新闻详情

NASA نېمە ئۈچۈن ئاي شارىدا 4G تورى قۇرىدۇ؟

发表时间:2020-10-21 20:38作者:爱酷艺来源:腾讯

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (NASA) يېقىندا 14 مىليون 100 مىڭ دوللار مەبلەغ ئاجرىتىپ، فىنلاندىيە نوكىيا شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئاي شارىدا تۇنجى 4G خەۋەرلىشىش تورى قۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

1

نوكىيانىڭ بېل تەجرىبىخانىسىنىڭ تارماق شىركىتى ئامېرىكىلىق ماشىنا ئادەم مۇتەخەسسىسى Intuitive Machines بىلەن ھەمكارلىشىپ، 4G خەۋەرلىشىش سىستېمىسى قۇرۇپ، 2022-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئاي شارىنىڭ سىرتقى يۈزىگە قونىدىغان ئەسۋابقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. بۇ پىلان ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ«ئارتېمىس» پىلانىنىڭ بىر قىسمى. بۇ ئىسىم يۇنان ئەپسانىلىرىدىن ئېلىنغان بولۇپ، ئامېرىكا تۈزگەن ئايغا قايتىش پىلانى، 2024-يىلى تۇنجى ئايال ئالەم ئۇچقۇچىسى ۋە بىر ئەر ئالەم ئۇچقۇچىسىنى ئاي شارىغا ئېلىپ چىقىش ھەمدە 2028-يىلى ئاي شارىدا ئىنسانلارنىڭ ئۇزاق مۇددەت تۇرۇشلۇق بازىسىنى قۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.

ئۇنداقتا ئاي شارىدا 4G تورى قۇرۇش پىلاننىڭ قانداق مۇھىم ئەھمىيىتى بار؟

ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى يېقىندا ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىرقى 4G ئۆلچىمىگە سېلىشتۇرغاندا، ئۇ تېخىمۇ يىراق مۇساپىلىك، تېخىمۇ تېز سۈرئەتلىك ئاي شارى ئالاقىسى بىلەن تەمىنلەپ، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىنى مۇھىم ئالاقە ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەيدىكەن، ۋەزىپىسى ئاي شارى ئاپتوموبىلىنى يىراقتىن كونترول قىلىش، ھەر ۋاقىت يول باشلاش ۋە يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ۋىدىئو ئېقىمىنى يەتكۈزۈش ئىكەن. نوكىيا بېل تەجرىبىخانىسى يەنە ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئالاھىدە لايىھەلەش ئارقىلىق، بىز ئاچقان 4G تورى ئالەم بوشلۇقىدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا، ۋاكۇئۇم ۋە رادىياتسىيەگە بەرداشلىق بېرەلەيدۇ». شۇنداق بولۇپلا قالماي، نوكىيا يەنە بىر دوكلاتتا، 4G تورى ئىنسانلارنىڭ ئاي شارىدا ئۇزۇن مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ، دەپ كۆرسەتتى. كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ ئالاقە ئۈسكۈنىلىرى ئاي شارى تورىنى كېڭەيتىدۇ، يېڭى تېخنىكا ئۆلچىمىنىڭ پىشىپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، نوكىيا شىركىتىنىڭ ئۈسكۈنىلىرى 4G دىن 5G تورىغا ئۆرلەيدۇ. ئامېرىكا ئاۋىياتسىيە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 14 كارخانىغا پۇل ئاجرىتىشىدىكى سەۋەب، ئارتېمىسنىڭ ئايغا چىقىش پىلانىنى تېخنىكا بىلەن تەمىنلەپ، ئۇنى ئاخىرىدا ئىنسانلارنىڭ مارسقا چىقىشتىكى «ئۆتەڭ پونكىتى» قىلىپ، مارس ۋەزىپىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش.


分享到: