新闻详情

مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغانلار قانداق بولىدۇ؟

发表时间:2020-10-21 20:46作者:爱酷艺体育来源:腾讯

بۇ دۇنيادا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى ئارزۇ قىلمايدىغان ئادەم يوق، چۈنكى بۇ بىر ئادەمنىڭ ئىقتىدارىنى نەتىجە بىلەن باھالايدىغان دۇنيا، مۇۋەپپەقىيەت بولسا بىر ئادەمنىڭ ئىقتىدارىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. ئېلىمىزنىڭ 5000 يىللىق تارىخىي مەدەنىيىتىگە نەزەر سالساق، تارىخ سەھىپىسىگە كىرگۈزۈلگەن داڭلىق شەخسلەر مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلغان، ھەتتا ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن يانماي مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن، شۇڭا كىشىلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا شۇنچە ھېرىسمەن بولۇشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس، چۈنكى مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلار تارىخ سەھىپىسىگە يېزىلىپلا قالماي، يەنە تارىخنى ئۆزگەرتىپ يازالايدۇ.

كىشىلەر مۇۋەپپەقىيەتكە شۇنچە ئىنتىلىدۇ، لېكىن ھەقىقىي مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلار كۆپ ئەمەس، شۇڭا بۇ دۇنيادا شۇنچە كۆپ مەغلۇبىيەتچىلەر بار. بۇ مەغلۇبىيەتچىلەرنىڭ ئىقتىدارى يېتەرلىك ئەمەس، چۈنكى ئۇلار مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش جەريانىدا، بىرىنچىدىن، پۇرسەتنى چىڭ تۇتالمايدۇ، ئىككىنچىدىن، يۈز -ئابرۇيىنى ھەممىدىن مۇھىم بىلىدۇ. بەزىدە يۈز-ئابرۇي ئەلۋەتتە مۇھىم. ئەمما مۇۋەپپەقىيەت بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئابرۇي پەقەت تىلغا ئېلىشقىمۇ ئەرزىمەيدۇ، ئۇ پەقەت ئۆزى مۇھىم بىلىدىغان نەرسە،ئەمما باشقىلارنىڭ نەزىرىدە بىر تىيىنغىمۇ ئەرزىمەيدۇ.

بىرى دۇنيادىكى ئەڭ باي، يەنە بىرى ئادەتتىكى پۇقرا، كىمنىڭ يۈزى تېخىمۇ پۇلغا يارايدۇ؟ ئىشىنىمەنكى، نۇرغۇن كىشىلەر دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بايلارنىڭ ئابرويىنى تېخىمۇ پۇلغا يارىتالايدۇ، لېكىن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بايلار دەل ئابرويىنى قانداق تاشلاشنى بىلگەچكە، بۈگۈنكىدەك مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن، شۇڭا بىر ئادەم مۇۋەپپەقىيەت قازانماقچى بولسا، ئالدى بىلەن ھەرگىز يۈز كېرەك بولمايدۇ.

يۈز بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئەرزان نەرسە.

بەزىلەر يۈزىنى ئۆزىنىڭ جېنىدىنمۇ مۇھىم كۆرىدۇ، لېكىن بەزىلەر دەل بۇنىڭ ئەكسىچە.

يۈز-ئابرۇينى ئۆز جېنىدىنمۇ مۇھىم بىلىدىغان كىشىلەر، ئۇلارنىڭ يۈز-ئابرۇيى ئەكسىچە بىر تىيىنغىمۇ ئەرزىمەيدۇ. ئەمما ئۆزىنىڭ يۈز-ئابرۇيىنى بىر چەتكە قايرىپ قويىدىغان كىشىلەر كىشىلەرنىڭ شۇنچە ھۆرمىتىگە ئىرىشەلەيدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا قانچە كۆڭۈل بۆلگەن نەرسە شۇنچە ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ، كۆزگە ئىلمىغان پەرۋا قىلمىغان نەرسە، ئەكسىچە چەكسىز قىممەتلىك.

ئەمەلىيەتتە يۈز-ئابروي بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئەرزان، ئەڭ پۇلغا يارىمايدىغان نەرسە، پەقەت سىز ئۆزىڭىزنىڭ قىممىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرسىڭىز، سىزنىڭ يۈزىڭىز ئاندىن پۇلغا يارايدۇ، ئەگەر سىز پەقەت بىر ئەرزىمەس ئادەم بولسىڭىز، سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ئاتالمىش يۈز-ئابروي، پەقەت سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى نەرسە خالاس، باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ. شۇڭا، بىر ئادەم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان چاغدا، يۈز-ئابرۇيىنى قايرىپ قويۇشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندا مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىن يۈز-ئابرويىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

بېشىنى تۆۋەن قىلىشنى بىلىدىغان ئادەمنىڭ باش كۆتۈرۈش پۇرسىتى بولىدۇ.

يۆ بېگى گۇجيەن جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلغانلىقى ئۈچۈن تارىخ سەھىپىسىدىن ئورۇن ئالدى، باش ئېگىشنى بىلىدىغان ئادەم بولغاندىلا ئاندىن بېشىنى مەغرۇر كۆتۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ. زامانغا باققان دانىشمەن دېگەنلىك ئادەم بولۇشنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى دەل مۇۋاپىق پەيتتە باش ئېگىشنى بىلىش، ئۆزىنىڭ يۈزىنى تۆكۈشنى بىلىش، ھەرگىزمۇ جاھىللىق بىلەن ئۇ يەردە ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرۇش دېگەنلىك ئەمەس. تېخى مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان ۋاقىتتا، ھەر قانداق سۆز ۋە ئىدىيە ئارتۇقچە بولىدۇ. چۈنكى ھېچكىم ئېتىراپ قىلمايدۇ، باشقىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى كېرەك.

بىر مەغلۇپ بولغۇچى مەمەدانلىق قىلسا، ھېچكىم ئاڭلاشنى خالىمايدۇ. ئۆزىمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىسا، نېمە بىلەن باشقىلارنى ساڭا ئاۋاز قوشۇشقا چاقىرىدۇ؟ بىر ئادەمنىڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئۆزىگە ئەمەس، نەتىجىسىگە تايىنىپ قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. باش ئېگىشكە توغرا كەلگەندە باش ئېگىش، قورقۇشقا توغرا كەلگەندە قورقۇپ كېتىش كېرەك. جاھىللىق بىلەن چىڭ تۇرۇۋالسا، تېخىمۇ كۆپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ. سىزنىڭ ئاشۇ ئاتالمىش گەپلىرىڭىزنى ئۇتۇق قازانغاندا چىقىرىڭ، بولمىسا قۇرۇق گەپكە ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ.

مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرگەندە قانچە نومۇسسىز بولسا پۇرسەت شۇنچە چوڭ بولىدۇ.

ئادەمنىڭ ئاتالمىش يۈز ئابرويىنى، مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان ۋاقىتتا ئېلىپ چىقىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەڭ ئاخىرىغىچە كۈلگىنى غەلىبە قىلغۇچى، پۇرسەتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۆزىنى ئۇنتۇپ كېتىشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك.

مەغرۇرلۇق مەڭگۈ مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارغا قالىدۇ، سىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىن بۇرۇن چوقۇم مەغرۇرلىقىڭىزنى يىغىشتۇرۇڭ، ھەقىقىي مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندا ئاندىن كۆز-كۆز قىلىڭ. بىر ئادەم يۈز-ئابرۇيىنى تاشلىغاندىلا، ئاندىن دۇنيادا تەڭداشسىز مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ، يۈز-ئابروي ئەلۋەتتە مۇھىم، لېكىن ئۇنى مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندا چوقۇم ئىشلىتىش كېرەك، بولمىسا بىر تىيىنغا ئەرزىمەيدۇ.


分享到: