新闻详情

چېڭلوڭ بىلەن لى ليەنجيې ئىككىسىدىن قايسىسىنىڭ ئېرىشكەن نەتىجىسى كۆپ؟

发表时间:2020-10-21 20:35作者:爱酷艺来源:腾讯

دۆلىتىمىزدىكى كىنو مۇنبەرلىرىدە كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدىغان نۇرغۇن گۇمپا چولپانلىرى بار، خۇددى لى شياۋلوڭغا ئوخشاش، يەنە چېڭلوڭ، لى ليەنجيې قاتارلىقلارمۇ بار. ئۇلارنىڭ دۆلىتىمىز كىنو ساھەسىگە قوشقان تۆھپىسى ئىنتايىن زور. بۇلارنىڭ ئىچىدە چېڭلوڭ بىلەن لى ليەنجيېنى كىشىلەر دائىم سېلىشتۇرۇپ تۇرىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگولۇق گۇمپا چولپانلىرىنىڭ ۋەكىلى، يەنە كېلىپ نام چىقارغان ۋاقتىمۇ ئانچە پەرقلەنمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككىسىنىڭ كىنودىكى نەتىجىسى خېلى يۇقىرى بولۇپ، كىشىلەر ئۇلارنى سېلىشتۇرۇشتىن خالىي بولالمايدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تورداشلار چامباشچىلىق سەۋىيىسىدىن تارتىپ كىنوچىلىق مۇۋەپپەقىيىتىگىچە، كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشتىن تارتىپ شەخسىي تۇرمۇشقىچە بولغان جەرياندا، چېڭلوڭ بىلەن لى ليەنجيېنى سېلىشتۇرۇپ چىقتى. چىڭلوڭ بىلەن لى ليەنجيېنىڭ چامباشچىلىق سەۋىيەسىگە كەلسەك، ھەر ئىككىسىنىڭ ئەمەلىي كۈچى ناھايىتى كۈچلۈك، يۇقىرى-تۆۋەننى پەرق ئەتكىلى بولمايدۇ. بىراق، ئۇلارنىڭ جانبازلىق ئۇسلۇبىنى ئايرىپ چىققىلى بولىدۇ. لى ليەنجيې چامباشچىلىق تەنھەرىكەتچىسىدىن كېلىپ چىققان، ئۇ ئۇرۇشسا كىشىگە بىر خىل يۇقىرى مەرتىۋىلىك ئۇستازنىڭ تەسىرىنى بېرىدۇ، چامباشچىلىق ھەرىكىتى جانلىق بولۇپ، ئۆزىنى ئەركىن تۇتىدۇ. ئەمما، چېڭلوڭ ياردەمچى چامباشچىلىقتىن كېلىپ چىققان، ئۇنىڭ چامباشچىلىق ھەرىكەتلىرى بىر قەدەر قىزىقارلىق بولۇپ، كىشىلەرگە خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ كىنولىرىدا كىمنىڭ ئۇتۇقى يۇقىرى، بۇمۇ كونا پاراڭ بولۇپ قالدى. ۋاقىت جەھەتتىن قارىغاندا، چېڭلوڭ لى ليەنجيېدىن بۇرۇن نام چىقارغان. 1978-يىلىدىن 1982-يىلىغىچە، چېڭلوڭ «مەست گۇمپىسى»(醉拳)، «يىلان قول»(蛇形刁手) دېگەن ئەسەرلىرى بىلەن شياڭگاڭنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد ھەرىكەتلىك فىلىم چولپىنىغا ئايلانغان، بۇ چاغدا لى ليەنجيې تېخى ئوتتۇرىغا چىقمىغان. لى ليەنجيې 1982-يىلى رەسمىي تونۇلغان بولۇپ، ئۇ «شاۋلىن بۇتخانىسى»دىكى قالتىس ئىپادىسىگە تايىنىپ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان. شۇڭا بۇ باسقۇچتا، چېڭلوڭنىڭ تەسىر كۈچى ۋە نەتىجىسى لى ليەنجېدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. 1983-يىلىدىن 1991-يىلىغىچە بولغان بۇ باسقۇچتا لى ليەنجيې يەنىلا چېڭلوڭدىن ئۈستۈن تۇرالمىغان. بۇ مەزگىلدە چېڭلوڭ «a پىلانى» ۋە «ساقچى ھېكايىسى» ئارقىلىق ئاسىيادىكى گىگانت چولپانغا ئايلانغان، لى ليەنجيې «جۇڭخۇا قەھرىمانى»نىڭ مەغلۇپ بولۇشى بىلەن بىر مەزگىل چۈشكۈنلىشىپ كەتكەن.

بىراق، 1991-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە ئىككەيلەن تەڭلىشىپ قالغان. لى ليەنجيې «خۇاڭ فېيخۇڭ» (黄飞鸿) ناملىق فىلىمگە تايىنىپ چېڭلوڭغا يېتىشىۋالدى، كېيىن تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ھەر خىل فىلىملەردە توختىماي رول ئالدى. چېڭلوڭ بۇ مەزگىلدە خەلقئارالىق چوڭ لىنىيەگە قەدەم قويغان بولسىمۇ، يەنىلا كىنودىن بېلەت كىرىمى كاپالەتكە ئىگە بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىن شياڭگاڭنىڭ كىنولىرى غۇلاپ چۈشتى، چېڭلوڭ بىلەن لى ليەنجيې ھوللىۋودقا بېرىپ تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدەندى، ئىككىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىمۇ بىر-بىرىدىن قېلىشمىدى. ئەمما 2008-يىلىدىن كېيىن لى ليەنجيې تەدرىجىي سەنئەت ساھەسىدىن چېكىنىپ چىقتى، فىلىمنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ئىنتايىن ئاز بولۇپ، ھازىر ئاساسەن فىلىم ئىشلىمەس بولدى. چېڭلوڭنىڭ مەھسۇلاتى يەنىلا يۇقىرى بولۇپ، كىنولار كەينى-كەينىدىن ئىشلەنگەن، كىنولارنىڭ سانى قانچە كۆپ بولسا، بېلەت كىرىمىمۇ شۇنچە كۆپ بولغان.

ئىككىيلەننىڭ كىنوچىلىق ھاياتىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئىككىيلەن سۈرەتكە ئالغان ئەسەرلەردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كىنو مۇۋەپپەقىيىتى جەھەتتە چېڭلوڭ ئاۋۋال نام چىقارغان، لى ليەنجيې كېيىن يېتىشىپ چىققان بولۇپ، بىر-بىرىدىن قېلىشمىغۇدەك دەرىجىدە تىركەشكەن. شۇڭا پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھازىر چېڭلوڭ لى ليەنجيېدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، مەسىلەن، چېڭلوڭنىڭ توردىكى مەستانىلىرىنىڭ سانى 60 مىليوندىن ئاشىدۇ، لى ليەنجيېنىڭ مەستانىلىرىنىڭ سانى 20 مىليوندىن ئاشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چېڭلوڭنىڭ شەخسىي كىنولىرىنىڭ بېلەت كىرىمىمۇ لى ليەنجيېدىن ئېشىپ كەتكەن، شياڭگاڭ فىلىملىرى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، كورېيە، جۇڭگو تەيۋەن كىنو بازارلىرىنى سۈپۈرۈپ تاشلىغان دەۋردە، لى ليەنجيېنىڭ بېلەت كىرىمى چېڭلوڭنىڭ كەينىدە قالغان، گەرچە ئۇلار سۈرەتكە ئالغان ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىدە ئېسىل ۋە ناچار فىلىملەر بولسىمۇ، لېكىن سۈپەت جەھەتتە لى ليەنجيې غەلىبە قىلدى. مەسىلەن، لى ليەنجيېنىڭ «فاڭ شىيۈ»(方世玉)، «شاۋلىن بۇتخانىسى» قاتارلىق ئەسەرلىرى سىنگاپورنىڭ بېلەت كىرىمى تارىخىدىكى رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىغان، «ئەرلەر ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزسا» (男儿当自强) ناملىق فىلىملىرى دۆلىتىمىزنىڭ بېلەت كىرىمى رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان.

ھەر ئىككىسىنىڭ نەتىجىسى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، «شاھ» دەپ ئاتالغان، ئۇنداقتا شاھ شاھنى كۆرگەندە قانداق قىلىشى كېرەك؟ چۈنكى بۇ سۆز مەرتىۋە مەسىلىسىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. تاماشا چەمبىرىكىدىكى ئورۇن تالىشىش ھەقىقەتەن بەك كۆپ بولۇپ، ئەگەر بىر كىنوغا ئوخشاش بولمىغان ئىككى چولپاننى تەكلىپ قىلساق، تەشۋىقات خادىملىرى غەم قىلىشى مۇمكىن. لېكىن چېڭلوڭ بىلەن لى ليەنجيې ھەمكارلاشقان «گۇمپا شاھى» (功夫之王) بۇ مەسىلىنى كۆڭۈلدىكىدەك ھەل قىلدى.

ئاۋام چولپانلارنىڭ ئەسەرلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشتىن باشقا، تەبىئىيكى، چولپانلارنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىنىمۇ بوش قويۇۋەتمەيدۇ، چېڭلوڭ بىلەن لى ليەنجيې ئىلگىرى شەخسىي تۇرمۇشى سەۋەبلىك كىشىلەرنىڭ ھاقارىتىگە ئۇچرىغان. چېڭلوڭنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىنىڭ قالايمىقان ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان، ھەمدە بۇ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان بۇنداق خەۋەرلەر ئۈزۈلمىدى، ھەتتا تويسىز تاپقان قىزى بار ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرمۇ تارقالغان. ئاخبارات ۋاستىلىرى چېڭلوڭنىڭ ئۆز قىزى بىلەن كارى يوقلىقىنى، ئازراقمۇ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ خەۋەرلەر نۇرغۇن كىنو مەستانىلىرىنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن، ئۇلار چېڭلوڭنى خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنالىغان ئىكەن، نېمىشقا ئۆز قىزىغا بۇنداق رەھىمسىزلىك قىلىدۇ، دەپ قارىغان. لى ليەنجيې تاراتقۇلارغا لى جى ئۈچۈن خوتۇنى خۇاڭ چيۇيەننى تاشلىۋەتكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ خۇاڭ چيۇيەننى ياخشى كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى، ئالدىنقى ئايالىدىن تۇغۇلغان ئىككى قىزىغا تېخىمۇ سوغۇق مۇئامىلە قىلغانلىقىنى ئېيتقان. نۇرغۇن تورداشلار لى ليەنجيېنىڭ ئۆز قىزىغىمۇ كۆڭۈل بۆلمەي، خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنى قىلغانلىقىنى سۆككەن.

چېڭلوڭ بىلەن لى ليەنجيېنىڭ دۆلىتىمىز كىنوچىلىقىغا قوشقان تۆھپىسىنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ، ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ تاماشىبىنلارغا نۇرغۇن خۇشاللىق ئاتا قىلدى. ئەمەلىيەتتە چولپانلار بىلەن كىنو مەستانىلىرى بەرىبىر ناتونۇش كىشىلەر، پەقەت ئەسەرلەر ئىككىسىنىڭ ئارىلىقىنى ۋاقتىنچە يېقىنلاشتۇردى خالاس، چولپانلارنىڭ شەخسىي تۇرمۇشى كىنو مەستانىلىرىدىن بەكلا يىراقتا.


分享到: