新闻详情

خەلقئارا مىلان vs مونشېنگلادباخ مۇسابىقىسىگە نەزەر

发表时间:2020-10-21 20:31

بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى سەھەر سائەت 3:00تە، 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە مېئاززا توپ مەيدانىدا ئوينىلىدۇ، خەلقئارا مىلان ساھىبخان مەيداندا مونشېنگلادباخ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ، بۇ ئىككى كوماندا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى تارىخىدا بۇنىڭدىن بۇرۇن پەقەتلا ئۇچرىشىپ باقمىغان، بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىدە خەلقئارا مىلان ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە غەلبە قىلالمىدى، مونشېنگلادباخ بىرلەشمىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، بىرلەشمىدە ئۇتتۇرۇپ باقمىدى، ئېنىقكى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە خەلقئارا مىلان بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئۇتۇش نىسبىتى يۇقىرى كوماندا ھېسابلىنىدۇ، ئەمما ئالدىنقى ئايلانما مىلان دېربىيسىدە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان خەلقئارا مىلاننىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى قانداق بولىدۇ؟

مۇسابىقە خارەكتېرى: 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسى

مۇسابىقە ۋاقتى: بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى سەھەر سائەت 3:00

مۇسابىقە ئورنى: مېئاززا توپ مەيدانى

كۆرۈش نۇقتىسى 1: خەلقئارا مىلاننىڭ يېقىنقى ئەھۋالىغا نەزەر

خەلقئارا مىلان يېڭى مۇسابىقە پەسلىنىڭ باشلىنىش باسقۇچىدا ئاز-تولا دەلدەڭشىپ كەتتى. ئالدىنقى ئايلانما «مىلان دېربىيسى»دا AC كوماندىسىغا تەڭ كېلەلمىدى، بۇمۇ كوماندىنىڭ جەڭگىۋارلىقىغا ئازراق تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە كوماندىنىڭ ئىپادىسى ئانچە ناچار ئەمەس، لېكىن پۇرسەتكە يۈزلەنگەندە ئىگىلەش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. خەلقئارا مىلان كوماندىسىمۇ نۆۋەتتە يۇقۇمنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. شىك، ئاشلېي ياڭ، رادۇ ۋە گاللىياردىنى قاتارلىقلار يۇقۇملانغانلىقى ئۈچۈن بۇ مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدىغانلىقى مۇقىملاندى. ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى ۋىسېنومۇ يارىلاندى، سېنسى گەرچە مەيدانغا چىقالايدىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ يېڭى مۇسابىقە پەسلىدىكى ئىپادىسى ئادەتتىكىچە بولغاچ، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بەلكىم يەنىلا ئاساسلىق ئەزالار قاتارىدا مەيدانغا چۈشەلمەيدۇ. باستونى بەلكىم كولاروۋنىڭ ئورنىدا ئاساسلىق ئەزالار قاتارىدا مەيدانغا چۈشۈشى مۇمكىن.

كۆرۈش نۇقتىسى 2: مونشېنگلادباخنىڭ يېقىنقى ئەھۋالىغا نەزەر

ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىگە سېلىشتۇرغاندا، مونشېنگلادباخنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلى گېرمانىيە بىرلەشمىسىدىكى باشلىنىش «سەپىرى» ئانچە ئوڭۇشلۇق بولمىدى. تۆت ئايلانمىدىن كېيىن بىر قېتىم يېڭىپ ، ئىككى قېتىم تەڭلىشىپ بىر قېتىم يېڭىلدى، بىرمۇ ساپ توپقا ئېرىشەلمىدى. كوماندا نەتىجىسىنىڭ تۆۋەن بولۇشىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر سەۋەپ شۇكى، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى زاكارىيا يارىلاندى. شۋىتسارىيەدىن كەلگەن تالانتلىق بۇ ياش ماھىر مونشېنگلادباخ كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيدانىدىكى ئەڭ ھالقىلىق ئەزاسى، ئۇنىڭ كەينى-كەينىدىن باغلاشتۇرۇشى بولمىسا، كوماندىنىڭ ھۇجۇم قىلىش، مۇداپىئە ئالمىشىشى بىراقلا تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ناھايىتى ئېنىقكى بۇنداق ئەھۋالدىكى مونشېنگلادباخ ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچ جەھەتتە خەلقئارا مىلاندىن يەنە بىر بالداق تۆۋەن ئورۇندا سانىلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە كوماندىنىڭ ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە ئانچە تەجربىسى يوق، ئۇلار ئالدىنقى قېتىم چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە 2016/2017-يىللىق مۇسابىقە پەسلى قاتناشقان، ئەمما ئۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى كوماندىمۇ گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدا شاللىنىپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىمۇ يەنىلا ئوخشاش گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە شاللىنىپ كەتكەن، كوماندىنىڭ 24-چىسلا بىرلەشمە مۇسابىقە ۋەزىپىسى بارلىقىنى ئويلاشقاندا بۇ مەيدان مۇسابىقىدە پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سالماسلىقى مۇمكىن. سەپ شەكلى جەھەتتە پولسېن يارىدار ،لازارو، بېنېس ۋە زاكارىيالارمۇ يارىلىنىش تۈپەيلى مەيدانغا چۈشەلمەيدۇ.


分享到: