新闻详情

200 يۈەنلىك رەقەملىك خەلق پۇلى دۇنياغا كەلدى!

发表时间:2020-10-21 22:27作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئۇيغۇرچە رادىيو سالونى

يېقىندا شېنجېن شەھىرى رەقەملىك خەلق پۇلى قىزىل بولىقى تارقىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. 12-ئۆكتەبىردىن باشلاپ، چەك تارتىش ئارقىلىق تاللاپ چىقىلغان 50 مىڭ «تەلەيلىك ئادەم» رەقەملىك خەلق پۇلى قىزىل بولىقىنى ئىشلىتىپ مال سېتىۋېلىشتەك ئاجايىپ ئۆزگىچە كەچمىشىنى باشلىغان. نۆۋەتتە، شېنجېننىڭ «رەقەملىك خەلق پۇلى قىزىل بولىقى»نى سىناق قىلىش پائالىيىتى رەسمىي ئاخىرلاشتى.رەقەملىك خەلق پۇلى قانداق شەكىلدە؟ قانداق ئىشلىتىلىدۇ؟

مەركەز تېلېۋىزىيەسى ئىقتىساد قانىلىنىڭ «ئىقتىساد خەۋەرلىرى» پىروگراممىسىدىن ئېلىنغان كۆرۈنۈش

شېنجېن شەھىرى لوخۇ رايونى باۋئەن جەنۇبىي يولىدا، تاللا بازارلىرى، پارچە سېتىش دۇكانلىرى، تۇرمۇش مۇلازىمىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەچچە ئون تىجارەت ئورنى رەقەملىك خەلق پۇلى ئىشلىتىشنى باشلىغان.

شېنجېن شەھىرىدىكى مەلۇم بىر تاللابازارنىڭ مەسئۇلى دېڭ سەيرۇڭ: ھەممە دۇكانلىرىمىز رەقەملىك خەلق پۇلى سودىسىنىڭ تەرتىپىگە دائىر مەشغۇلات تەربىيەسىگە قاتنىشىپ بولغان، تەييارلىقىمىز پۈتكەندىن كېيىن، خېرىدارلارنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى كۈتۈپ تۇردۇق.

مۇخبىرنىڭ ئېيتىشىچە، شەھەر ئاھالىسى ئىچىدىن تاللاپ چىقىلغان 50 مىڭ ئادەم تەكلىپكە بىنائەن رەقەملىك خەلق پۇلى ناملىق بىر ئەپنى چۈشۈرگەن. ئەپ ئىچىدە 200 يۈەنلىك رەقەملىك خەلق پۇلى كۆرۈنىدىكەن. ئېكراننى ئاستىغا سۈرسە پۇل ئېلىش، ئۈستىگە سۈرسە پۇل تاپشۇرۇش ھالىتىگە ئۆتىدىكەن، ئۈستىدە يەنە پۇل يۆتكەپ بېرىش دېگەندەك خەتلەر كۆرۈنىدىكەن، بۇ كەلگۈسىدە يەنە ھېساب ئاغدۇرۇش مۇلازىمىتى تەمىنلەپ بېرىلىشى مۇمكىنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن. لېكىن بۇ قېتىملىق سىناقتا بۇ مۇلازىمەت ئېچىلماپتۇ.

مۇخبىر تاللا بازىرىدا مال سېتىۋېلىپ پۇل تاپشۇرۇش ۋە مالنى قايتۇرۇپ پۇل ياندۇرۇۋېلىش مەشغۇلاتىنى سىناپ كۆرگەن. پۈتۈن جەريان چىقىمدان ۋە ئۈندىدار مەشغۇلاتى بىلەن ئوخشاش چىققان.

19-ئۆكتەبىر شېنجېن شەھىرى بەرگەن ئۇچۇرغا قارىغاندا، 2020-يىل 18-ئۆكتەبىر سائەت 24كە قەدەر، تاللاپ چىقىلغان 47573 ئادەم «لوخۇ رايونى رەقەملىك خەلق پۇلى قىزىل بولىقى»نى ئوڭۇشلۇق تاپشۇرۇۋالغان ھەمدە بۇ قىزىل بولاقنى ئىشلىتىپ جەمئىي 62788 قېتىملىق سودىنى تاماملىغان، سودا سوممىسى 8 مىليون 764 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، تاللاپ چىقىلغان قىسمەن ئادەملەر يەنە ئۆزىنىڭ رەقەملىك ھەميانىغا قىممەت تولۇقلىغان. قىممەت تولۇقلىغاندىن كېيىنكى ئىستېمال سوممىسى 901 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.

جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۆلەت پۇل مۇئامىلە ۋە تەرەققىيات تەجرىبىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ تاۋ: بۇ سىناقتا بىر تەرەپتىن ئوخشاش بولمىغان مۇھىتقا ماسلىشىپ، قانداق قىلغاندا تېخىمۇ راۋان چىقىم ۋاسىتىسى بولغىلى بولىدىغانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن، كەلگۈسى شارائىتتا توردىكى خېيىم-خەتەرلەرنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلانغىلى بولىدىغانلىقىنى سىناق قىلىش مەقسەت قىلىنغان. يەنى بۇ ھەم بېسىم سىنىقى، ھەم ئەمەلىي قوللىنىش سىنىقى ھېسابلىنىدۇ. ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىلدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ تەسىرى ئۈمىد باغلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.


分享到: