新闻详情

خامېس رودرىگۇز خانلىق مادرىدتىن ئايرىلىپلا قالتىس ئىپادىسىنى نامايەن قىلماقتا

发表时间:2020-10-21 20:25作者:爱酷艺体育来源:直播8

ئىسپانىيە تاراتقۇسى «ماركا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خامېس رودرىگۇز خانلىق مادرىدتىن ئايرىلىپ ئېۋېرتونغا قوشۇلغاندىن بۇيان سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە بەدەن قۇۋۋىتى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپ، تۈرلۈك ئىپادىسى جەھەتتە ھەممەيلەننى قايىل قىلىشقا باشلىدى.

يېقىنقى بىر نەچچە مۇسابىقە پەسلىدە، خامېس رودرىگۇز مەيلى خانلىق مادرىدتا بولسۇن ياكى بايرېن مىيۇنخېندا بولسۇن، ئوخشاشلا يارىلىنىش ئاسارىتىدىن قۇتۇلالمىدى، شۇنداقلا ئىپادىسىمۇ تۇراقسىز بولدى، كۆپىنچە ۋاقىتلارنى يارىلىنىش سەۋەبلىك ئارام ئېلىش بىلەن ئۆتكۈزۈش ئۇنىڭ پۇتبول دۇنياسىدىكى ئورنىغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتتى.

29 ياشقا كىرگەن خامېس بۇ قېتىم ئېۋېرتونغا قوشۇلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ خۇشال كۈنلىرىنى باشلىدى، ئۇنىڭ سالامەتلىكى ۋە بەدەن قۇۋۋىتى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا كۆپ ياخشىلاندى، ئۇ تېخىمۇ كۆپ مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى، شۇنداقلا ئىپادىسى تېخىمۇ قالتىس بولماقتا.

بىر مەزگىللىك تىرىشچانلىقتىن كېيىن، خامېس ئۆزىنىڭ قالتىس ئىپادىسى بىلەن ئېنگلاند بىرلەشمىسىدە پۇت تىرەپ تۇرالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى، ئالدىنقى بەش ئايلانما مۇسابىقىدە ئۇ ئىزچىل ئاساسلىق ئەزا بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى مەيدان مۇسابىقىنى تولۇق تاماملىدى، باشقا ئۈچ مەيدان مۇسابىقىدە بولغا ئاز دېگەندە 78 مىنۇت مۇسابىقىگە قاتناشتى.

يېڭى مۇسابىقە پەسلى باشلانغاندىن بۇيان خامېس ئېۋېرتون ۋە كولومبىيە دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن جەمئىي 676 مىنۇت مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 10-ئايدىكى ئىككى مەيدان دۆلەت كوماندىسىدا 164 مىنۇت مۇسابىقىگە قاتناشقان.

ئۆتكەن بىر نەچچە يىل ئىچىدە خامېسنىڭ كۇلۇبقا ۋاكالىتەن بىر مەيدان مۇسابىقىنى 90 مىنۇت تولۇق تاماملىغان ئەھۋال ئانچە كۆرۈلمەيدىغان بولۇپ، لېكىن بۇ قېتىم دۆلەت كوماندىسىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئېۋېرتون ۋە لىۋېرپول ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىدە پۈتۈن مەيدان مۇسابىقىنى تولۇق تاماملىدى.

«ماركا گېزىتى»نىڭ بىلدۈرىشىچە، زىدانى ئادەتتە توپچىلارنىڭ يارىلىنىشتىن ساقلاشقا پەقەتلا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان بولۇپ، بۇ قېتىم كادىزغا ئۇتتۇرغان مۇسابىقىدە ئۇ دۆلەت كوماندىسىدىن قايتىپ كەلگەن توپچىلاردىن ۋالۋېرد، مېندى ۋە كاسېمېرو قاتارلىق توپچىلارنى مەيدانغا چىقارمىغان، ئەكسىچە يېشى چوڭ بولغان مودرىچنى ئاساسلىق ئەزا قىلىپ مەيدانغا چىقارغان.

خامېس ئالدىنقى قېتىم ئېۋېرتون 2:2 نەتىجىدە لىۋېرپول بىلەن تەڭلەشكەن مۇسابىقىدە پۈتۈن مەيدان مۇسابىقىنى تولۇق تاماملىدى. ھازىر ئۇ ئانچېلوتتې ۋە باشقۇرۇش قاتلىمىدىكى مۇتەخەسىسلەرنىڭ تەلىپى بويىچە ھەر جەھەتتىن ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلماقتا، مەيلى ئۇسلۇبى بولسۇن ياكى كەيپىيات جەھەتتە بولسۇن، ئۇ ئوخشاشلا ئىلگىرىكىگە قارىغاندا كۆپ ئۆزگەردى، بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ئۇ ئېۋېرتون ئۈچۈن ئالتە مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، ئۈچ توپ كىرگۈزۈش ۋە تۆت قېتىم ياردەمچى پاس بېرىشتەك قالتىس ئىپادىسى بىلەن ئېنگلاند بىرلەشمىسىدە كەسپىي ھاياتىنىڭ قالتىس دەۋرىنى ياراتماقتا.


分享到: