新闻详情

مانچېستېر بىرلەشمىسى كۇلۇب تارىخىدا يېڭى رېكورت ياراتتى

发表时间:2020-10-21 22:29作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېڭشۈن تورى

بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى سەھەر سائەت 3:00تە، 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان كۈچلۈكلەر ئۇچرىشىشى، پارىژ شاھزادە باغچىسى توپ مەيدانىدا باشلاندى، پارىژ سانت گېرمان ساھىبخان مەيداندا مانچېستېر بىرلەشمىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، ئاخىرىدا مانچېستېر بىرلەشمىسى مېھمان مەيداندا 1:2 نەتىجىدە پارىژ سانت گېرمان كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى، بۇنىڭ بىلەن كوماندا ھەر تۈرلۈك مۇسابىقىلەردىكى مېھمان مەيداندا ئۇدا 10 مەيدان غەلبە قىلىشتەك قالتىس نەتىجىنى بارلىققا كەلتۈردى.

2020102107065088276.jpg

نوپۇزلۇق پۇتبول سانلىق مەلۇمات تورى «OPTA»نىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، مانچېستېر بىرلەشمىسى نۆۋەتتە مېھمان مەيداندا ئوينالغان ھەر تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە ئۇدا 10 مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، كوماندا تارىخىدا يېڭى رېكورت ياراتقان.

يۇقارقى نەتىجە «قىزىل ئالۋاستى قوشۇنى» تارىخىدا يېڭى رېكورت ياراتقان بولۇپ، مانچېستېر بىرلەشمىسى بۇنىڭدىن بۇرۇن ئەزەلدىن مېھمان مەيداندا ئوينالغان ھەر تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە ئۇدا 10 مەيدان غەلبە قىلىپ باقمىغان.

يۇقارقىلاردىن باشقا، «Gracenote» تاراتقۇسى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇمات ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، پارىژ سانت گېرمان يېقىنقى چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ گۇرۇپپا باسقۇچىدىكى 25 مەيدان ساھىبخان مۇسابىقىسىدە تۇنجى قېتىم مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان، بۈگۈن سەھەردىكى مانچېستېر بىرلەشمىسىگە ئۇتتۇرغان مۇسابىقە، ئۇلارنىڭ چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچىدىكى يېقىنقى 25-مەيدان ساھىبخان مۇسابىقىسى بولۇپ، ئەمما ئۇلار تۇنجى قېتىم مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان، بۇنىڭدىن بۇرۇنقى 24 مەيدان مۇسابىقىدە پارىژ سانت گېرمان 19 مەيدان غەلبە قىلىپ، بەش مەيدان تەڭلىشىشتەك نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرماي كەلگەن، ئەپسۇسلىنارلىقى بۈگۈن سەھەر مەغلۇبىيەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى.


分享到: