新闻详情

ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى: ئاجاكس VS لىۋېرپول مۇسابىقىسىگە نەزەر

发表时间:2020-10-21 20:30作者:爱酷艺体育来源:直播8

بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى سەھەر سائەت 3:00تە، 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە كرۇيېف توپ مەيدانىدا ئوينىلىدۇ، ئاجاكس ساھىبخان مەيداندا لىۋېرپول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ، بۇ ئىككى كوماندا تارىختىن بۇيان چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە ئۆز-ئارا «تۇتۇشۇپ» باقمىغان، ئىككى كوماندىنىڭ يېقىنقى ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئاجاكسنىڭ ئەھۋالى بىر قەدەر ياخشى بولۇپ، بىرلەشمىدە ئۇدا تۆت مەيدان غەلبە قىلىپ، بىر مەيدان مەغلۇپ بولدى، ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ ئالدىنقى پەسىللىك چېمپىيونى لىۋېرپول يېقىنقى ئۈچ مەيدان مۇسابىقىدە غەلبە قىلالمىدى، گەرچە ئىككى كوماندىنىڭ ئەمەلىي كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا بەلگىلىك پەرق بولسىمۇ، ئەمما ۋاندىكقا ئوخشاش مۇداپىئە سېپىنىڭ «تۈۋرۈكى»دىن ئايرىلغان لىۋېرپولنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە غەلبە قىلىشى ئۇنچە ئاسانغا توختىمايدۇ، بۇمۇ بەلكىم ئاجاكسقا نىسبەتەن ئالاھىدە پۇرسەت بولۇشى مۇمكىن.

مۇسابىقە خارەكتېرى: 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسى

مۇسابىقە ۋاقتى: بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى سەھەر سائەت 3:00

مۇسابىقە ئورنى: كرۇيېف توپ مەيدانى

كۆرۈش نۇقتىسى 1: مۇداپىئە سېپىدىكى يېڭى شېرىكلەرنىڭ ئىپادىسى قانداق بولىدۇ؟

ئالدىنقى ئايلانمىدىكى «لىۋېرپول شەھىرى دېربىيسى»دا ۋاندىك قارشى تەرەپ قاپقىچىسىنىڭ قائىدىگە خىلاپلىق قىلىشىغا ئۇچراپ، يارىلىنىپ مەيداندىن ئالماشتۇرىۋىتىلدى، تاراتقۇلارنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە قارىغاندا ۋاندىك نەچچە ئاي مەيدانغا چۈشەلمەسلىكى مۇمكىن ئىكەن، شۇ سەۋەپلىك بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بىز گوللاندىيەلىك بۇ بېكنى مەيداندا كۆرەلمەيمىز، ۋاندىكتىن باشقا ماتىپمۇ يارىلانغانلىقتىن بۇ مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدۇ، ئەمما مۇشۇ ھەپتە ئاخىرىدا مەيدانغا چۈشەلىشى مۇمكىن.

لىۋېرپول ترېنېرى كلوپ مۇسابىقىدىن ئىلگىرىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئېنىق قىلىپ ماتىپنىڭ كوماندا ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە گوللاندىيەگە كەلمەيدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرگەن.

يۇقارقى سەۋەپلەرتۈپەيلى ئالاھىدە ئۆزگىرىش بولمىسىلا، گومېز بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئارقا بەل ماھىرى فابىنھو بىلەن قوش كىشىلىك ئوتتۇرا بېك گۇرۇپپىسىنى تەشكىل قىلىدىكەن، ئۇنداقتا بۇ بىر جۈپ «يېڭى شېرىكلەر» لىۋېرپولنىڭ مۇداپىئە سېپىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالامدۇ يوق؟

كۆرۈش نۇقتىسى 2: ئاجاكسنىڭ ساھىبخان مەيدان ئىپادىسى ياخشى

ئاجاكس بۇنىڭدىن بۇرۇن ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرىپ باققان، ئەمما ئاخىرىدا توتتېنھام تەرىپىدىن شاللىنىپ كەتكەن، ئۇنىڭدىن كېيىن كوماندىنىڭ كۆپ قىسىم ئاساسلىق ئەزالىرى تەرەپ-تەرەپكە يۆتكىلىپ، كوماندىنىڭ ئەمەلىي كۈچىمۇ ئوبدانلا تۆۋەنلىدى، ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلى چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ گۇرۇپپا باسقۇچىدىلا شاللانغان ئاجاكس، ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى ئويناشقا مەجبۇر قىلىندى، بۇ نۆۋەتلىك چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە ئاجاكس ئېنىقكى ئەينى يىلىدىكى قالتىس ھالىتىگە قايتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، يېڭى مۇسابىقە پەسلى گوللاندىيە بىرلەشمىسى بەش ئايلانما مۇسابىقىنى تاماملىدى، ئاجاكس تۆت مەيدان غەلبە قىلىپ، بىر مەيدان مەغلۇپ بولۇشتەك نەتىجە بىلەن پەقەت ئېيېنخوۋىننىڭلا كەينىدە تۇرماقتا.

يېڭى مۇسابىقە پەسلى ئاجاكسنىڭ ساھىبخان مەيداندىكى ئىپادىسى يەنىلا قالتىس، يېقىنقى ئۈچ مەيدان ساھىبخان مۇسابىقىدە تولۇق غەلبىنى قولغا كەلتۈردى، ئۇنىڭدىن باشقا 10 توپ كىرگۈزۈپ، ئاران بىر توپ كەتكۈزدى، كوماندا ھۇجۇمچىسى ئانتونى بىلەن تادىچنىڭ ھالىتىمۇ ناھايىتى ياخشى، شۇ سەۋەپتىن مۇداپىئە سېپى مۇقىم بولمايۋاتقان لىۋېرپول بىلەن ئوينايدىغان بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، ئاجاكس بىر مەيدان كۈچلۈك ھۇجۇم قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشى مۇمكىن.


分享到: