新闻详情

كوبىنىڭ ۋانىسا بىلەن ئۆتكەن ھاياتى

发表时间:2020-10-21 20:42作者:爱酷艺网来源:腾讯

كوبىنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى ۋانىسا براينت بولۇپ، ئۇ ئاددىي ئايال ئەمەس. كوبىنىڭ ئايالى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ نۇرغۇن بەدەل تۆلىدى، خېلى ئىشلاردا بەرداشلىق بەردى! ئەلۋەتتە، ئۇ نۇرغۇن نەرسىلەرگىمۇ ئېرىشتى. ئۇ ئاددىي بىر ئايالدىن ئالتۇن سۇمۇرغقا ئايلىنىپ، جەمئىيەتنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدىن بىۋاستە يۇقىرى قاتلام جەمئىيىتىگە قەدەم قويدى. كوبى بۇ ئايالنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتتى.

بۇ لاتىن ئامېرىكا قان سىستېمىسىغا ئىگە مېكسىكىلىق ئايال جورىسىز ئائىلىدە چوڭ بولغان، دادىسى بىلەن ئاپىسى ياش ۋاقتىدا ئاجرىشىپ كەتكەچكە، ئۇ ئىزچىل ئاپىسى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەن. كېيىن ئۇنىڭ ئانىسى سىتىفىن ئىسىملىك بىر ئەر بىلەن بىللە تۇرغان، ۋانىسامۇ ئاپىسى بىلەن بىللە لوس ئانژېلېسقا كۆچۈپ بېرىپ ئۆگەي دادىسى بىلەن بىللە تۇرغان. لېكىن، بۇ ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتىنى ئۆزگەرتەلمىگەن. ئۇنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى ناچار بولغاچقا، ۋانىسا دائىم ئۆيىدىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدا قوشۇمچە خىزمەت قىلىپ بۇ ئارقىلىق ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي بېسىمىنى يېنىكلەتكەن. مەسىلەن، ئۇ مال سېتىۋېلىش مەركىزىگە بېرىپ ساتقۇچى بولغان، مۇزىكا ئەترىتىگە ھەمراھ بولۇپ ئۇسسۇل ئوينىغان، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا ئارقا كۆرۈنۈش مودېلى بولغان.

ئەينى چاغدا كوبى توپ مەيدانىدىكى بىر يېڭى يۇلتۇزغا ئايلانغان. لېكىن، كوبىنىڭ ھېسسىياتى ئىزچىل تۇراقلاشماي كەلگەن، يەنە كېلىپ مۇھەببەت جەھەتتىمۇ بەلگىلىك ئوڭۇشسىزلىققا ۋە زەربىگە ئۇچرىغان. بۇ ئۇنى بەك چۈشكۈنلەشتۈرىۋەتكەن. ئۇ ئىزچىل ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان، كۆڭلىدىكىدەك قىزنى تېپىشنى ئويلايتتى. 1999-يىلىغا كەلگەندە، كوبى ئاخىرى بويتاقلىق تۇرمۇشىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان قىزنى ئۇچراتتى. ئۇ دەل 16 ياشلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىسى ۋانىسا ئىدى. ئەينى چاغدىكى ۋانىسا SnoopDogg شىركىتى ئۈچۈن قوشۇمچە مودېللىق خىزمىتىنى ئىشلەۋاتاتتى. ئىككىيلەن تاسادىپىي تونۇشۇپ قالغان، باشقىلارنىڭ ئېيتىشچە، ئۇلار ئىككىسى بىر كۆرۈشۈپلا بىر بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلدى، كوبى ۋانىسانى قاتتىق قوغلاشتى، ئۇ دائىم ئۆزىنىڭ ھەشەمەتلىك بېنىز پىكاپىنى ھەيدەپ ۋانىسانى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويىدۇ، ۋانىسانىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئانچە كارى بولمايتتى. شۇنداق قىلىپ، كوبى بىلەن ۋانىسا بىللە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. ئۇ چاغدا ئاخبارات ۋاستىلىرى كوبى بىلەن ۋانىسا ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتنى ئانچە بىلىپ كەتمەيتتى.

بىراق، دۇنيادا ئاشكارىلانمايدىغان ئىش يوق، بولۇپمۇ كوبىغا ئوخشاش دەرىجىدىن تاشقىرى چولپاننىڭ مۇھەببىتى ئاخىر ئاشكارىلاندى. 2000-يىلى NBAنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى مەزگىلىدە، ۋانىسا تۇنجى قېتىم ئاممىۋى سورۇندا پەيدا بولدى، سىرتقى دۇنيا ناھايىتى تېزلا ئۇنىڭ بىلەن كوبىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ باشقىچە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاخبارات ۋاستىلىرى تەرىپىدىن ئىز قوغلاپ خەۋەر قىلىنشقا باشلىدى. بەزى تاراتقۇلار ئاخباراتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ۋانىسا ئوقۇۋاتقان مەكتەپتىن ئەھۋال سۈرۈشتۈرۈشكە باشلىدى، ھەتتا ئۇلار تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن مەكتەپ ئاسمىنىدا ئەگىپ ئۇچۇپ، كوبى بىلەن ۋانىسانىڭ بىللە چۈشكەن سۈرىتىنى تارتىشنى مەقسەت قىلدى. كوبىدەك بۇنداق دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ چولپانلار تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى بەك تارتقاچقا، ئۇنىڭ ۋانىسا بىلەن بولغان مۇھەببىتى مەكتەپكە بىر قاتار تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىپ، مەكتەپنىڭ نورمال ئوقۇتۇش تەرتىپىگىمۇ تەسىر يەتكۈزدى. بىراق، ئەينى چاغدا كوبى كىچىك بولغاچقا، مەسىلىنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلمىغانىدى. شۇڭا، مەكتەپنىڭ يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرى بىر تۈرلۈك قارار چىقىرىپ، كوبىنىڭ مەكتەپ ئەتراپىدا پەيدا بولۇشىنى رەت قىلدى، كوبى بىلەن ۋانىسانىڭ مەكتەپتىكى ھەر قانداق پائالىيەتكە قاتنىشىشىنىمۇ چەكلىدى.

بۇ چەكلەش بۇيرۇقلىرى تۈپەيلىدىن، كوبى ئامالسىز ۋانىسانى ئۆيدە ئوقۇشقا دەۋەت قىلدى. شۇنداق قىلىپ كوبى بىلەن ۋانىسا ئۆزىنىڭ شېرىن مۇھەببىتىنى داۋاملاشتۇرالايدىغان بولدى. ھالبۇكى، كوبى بىلەن ۋانىسانىڭ مۇھەببىتى يەنىلا تەسەۋۋۇردىكىدەك ئوڭۇشلۇق بولمىدى. ئۇلارغا ئەڭ چوڭ قارشى تۇرغىنى ئاتا-ئانىسى بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كوبىنىڭ خىزمەتداشلىرى ۋە پېشقەدەملىرىمۇ بۇ مۇھەببەتنى ئانچە قوللاپ كەتمىگەن. كوبى بىلەن ۋانىسانىڭ مۇھەببەتلەشكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، كوبىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئارقا-ئارقىدىن ئۇنىڭ مۇھەببىتىگە قارشى تۇرغان. كوبىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ قارشى تۇرۇش سەۋەبى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچى، ۋانىسا پەقەت بىر ئادەتتىكى ئايال، ئۇنىڭ بىلەن كوبىنىڭ ئورۇن پەرقى بەك چوڭ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋانىسانىڭ ئائىلىسى نامرات، ئۇ كوبىغا پەقەتلا ماس كەلمەيدۇ. ئىككىنچى، ۋانىسا دائىم تىرنىقىنى ئۇزۇن ئۆستۈرۈپ، تىرناق لاكى سۈركەپ، گىرىمنى قېنىق قىلىدۇ. بۇ ئۇنىڭ تەربىيە كۆرمىگەن، مەدەنىيەتسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئۈچىنچىدىن، ئۇ قارا تەنلىك ئەمەس بەلكى ئاق تەنلىك، ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى كوبىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ نەزىرىدە ئۆرپ-ئادەتكە خىلاپ ئىدى. تۆتىنچى، ۋانىسانىڭ پەزىلىتىدە مەسىلە بولۇشى مۇمكىن، ئۇ كوبىنىڭ پۇلىنى دەپلا توي قىلماقچى دەپ قارىغان.

كوبىنىڭ كۆپ قىسىم كۆل ئادىمى كوماندىسىدىكى سەپداشلىرىمۇ ئۇلارنى تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن، مۇھەببىتى ئۇزۇنغا بارالمايدۇ دەپ قارىغان.

گەرچە كوبى بىلەن ۋانىسانىڭ مۇھەببىتى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ. ئەمما كوبى ئاخىر ۋانىسا بىلەن توي قىلدى، بۇ توي ئىشى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. ئالدى بىلەن كوبىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋانىسانىڭ ئائىلىسى بەك نامرات، بۇ ئائىلە ھەمىشە كوبىنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ، دەپ كەسكىن قارشى تۇردى. كوبىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر كوبىنىڭ كېچىكىپ توي قىلىشىنى، تويدىن بۇرۇنقى مال-مۈلۈكنى قوغداش كېلىشىمى ئىمزالىشىنى تەلەپ قىلدى. لېكىن جاھىل كوبى قەتئىي رەت قىلدى. ئەينى ۋاقىتتا كۆل ئادىمى كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى فىل جېكسونمۇ كوبىنىڭ بۇ قىلمىشىغا قارشى تۇرغان، ئۇمۇ كوبىنىڭ توي قىلىشنى كېچىكتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلغان. نېمىلا دېگەن بىلەن ئەينى چاغدىكى ۋانىسا بىلەن كوبى تېخى ياش ئىدى (ۋانىسا ئۇ چاغدا ئاران 18 ياشتا ئىدى). كوبىنىڭ پېشۋاسى شۇنداقلا ئىلگىرىكى NBA توپچىلىرى ئىلگىرى كوبىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنى ئامال بار توي قىلىشنى كېچىكتۈرۈشنى ياكى ھېچبولمىغاندا تويدىن بۇرۇنقى مال-مۈلۈكنى قوغداش كېلىشىمى تۈزۈشنى ئېيتقان. ھەتتا ئەينى ۋاقىتتا كوبىنىڭ ۋاستىچىسى Tellum كوبىنىڭ تويدىن بۇرۇنقى كېلىشىمنى رەت قىلغانلىقىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن ئۇ كوبىدىن ئايرىلىپ ئۆز يولىغا راۋان بولغان. لېكىن ھەر خىل قارشى سادالار كوبىنىڭ ئىرادىسىنى تەۋرىتەلمىدى، ئۇ قەتئىي ھالدا ۋانىسانىڭ يېنىدا بولدى. ئۇ ۋانىسا بىلەن توي قىلىشنى تاللىدى. 2001-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى كوبى بىلەن ۋانىسا لوس ئانژېلېستىكى رىم كاتولىك چېركاۋىدا توي قىلدى، لېكىن ئۇلارنىڭ تويى ئانچە كۆپ تۇغقانلىرىنىڭ تىلىكىگە ئېرىشەلمىدى. كوبىنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى توي مۇراسىمىغا قاتناشمىدى، كوبىنىڭ كۆل ئادىمى كوماندىسىدىكى سەپداشلىرى ۋە خىزمەتداشلىرىمۇ قاتناشمىدى. كوبىنىڭ قوغدىغۇچىسىدىن باشقا، تويغا قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسى قىزنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بولۇپ ئارانلا 12 ئادەم قاتناشتى.

گەرچە كوبى بىلەن ۋانىسا ئانچە كۆپ كىشىلەرنىڭ تىلىكىگە ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ. لېكىن بۇ ئىككىيلەننىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ يېقىنلىشىشىغا توسقۇنلۇق قىلالمىدى. ئىككەيلەن توي قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، كوبى ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى Palisads رايونىدىكى داچىسىنى سېتىۋېتىپ، ئائىلىسىدىكىلەرنى فىلادېلفىيەگە ئاپىرىپ قويدى. ئۇ لوس ئانژېلېستىن قايتىدىن بىر داچا سېتىۋېلىپ ۋانىسا بىلەن تۇرمۇش كەچۈردى. توي توغرىسدىكى ئىختىلاپ تۈپەيلىدىن، كوبى بىلەن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ مۇناسىۋىتى قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە كوبى كۆل ئادىمى كوماندىسىدىمۇ ئانچە قارشى ئېلىنمىغان، سەپداشلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئادەتتىكىچە. بۇنىڭ بىلەن كوبى بەزىدە ئۆزىنى غېرىپسىنىپ قالغاندەك ھېس قىلغان. 2001-يىلى كوبى ئۈچ نەپەر قوغدىغۇچى ياللىغان. كوبى سىرتقا چىقىپ مۇسابىقىگە قاتناشقاندا، قوغدىغۇچىلىرى كوبىنىڭ يېنىدىكى ئەڭ يېقىن دوستلىرى بولۇپ قالدى، كوبى غەلىتە مىجەزى تۈپەيلى ئەزەلدىن باشقىلار بىلەن بۇنداق يېقىن بولالمىغان. كوبى بىلەن قوغدىغۇچىلارنىڭ ئۇزاق مۇددەت بىللە تۇرۇشى جەريانىدا، ئۇمۇ قوغدىغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. قوغدىغۇچىلار كوبىنى سىرتقا چىقىپ ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇشىغا، قاۋاقخانىغا بېرىپ ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىشقا ئىلھاملاندۇردى. ئاستا-ئاستا كوبى ئۆزىنى قويۇۋېتىشنى، خۇشاللىق ئىزدەشنىمۇ بىلىشكە باشلىدى. بۇ ئۇنى يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلدۇردى.

لېكىن، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يەنىلا ياخشىلانمىدى، كوبى بىلەن ئاتا-ئانىسى بىر مەزگىل ئاساسەن ئالاقىلاشمىدى، كوبىنىڭ ئانىسى كوبىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاپ باقماقچى بولدى، كوبىنىڭ ئانىسى ھەتتا كوبى ئەر-خوتۇننى فىلادېلفىيەگە بېرىپ دەم ئېلىشقا تەكلىپ قىلدى، لېكىن ۋانىسا بۇنداق تەلەپنى رەت قىلدى، كوبىمۇ ئانىسىنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلدى. كوبىنىڭ ئانىسىنىڭ تىرىشچانلىقى ئانچە ئۈنۈم بەرمىدى. 2003-يىلى 4-ئايغا كەلگەندە، كوبىنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تەدرىجىي ياخشىلاندى. ھالبۇكى، بۇنداق ياخشىلىنىش كوبى بىلەن ۋانىسانىڭ زىددىيىتى ئاساسىغا قۇرۇلغان. 2001-يىلى 4-ئايدىن 2003-يىلى 4-ئايغىچە، كوبىنىڭ ئائىلىسى قارىماققا ئىنتايىن بەخىتلىك كۆرۈنەتتى. گەرچە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشى بولمىسىمۇ، ئەمما NBA بىرلەشمىسىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى گىگانت چولپان بولۇش سۈپىتى بىلەن لوس ئانژېلېسقا ئوخشاش چوڭ شەھەردە، كوبى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان چولپان ئىدى. چوڭ قىزىنىڭ تۇغۇلۇشىغا ئەگىشىپ، كوبى ناھايىتى ئۇتۇق قازاندى. لېكىن، تاشقى دۇنيا پەقەت ياخشى تەرەپنىلا كۆرۈپ، كوبىنىڭ تۇرمۇشىدىكى داۋالغۇشنى بايقىيالمىدى. ئەمەلىيەتتە، كوبى بىلەن ۋانىسانىڭ تۇرمۇشىدا نۇرغۇن زىددىيەتلەر پەيدا بولۇشقا باشلغان ئىدى. 2002-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىن باشلاپ، ۋانىسا ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى مەيدانىدا كوبىغا ناھايىتى ئاز مەدەت بەرگەن. شۇ چاغدا سىرتتىكىلەر ۋانىسانىڭ ھامىلدار بولۇپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبىدىن ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغان، ئەمەلىيەتتە كوبى سىرتتا تاماشا قىلىپ يۈرگەن، سىرتقا چىقىپ مۇسابىقىلەشكەندە، ئۇنىڭ سەپداشلىرى كوبىنىڭ دائىم ئاياللار بىلەن چاقچاقلىشىۋاتقانلىقىنى بايقىغان. بۇنداق ئەھۋالنى ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا ۋانىسا بىلىپ قالغان، ۋانىسانىڭ ئوقۇش تارىخى يۇقىرى بولمىغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە كوبىغا ئوخشاش دەرىجىدىن تاشقىرى چولپاننىڭ ئايالى بولغاچقا ئۇ تەدرىجىي ھالدا قوپال، ھاكاۋۇر، چىقىشىپ ئۆتكىلى بولمايدىغان، ئۆزىنىڭكىنىلا راست دەيدىغان، باشقىلارنى ھۆرمەت قىلمايدىغان خاراكتېرنى يېتىلدۈرىۋالغان.

2003-يىلى 3-ئايغا كەلگەندە، ئەينى ۋاقىتتىكى كوبى ۋانىسادىن ئايرىلىشنى ئويلىشىپ بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە كوبى ئاجرىشىش ئادۋوكاتى بىلەن ئۇچرىشىشقا باشلىغان. ۋانىسا بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ناھايتى ئاچچىقلانغان، كوبى بىلەن ئۆيدە قاتتىق ئۇرۇشۇپ قالغان. كېيىن ۋانىسانى قۇتقۇزۇش ماشىنىسى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان، ئەينى چاغدا ۋانىسا تېخى يېڭى يەڭگىگەن بولغانلىقتىن كەيپىياتى ناھايىتى تۇراقسىز ئىدى. كوبىنىڭ بۇ ۋاقىتتا بۇنداق قىلىشى قاملاشمىغان بىر ئىش ئىدى.

كېيىن كوبىنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشىلاندى، كوبىنىڭ ئاتا-ئانىسى 2003-يىلى 5-ئايدا نەۋرە قىزىنى يوقلىدى.

2003-يىلى 6-ئايدا، كولورادو ئىشتاتىدا كاتىرىنفىبېل ئىسىملىك 19 ياشلىق قىز ئوقۇغۇچى كوبىنىڭ جىنسىي پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان. بۇ ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، كوبىنىڭ ئايالى ۋانىسا قەتئىيلىك بىلەن كوبىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ يولدىشىنى ئاقلىغان. ھالبۇكى، جىنسىي پاراكەندىچىلىك دەۋاسى 14 ئاي داۋاملاشتى، بۇ كوبى بىلەن ۋانىساغا ناھايىتى ناچار تەسىر ئېلىپ كەلدى، ۋانىسا بۇ مەزگىلدە يەنە بۇ ئىش ئېلىپ كەلگەن غايەت زور بېسىم تۈپەيلىدىن بويىدىن ئاجراپ كەتتى. ئاخىرىدا دەۋا سوت سىرتىدا يارىشىش بىلەن ئاخىرلاشتى، كوبى بۇ قىز ئوقۇغۇچىدىن ئاشكارا كەچۈرۈم سورىدى، يەنە قارشى تەرەپكە 5 مىليون دوللار تۆلىدى. قىز تەرەپمۇ ئەرزنى قايتۇرىۋالدى. ئۆزى ئۆتكۈزگەن ئېغىر خاتالىق سەۋەبىدىن، كوبى ۋانىسانىڭ كەيپىياتىنى تىنچلاندۇرۇش ئۈچۈن ۋانىساغا 4 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ئۈزۈك سوۋغا قىلدى.

بۇ ئىشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، كوبى بىلەن ۋانىسانىڭ مۇھەببىتىگە دەز كەتتى، ئەمما ۋانىسا بالىسى ئۈچۈن چىداپ تۇرۇشنى تاللىدى. كېيىن ئۇنىڭ كوبى بىلەن بولغان ھېسسىياتى بارغانسېرى كۈچەيدى، لېكىن ۋانىسا يەنىلا كوبىنىڭ سىرتتا كۆڭۈل خۇشى قىلىشىنى توسۇپ قالالمىدى. بۇ بەلكىم كۆپ قىسىم NBA توپچىلىرىنىڭ ئورتاق كېسىلى بولۇشى مۇمكىن، نام-ئاتاق ھەم كۆپ بايلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قالتىس ئايال ئۇنىڭ ئارقىسدا تۇرۇپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنى بېغىشلاشنى خالايدۇ. كوبى توپ مەيدانىدا ئاجايىپ دەۋران سۈرۈپ، چەكسىز شۆھرەت قازاندى. توپ مەيدانىنىڭ سىرتىدا ئۆزى بىلگەننى قىلىپ يۈرۈيدۇ. لېكىن، ۋانىسا ئامالسىز، پەقەت چىشىنى چىشلەپ ئۆتتى. 2006-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى كوبى بىلەن ۋانىسانىڭ 2-قىزى تۇغۇلدى. ھالبۇكى، بۇ كوبىنىڭ كونا ئادىتىنى ئۆزگەرتەلمىدى.

دەرغەزەپ بولغان ۋانىسا 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى ئاجرىشىش ئىلتىماسىنى سۇندى. ۋانىسا كوبىنىڭ تەبىئىتىنى ئۆزگەرتىش تەس، ئائىلسىگە بولغان ساداقىتىنى يوقاتتى دەپ ئەيىبلىگەن. ۋانىسانىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، كوبى ھەر يىلى 10 قېتىم ئاشنا تۇتىدىكەن. ئۇ بارغان ھەر بىر شەھەردە، كوبىنىڭ مۇقىم ياكى ۋاقىتلىق جىنسىي ھەمراھى بار. 2011-يىلى كوبى يەنىلا قىلمىشىنى توختاتمىدى، ۋانىسا ياللىغان شەخسىي رازۋېدچىك ئۇنىڭ ئاياللار بىلەن تۇرغان سۈرىتىنى تارتىۋالغان. ئۇ چاغدا، ۋانىسا پۈتۈنلەي ئۈمىدسىزلەندى، ئەسلىدە ئۇ بۇ تۇرمۇشىنى قۇتقۇزماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئاخىرى يەنىلا مەغلۇپ بولدى. شۇنىڭ بىلەن ۋانىسا ئاجرىشىپ كېتىشنى قارار قىلدى. لېكىن كوبىنىڭ ۋانىساغا يەنىلا مۇھەببىتى بار. ئۇ بۇ 10 يىللىق تۇرمۇشىدىن ۋاز كېچەلمىدى، نېمىلا دېگەن بىلەن ۋانىسا ئۆزىگە 10 يىل ھەمراھ بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككى قىزى بار ئىدى. شۇڭا، كوبى يارىشىپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشتى. ئۇ ۋانىساغا ئۆزىگە يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بېرىشنى تەلەپ قىلدى ھەمدە ۋانىساغا مەڭگۈ ئاسىيلىق قىلماسلىققا ۋەدە بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كوبى يەنە ناھايىتى قىممەتلىك بىر ئۈنچە-مەرۋايىت سېتىۋېلىپ ۋانىساغا سوۋغا قىلىپ، ئۆزىنىڭ سەمىمىيىتىنى بىلدۈردى. كوبىنىڭ سەمىمىي، شېرىن ھۇجۇمى ئاستىدا، ئۇلار ئاممىۋى سورۇنلاردا بارا بارا بىرگە پەيدا بولۇشقا باشلىدى. بۇ چاغدا، كىشلەر بۇ ئىككىيلەننىڭ يارىشىپ قالغانلىقىنى بىلدى.

شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئىككىسى يارىشىپ قالدى. 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى كوبى بىلەن ۋانىسا ئاجرىشىش كېلىشىمىنى بىكار قىلغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلدى. ھەمدە سۈرەتلىرىنى ھەمبەھىرلەپ، مۇھەببىتىنى نامايان قىلدى. ئەينى چاغدا ئىككى تەرەپ يارىشىش باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «بىز يارىشىشنى جاكارلىغانلىقىمىزدىن ئىنتايىن خۇشال، بىزنىڭ ئاجرىشىش كېلىشىمىمىز بىكار قىلىنىدۇ، بىز بىرلىكتە كەلگۈسىگە يۈزلىنىشىمىز كېرەك.» شۇنىڭ بىلەن كوبى بىلەن ۋانىسانىڭ مۇناسىۋىتى تەدرىجىي ياخشىلىنىشقا باشلىدى. لېكىن، ئىشلار ئۇنچە ئوڭۇشلۇق بولمىدى. ئالدى بىلەن ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋانىسانىڭ ۋېت ئىسىملىك بىر مېكسىكىلىق كەسپىي بوكسچى بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. 2013-يىلى 3-ئايدا، تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كوبىنىڭ ئايالى ۋانىسانىڭ ئىلگىرى بىر ناخشىچى بىلەن ئاشنا ئوينىغانلىقى، بىنورمال مۇناسىۋەتتە بولغانلىقى ئاشكارىلانغان. بۇ مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئۈچۈن، ۋانىسا بۇ ناخشىچىغا 40 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى «ئاغزىنى ئېتىش ھەققى» بەرگەن. ھالبۇكى، AP.9 ئىسىملىك بۇ ناخشىچى ئاخبارات ۋاستىلىرىغا بۇ خەۋەرنى ئاشكارىلىدى، ئۇ كۆز بويامچىلىق قىلىپ، ئۆزى بىلەن خۇپىيانە مۇھەببەتلىشىۋاتقان بۇ ئايالنىڭ كوبىنىڭ خوتۇنى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. ئەلۋەتتە، بۇ پەقەت ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرى، ئىشەنچىلىك ئەمەس. بۇ ئىش ئەينى چاغدىكى ئىككىيلەننىڭ مۇناسىۋىتىگە بىر قەۋەت قارا كۆلەڭگە پەيدا قىلغانىدى، نېمىلا دېگەن بىلەن ئىككەيلەن ئەمدىلا يارىشىپ قالغانلىقىنى جاكارلىغىلى ئۇزۇن بولمىغان. بەختكە يارىشا، كوبى ئايالى تەرەپتە تۇرۇشنى تاللىدى، ئۇلار ئاخىرى بۇ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتتى.

ئۇنىڭدىن كېيىن، كوبى بىلەن ۋانىسانىڭ تۇرمۇشى تىنىچ ئۆتتى. 2016-يىلى 4-ئايدا كوبى سەپتىن چېكىنىشنى تاللىدى. ئاندىن كېيىن كوبى ئۆزىنىڭ نامىدىكى كۆپلىگەن شىركەتلەردە تىجارەت قىلىپ خوجايىن بولدى. ۋانىسا داۋاملىق كوبىغا سەمىمىي ياردىمىنى ئايىمىدى. 2016-يىلى 12-ئايدا ئۇ كوبىغا ئۈچىنچى قىزىنى تۇغۇپ بەردى. 2019-يىلى 6-ئايدا ئۇ كوبىغا 4-قىزىنى تۇغۇپ بەردى.


分享到: