ياۋروپا چىمپىيونلۇق گۇرۇپپا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشقا تىرىشماقتا، چۈنكى ئۇ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشالمىدى، لېكىن يۇۋېنتۇس رونالدو يوق ئەھۋال ئاستىدا 2-0 نەتىجىدە كىيېۋ دىنامونى مەغلۇپ قىلدى.

«رىم تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رونالدونىڭ مېسسى بىلەن بىر مەيداندا رىقابەتلىشىشى ئاساسەن مۇمكىن بولمايدىكەن، رونالدونىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي چىقمىغۇچە، رونالدونىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىشى مۇمكىن ئەمەس، لېكىن ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى يەتتە كۈن ئىلگىرى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ مەنپىي چىقىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، شۇڭا بۈگۈن رونالدوغا نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم، ئەگەر بۈگۈن ئۇنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي چىقمىسا، رونالدو بارسېلونا بىلەن ئوينىلىدىغان ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە قاتنىشالمايدۇ.

لېكىن ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ قائىدىسى ئوخشىمايدۇ، ئەگەر بۈگۈن ئۇنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي چىقسا، رونالدو 26-ئۆكتەبېر ۋېرونا بىلەن ئوينىلىدىغان بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشالايدۇ، لېكىن بارسېلونا بىلەن ئوينىلىدىغان ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە قاتنىشالمايدۇ.


分享到: