新闻详情

ئاپتوموبىل ئىگىلىرى دىققەت! كونا ئاپتوموبىلنىڭ ETC رى مۇنداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ

发表时间:2020-10-21 22:28作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېڭشۈن تورى

مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ETC نى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇپ، بىزگە قولايلىق يارىتىش بىلەن بىرگە، يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەرنى كېلىپ چىقتى. مەسىلەن پۇلنى خاتا تۇتۇپ قېلىش، كارتا ئىشلىمەس بولۇپ قېلىش، تالون كېسىش تەس بولۇش، ئاتچوت قىلىش ئاۋارىچىلىقى قاتارلىقلار. نۇرغۇن ئاپتوموبىل ئىگىلىرى بۇ ئىشلاردىن بېشى بەك ئاغرىغانلىقىنى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭى ئاپتوموبىل ئالماشتۇرغانلار كونا ئۈسكۈنىلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلمەيدۇ. بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن بۇرۇن، كۆپچىلىك تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى چۈشىنىپ بېقىشى كېرەك. ئەگەر ياردىمى بولسا، ئۆز-ئارا تارقىتىشىپ قويارسىلەر.

بىر ئاپتوموبىل بىر كارتا بىر بەلگە

ETC كارتىسى ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسى ئۇچۇرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، «بىر ئاپتوموبىل، بىر كارتا، بىر بەلگە» نى يولغا قويۇش ئاپتوموبىلغا كىملىك بېجىرگەنگە باراۋەر. شۇڭا، ئۇنى چۇۋۇپ ئېلىۋەتسەك پۈتۈن ETC ئۈسكۈنىسىنى قايتىدىن ئاكتىپلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

كونا ETC ئۈسكۈنىسى قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟

1. يېڭى ماشىنا ئالماشتۇرغاندا، بۇرۇنقى كونا ماشىنا نومۇرىنى داۋاملىق ئىشلەتكەنلەر

نومۇر تاختىسى ۋە ئاپتوموبىل ئىگىسىنىڭ ئۇچۇرى ئۆزگەرمىدى، لېكىن ئاپتوموبىل ئۆزگەردى. بۇ ئەھۋالدا ETC مۇلازىمەت تور نۇقتىلىرىغا بېرىپ يېڭى ئاپتوموبىل ئۇچۇرىنى كىرگۈزۈش كېرەك.

بېجىرىش تەرتىپى

بىرىنچى، كونا ئاپتوموبىلدىكى ئېلېكترونلۇق بەلگە ۋە ETC كارتىسىنى ئېلىۋېتىپ، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك كىنىشكىلەرنى (كىملىك، يېڭى ئاپتوموبىل يول يۈرۈش كىنىشكىسى، يېڭى ئاپتوموبىل) ئېلىپ ETC مۇلازىمەت تور نۇقتىلىرىغا بېرىپ ئۆزگەرتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش كېرەك.

ئىككىنچى، ئېلېكترونلۇق بەلگىنى قايتىدىن ئاكتىپلاشتۇرۇپ، يېڭى ئاپتوموبىل ئۇچۇرىنى كىرگۈزگەندىن كېيىن، ئۈسكۈنىنى يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى شامال توسۇش ئەينىكىگە بار جايغا ئورناتسىلا داۋاملىق ئىشلەتلىكى بولىدۇ.

2. يېڭى ئاپتوموبىل سېتىۋېلىپ، نومۇر تاختىسىنىمۇ ئالماشتۇرغانلار

كونا ماشىنىنى سېتىپ يېڭى ماشىنىغا ئالماشتۇرۇپ، يېڭى نومۇر تاختىسى ئىشلەتمەكچى بولغانلار ئەسلىدىكى ETC ئۈسكۈنىسىنى ئېلىپ، كارتا تارقاتقۇچى بانكىغا بېرىپ رويخەتتىن ئۆچۈرۈش رەسمىيتى بېجىرىشى كېرەك. ئاندىن يېڭى ماشىنىغا يەنە بىرنى بېجىرسىلا بولىدۇ.

ETC ئامانەت پۇل كارتىسى بارلار: ئاپتوموبىل ئىگىسى مۇناسىۋەتلىك كىنىشكىلەرنى (كىملىك، يېڭى ئاپتوموبىل يول يۈرۈش كىنىشكىسى، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تىزىملاش كىنىشكىسى، يېڭى ئاپتوموبىل) ئېلىپ ETC مۇلازىمەت تور نۇقتىلىرىغا بېرىپ ئۇچۇر ئۆزگەرتىشى ياكى رويخەتتىن ئۆچۈرۈشى كېرەك، ئەگەر كارتىدا قالدۇق سومما بولسا، پۇل قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

ETC ھېساب خاتىرىلەش كارتىسى بارلار: ئەگەر بانكا تور نۇقتىسى ئارقىلىق بېجىرمەكچى بولسا، ETC نى بېجىرگەندە ھېسابات ئاچقۇزغان بانكىغا بېرىپ مەسلىھەت سورىشى كېرەك. ئەگەر ETC غەيرىي بانكا يولى ئارقىلىق بېجىرمەكچى بولسا، ئابۇنتلار مۇناسىۋەتلىك كىنىشكىلەرنى (كىملىك، يېڭى ئاپتوموبىل يول يۈرۈش كىنىشكىسى، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تىزىملاش كىنىشكىسى، يېڭى ئاپتوموبىل) ئېلىپ ETC تىجارەت زالى تور نۇقتىسىغا بېرىپ ئۇچۇر ئۆزگەرتىش رەسمىيىتى بېجىرسە بولىدۇ.

ئەسكەرتىش: بىر ئاپتوموبىل نومۇرىغا پەقەت بىرلا ETC ئۈسكۈنىسىنى باغلىغىلى بولىدۇ، ئەگەر نومۇر تاختىسىنى ئالماشتۇرماقچى بولسا، چوقۇم ئەسلىدىكى نومۇر تاختىسىغا باغلىغان ETC نى رويخەتتىن ئۆچۈرۈۋېتىش كېرەك. بۇ باشقىلارنىڭ نومۇر چايقىغاندا ئەسلىدىكى كونا ماشىنا نومۇرى تاللىنىپ قېلىپ، ETC نى تىزىمغا ئالدۇرغاندا «بۇ نومۇر تاختىسى ئىگىلەنگەن» دەپ چىقىپ قېلىپ، بىۋاستە بېجىرگىلى بولماسلىقتەك ئەھۋاللارنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن.

قايتا ئىشلەتمەيدىغان ETC نى قانداق قىلىش كېرەك؟

ئاپتوموبىل ۋە نومۇر تاختىسىنى سېتىۋېتىشتىن بۇرۇن، چوقۇم ETC ئۈسكۈنىسىنى ئېلىۋېتىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. ئاندىن مۇناسىۋەتلىك كىنىشكىلەرنى (كىملىك، يېڭى ئاپتوموبىل يول يۈرۈش كىنىشكىسى، يېڭى ئاپتوموبىل، كونا ئاپتوموبىل يول يۈرۈش كىنىشكىسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى) ئېلىپ بېرىپ رويخەتتىن ئۆچۈرۈڭ.

ETC ئامانەت پۇل كارتىسى بار ئابونتلار: ETC تور نۇقتىسىغا بېرىپ رويخەتتىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىدۇ، كارتا ئىچىدە قالدۇق پۇل بارلار پۇل قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

ETC ھېسابات خاتىرىلەش كارتىسى بار ئابونتلار: كارتا تارقاتقان بانكىغا بېرىپ رويخەتتىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىش كېرەك.

ئەسكەرتىش: ماشىنا ساتقاندا ETC ئۈسكۈنىسىنى ئېلىۋەتمىسە، ئاپتوموبىل سېتىۋالغۇچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىكى ETC يولىدا ماڭغاندا، سىستېما ئاپتوماتىك ھالدا ئەسلىدىكى ئاپتوموبىل ئىگىسىنىڭ ھېساباتىدىن پۇل تۇتىۋېلىپ، ئۆزىگە ئورۇنسىز زىيان ۋە ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

ETC كارتىسىنى تارتىۋېتىپ يول يۈرۈش ئارقىلىق پۇل تېجىگىلى بولامدۇ؟

ئەمەلىيەتتە، كارتىنى تارتىۋەتكەندە نورمال ھەق تۇتۇلۇپلا قالماي، يەنە ئارتۇق ھەق ئېلىنىش مۇمكىن! شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ETC كارتىسىنى تارتىۋېتىپ سۈنئىي ئارىلاشما يولدا مېڭىش ETC نى قېلىپلاشمىغان ھالدا ئىشلىتىشكە كىرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېرىم يولدا كارتا تارتىۋېتىش ھەق تۆلەشتىن قەستەن قېچىش قىلمىشى دەپ قارىلىپ، ئاپتوموبىل ئىگىسى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلۈشى مۇمكىن.


分享到: