新闻详情

مانچېستېر شەھىرى vs پورتو مۇسابىقىسىگە نەزەر

发表时间:2020-10-21 20:23


بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى سەھەر سائەت 03:00تە ئۆتكۈزۈلىدىغان 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدا مانچېستېر شەھىرى ساھىبخان مەيداندا پورتونى كۈتۈۋالىدۇ. مانچېستېر شەھىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدە ئىزچىل ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىپ كەلدى، ئەمما ئۇلارنىڭ ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك ئەمەس، بولۇپمۇ گۇاردىئولا باش ترېنېرلىق قىلغاندىن كېيىن ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە تېخىمۇ ئىلگىرىلەشنى نىشانلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار يەنىلا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى. لېكىن، مانچېستېر شەھىرى بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ گۇرۇپپا باسقۇچىدا پورتو، مارسېل ۋە ئولىمپىياكوس بىلەن بىر گۇرۇپپىغا ئايرىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ گۇرۇپپىدىن چىقىش نىسبىتى ئىنتايىن چوڭ. پورتوغا كەلسەك، پورتو پورتۇگالىيە بىرلەشمىسىدىكى كۈچلۈك كوماندىلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا مارسېل ۋە ئولىمپىياكوسنى ئارقىدا قالدۇرۇپ شاللاش باسقۇچىغا كىرىش كۈچىگە ئىگە، بۇ ئىككى كوماندا يېڭى مۇسابىقە پەسلىدىكى تۇنجى مەيدان ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە قالتىس ئىپادىسى بىلەن تېخىمۇ ياخشى نەتىجىگە قەدەم ئېلىشنى ئۈمىد قىلماقتا.

مۇسابىقە خارەكتېرى: 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسى

مۇسابىقە ۋاقتى: بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى سەھەر سائەت 03:00

مۇسابىقە ئورنى: مانچېستېر شەھىرى توپ مەيدانى

بۇ مۇسابىقىدىكى كۆرۈش نۇقتىلىرى:

1. مانچېستېر شەھىرىنىڭ ھۇجۇم كۈچى زور، نىشانى غەلىبە قىلىش

مانچېستېر شەھىرى گۇاردىئولا باش ترېنېر بولغاندىن بۇيان ئىزچىل يۇقىرى رىقابەت ھالىتىنى ساقلاپ كەلدى، بولۇپمۇ ھۇجۇم سېپى ياۋروپا جەھەتتىمۇ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. مانچېستېر شەھىرى يېقىنقى 10 مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىدە توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، پورتو بىلەن ئوينىغان يېقىنقى ئىككى مەيدان ياۋروپا مۇسابىقىسىدىمۇ ئوخشاشلا غەلىبە قىلغان، شۇنداقلا يېڭى مۇسابىقە پەسلىدىكى تۆت ئايلانما بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئالتە توپچىسى توپ كىرگۈزگەن، بۇ ھالەتتىن مانچېستېر شەھىرىنىڭ بۇ مۇسابىقىدە غەلىبە قىلىشقا ئىشەنچى كامىل ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. لېكىن، مانچېستېر شەھىرىنىڭ يېقىنقى مۇسابىقىلىرىدە ئاخىرقى باسقۇچتا بوشىشىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلدى، گۇاردىئولا بۇ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك، بولمىسا ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە يەنىلا ئوخشاش ئىلگىرىلىيەلمەيدۇ.

2. پورتو مانچېستېر شەھىرىنى توسۇپ قالالامدۇ؟

پورتو پورتۇگالىيە بىرلەشمىسىدىكى داڭلىق كوماندا، شۇنداقلا ئەمەلىي كۈچ جەھەتتە گۇرۇپپىدا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۇسلۇبىمۇ ھۇجۇمنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، يېقىنقى 10 مەيدان مۇسابىقىسىدىكى توققۇز مەيداندا يۇقىرى نومۇر پەرقى كۆرۈلگەن، شۇنداقلا يېقىنقى يەتتە مېھمان مەيدان مۇسابىقىسىدە پەقەت بىر قېتىملا ئۇتتۇرغان، يېقىنقى 12 مەيدان مۇسابىقىسىنىڭ ھەممىسىدە توپ كىرگۈزگەن. لېكىن، پورتونىڭ مۇداپىئە سېپىدە مەسىلە مەۋجۇت، ئۇلار يېقىنقى توققۇز مەيدان مۇسابىقىدە يەتتە توپ كەتكۈزدى، بۇمۇ مانچېستېر شەھىرىنىڭ پايدىلىنىدىغان پۇرسىتىگە ئايلىنىشى مۇمكىن. بۇ مۇسابىقىدىكى ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي كۈچىدە پەرق خېلى بار، ئەمما پورتوغا سەل قاراشقا بولمايدۇ، مانچېستېر شەھىرى بىخەستەلىك قىلسىلا بۇ تۇنجى مەيدان ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىنى مەغلۇبىيەت بىلەن باشلاپ قېلىشى مۇمكىن.


分享到: