新闻详情

كىرىستىيانو رونالدونىڭ يېڭى چاچ پاسونى ۋە  يۇقۇمدىكى ئەھۋالى مۇنازىرە قوزغىدى

发表时间:2020-10-21 22:33作者:ئەلكۈيى تورى来源:جىبوبا تورى

كىرىستىيانو رونالدو يەنە يېڭى چاچ پاسونىئۆزگەرتتى، بۇ قېتىم چېچىنى بىۋاستە« يۇملاق» شەكلىگە ئۆزگەرتتى، يىراقتىن قارىغاندا، ھەتتا بىر تاقىرباشتەك كۆرۈنىدۇ. نۆۋەتتە يېڭى تاجىسىمان ۋېروس بىلەن يۇقۇملانغان، ئايرىۋېتىلىۋاتقان كىرىستىيانو رونالدو يەنىلا ئۆيىدە مەشىق قىلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا سۆزلىگەن سۆزىدىن ئۇنىڭ روھىي ھالىتىنىڭ ھېچقانداق تەسىرگە ئۇچرىمىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

بۇنداق كىرىستىيانو رونالدومۇ توپ مەستانىلىرىنىڭ مۇنازىرىسىنى قوزغىدى، ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان نۇرغۇن توپ مەستانىلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇنداق تەلەپچان بولۇش كىرىستىيانو رونالدونىڭ ئەڭ ئاخىرىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى تۈپ سەۋەب ئىكەن.

بۇ پەسىللىك مۇسابىقىدە كىرىستىيانو رونالدو يۇۋېنتۇسقا ۋاكالىتەن ئىككى مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان ئەھۋال ئاستىدا، ئۈچ توپ كىرگۈزۈپ، بىر ياردەمچى پاس بەرگەن. 35 ياشقا كىرگەن بىر پېشقەدەم ماھىرغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇنداق سانلىق مەلۇماتلارنى مۇتلەق مۇنەۋۋەر دېيىشكە بولىدۇ، لېكىن كىرىستىيانو رونالدوغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇنداق نەتىجە پەقەت لاياقەتلىك ھېسابلىنىدۇ، خالاس.

نۆۋەتتە يۇۋېنتۇس ئىتالىيە بىرلەشمىسى 4 ئايلانما مۇسابىقە ئېلىپ بارغان ئەھۋال ئاستىدا 2 تەڭلىشىپ 2 ئۇتۇپ، بىرلەشمە رەت تەرتىپىدە 5-ئورۇندا تۇرماقتا، گەرچە ھېچقانداق بىر مەيدان مۇسابىقىدە ئۇتتۇرۇپ قويمىغان بولسىمۇ، لېكىن يەنە بىر قېتىم ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ زومىگىرى بولۇش ئۈچۈن، ئۇلار كىرىستىيانو رونالدونىڭ قايتا مەيدانغا چىقىشىغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇپ، كوماندىنىڭ جۇغلانما نۇمۇر توپلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

كىرىستىيانو رونالدونىڭ بۇ قېتىم يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملىنىشى نۇرغۇن توپ مەستانىلىرىنىڭ دىققىتى ۋە مۇنازىرىسىنى قوزغىدى، ھەتتا ھەرقايسى چوڭ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىدا زىلزىلە قوزغىدى. گەرچە توپچىلار يۇقۇملانغاندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا ساقىيىش مىساللىرى بولغان، ھەمدە ماھارەت كۆرسىتىش ھالىتى ھېچقانداق تەسىرگە ئۇچرىمىغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا نۇرغۇن كىشىلەر 35 ياشقا كىرگەن كىرىستىيانو رونالدونىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىنكى ھالىتىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىشىدىن ئەنسىرىگەن.

پەقەت 39 ياشلىق ئىبراھىم ئۆزىنىڭ مىسالى ئارقىلىق كۆپچىلىككە ناھايىتى ياخشى ئىسپات كۆرسىتىپ بەردى، 40 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغان بولسىمۇ، كەسپىي توپچىلارنىڭ سالامەتلىكى يەنىلا ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭكىدىن كۆپ ياخشى ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىرىستىيانو رونالدو يەنىلا شۇنداق تەلەپچان ئىدى.


دۇنيا پۇتبول مۇنبىرىدە كىم ئەڭ تالانتلىق توپچى دىسە، مەستانىلەر نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئىسمىنى دەپ بېرەلەيدۇ. لېكىن ئەگەر كىمنى يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تەلەپچان توپچى دېسەك، كىرىستىيانو رونالدونىڭ ئىسمى چوقۇم جاۋابنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا تىزىلىدۇ، بۇ 35 ياشلىق پورتۇگالىيەلىك 15 يىلدىن يۇقىرى سەۋىيەنى ساقلاپ قالغان ھەمدە ھازىرغىچە كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەش ھالىتىنى كۆرمىگەن. ئەگەر ئۇ خالىسا، ھەتتا نۇرغۇن توپ مەستانىلىرى ئۇنىڭ 40 ياشقىچە، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ توپ تېپەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئەلۋەتتە، كۆپ قىسىم مەستانىلەر بۇنىڭ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.

كىرىستىيانو رونالدودەك بۇنداق توپچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇ ھالەتنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى قوبۇل قىلالايدۇ، شۇنداقلا بەدەننىڭ قېرىشىنى قوبۇل قىلالايدۇ، لېكىن توپ مەيدانىدا يانداش رولچى بولالمايدۇ. بولۇپمۇ ئۇلار 20 يىلغا يېقىن مۇتلەق باش رول ئالغاندىن كېيىن، يانداش رولچى، ھەتتا زاپاس رولچى بولۇپ، قەتئىي تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان ئىش بولۇپ قالدى، بەلكىم ئۇلار راستتىنلا شۇ كۈنى ئايرىلغاندا، ئۇ بىچارىلەرچە ئۈمىد بىلەن ئەمەس، بەلكى بېشىنى كۆتۈرۈپ كېتىشنى تاللىشى مۇمكىن. قانداقلا بولمىسۇن، ئۇ دۇنيا پۇتبول سەھنىسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك توپچىغا ئايلانغىلى ئون نەچچە يىل بولغان بولۇپ، پۇل ئۈچۈن باش ئېگىشنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق .


分享到: