新闻详情

گۈزەل ئاياللار تېخىمۇ ئەقىللىق بولامدۇ؟

发表时间:2020-10-21 20:48作者:爱酷艺网来源:直播8

لوندون ئىقتىساد داشۆسىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات پىسخولوگى «گۈزەللىك تەرەققىياتى» نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇ ئىنسانلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىدا، ئاياللارنىڭ بارغانسېرى چىرايلىق بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ئەرلەرنىڭ قىياپىتىدە ئۆزگىرىش چوڭ ئەمەسلىكىنى، يەنە كېلىپ چىرايلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ تېخىمۇ چىرايلىق قىزلارنى تۇغىدىغانلىقىنى، چىرايلىق بالىلارنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسىنىڭ ئوخشاش ياشتىكى بالىلارغا قارىغاندا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 12.4 يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

شۇڭا، بىز قانچە چىرايلىق ئاياللارنى شۇنچە ئەقىللىق دەپ ئويلايمىز. ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئاياللار بارغانسېرى ئەقىللىق بولۇپ كېتىۋاتىدۇ، بۇ خىل ھادىسىنى پىسخولوگىيە ئارقىلىق قانداق چۈشىنىش كېرەك؟

ئادەتتە، گۈزەل شەيئىلەر ئاسانلا كىشىدە دوپامىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن چوڭ مېڭىدە خۇشاللىق تۇيغۇسى پەيدا بولۇپ، ئادەم بەدىنىدە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلىنىدۇ. پىسخولوگلارنىڭ قارىشىچە، ئىنسانلارنىڭ پىسخىكىسىدا مەڭگۈ ھېسسىي بىلىش ئاساس قىلىنىدۇ، كىشىلەر چىرايلىق كىشلەرگە يېقىنلىشىشنى تېخىمۇ خالايدۇ. تەبىئىي ھالدا گۈزەل ئاياللارنىڭ ھەممىسى بەك ئەقىللىقتەك تۇيغۇدا بولىدۇ.

پىسخولوگىيەدە نۇر ھالقىسى ئېففېكتى دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئاتالغۇ بار بولۇپ، ئۇ كىشىلەر ئارىسىدىكى تۇيغۇغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر خىل ئامىلنى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭ گۈزەل شەيئىلەرگە بولغان قارىشىمىز خۇددى ئاي گەردىشىدىكى نۇر ھالقىسىغا ئوخشاش ئەتراپقا كېڭىيىدۇ.

نۇر ھالقىسى ئېففىكتى بىلەن قارىمۇقارشى بولغىنى ئالۋاستى ئېففىكتى بولۇپ، ئەگەر ئادەمنىڭ مەلۇم بىر خىل پەزىلىتىگە ياكى نەرسىنىڭ مەلۇم بىر خىل خۇسۇسىيىتىگە نىسبەتەن يامان تەسىرى بولسا، ئادەمنىڭ بۇ ئادەمنىڭ باشقا پەزىلىتىگە ياكى بۇ نەرسىنىڭ باشقا خۇسۇسىيىتىگە بولغان باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئىجتىمائىي پىسخولوگلار بۇ نەزەرىيەنىڭ چىنلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، بىر تۈرلۈك تەجرىبە ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە، گۈزەل كىشىلەر مۇلايىم، پەزىلەتلىك، سالاپەتلىك دېگەن باھاغا، بىرقەدەر كۆرۈمسىز كىشىلەر سەلبىي باھالارغا ئاسان ئېرىشىدىكەن.

كىشىلەر چىراي-تۇرقى چىرايلىق كىشىلەرنى ئۆمۈرلۈك ھەمراھ قىلىپ تاللاشقا بەكرەك مايىل، چۈنكى چىرايلىق بولۇش «ياخشى گېن»نىڭ بىر خىل سىمۋولى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھازىرقى باسقۇچتا بىز «چىرايلىق» بولۇشنىڭ ئۆلچىمى تەدرىجىي تەرەققىي قىلغان ياخشى گېننىڭ قانداق چىراينى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت دەپ قارايمىز.

ئەمەليەتتە «ياخشى گېن» بولسا بىر ئادەمنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان گېننى بەلگىلەيدۇ. ئىنسانلار ياشاش ۋە كۆپىيىش جەريانىدا، گېننىڭ ياخشىلىرىنى تاللاپ، ناچارلىرىنى شاللايدۇ. بارغانسېرى تېخىمۇ ئەقىللىق، تېخىمۇ چىرايلىق بوۋاقلارغا ئىگە بولۇش ئىنسانلارنىڭ بىر خىل تۇغما قابىليىتى ھېسابلىنىدۇ.

لوگىكىلىق خاتالىق - «ئەقىللىق ئايال تېخىمۇ چىرايلىق.»

كىشىلەر گۈزەل شەيئىلەرگە ئىنتىلىپ، تەبىئىي ھالدا بەزى ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆزىنى گۈزەللەشتۈرىدۇ. بەزى ئاياللار تۇغۇلۇشىدىنلا ئۇنچىلا گۈزەل ئەمەس، لېكىن گۈزەللىككە بولغان چوڭقۇر ئىشتىياقى بار بولغاچقا، ئۇلار بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۆزىنى گۈزەللەشتۈرۈشنى ئىستەيدۇ. ئۇلار تېخىمۇ كۆپ بىلىم، تەربىيە ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سالاپىتىنى نامايان قىلماقچى بولىدۇ، بارا بارا ئۇلارنىڭ قەلبى سۈزۈكلىشىدۇ، بۇ خىل گۈزەللىك قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن كەلگەن بولۇپ، ئەقىل ئاياللارنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرىدۇ.


分享到: