新闻详情

ئابدۇغېنى، پاشاگۈل 2020- يىلى« مەملىكەت بويىچە ئالغا ئىنتىلىدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان ياخشى ياش

发表时间:2020-10-21 23:02作者:爱酷艺网来源:网信新疆

640-41.png

شىنجاڭدىكى ياخشى تور ئەھلى ئاكتىپ كۈچ تارقىدۇ: ئابدۇغېنى، پاشاگۈل 2020- يىلى« مەملىكەت بويىچە ئالغا ئىنتىلىدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان ياخشى ياش»   قاتارىغا   تاللاندى

   4ـ ماي ياشلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى 2020 ـ يىللىق مەملىكەت بويىچە ئالغا ئىنتىلىدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان ياخشى ياشلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى خوتەن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ئابدۇغېنى لېتىپ قاتارلىق 149 مۇنەۋۋەر ياش ۋە بېيجىڭ شيېخې دوختۇرخانىسى دۆلەت خۇبېيغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش داۋالاش ئەترىتى قاتارلىق تۆت ياشلار توپى بۇ شەرەپكە ئېرىشتى.

   سايلانغان خادىملار پۈتۈن مەملىكەتتىكى 31 ئۆلكە ( ئاپتونوم رايون، شەھەر ) ۋە ئازادلىق ئارمىيە، تۆمۈريول، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، پۇل مۇئامىلە، مەركەز كارخانىلىرىدىن ئىبارەت ئالتە سىستېما ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىن كەلگەن بولۇپ، تېببىي خىزمەتچىلەر، پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرى، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر، ئوقۇتقۇچىلار، سانائەت ئىشچىلىرى، قىسىمدىكى ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەر، جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر ـ ساقچىلىرى، پىدائىيلار، ئالىي، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قاتارلىق كەسىپ ۋە ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇلار كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە.

640-518.jpeg

شىنجاڭ خوتەن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ئابدۇغېنى لېتىپ «ئىش ئورنىنى سۆيۈپ، كەسىپنى قەدىرلەيدىغان ياخشى ياش» بولۇپ باھالاندى، ئۇلۇغچات ناھىيەسى بۆرىتوقاي يېزىسى ئاقچى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى پاشاگۈل كېرەم « نامراتلارنى يۆلەپ، قىيىنچىلىقى بار ياخشى ياشلارغا ياردەم بېرىش»كە تاللاندى.

ئىگىلىنىشىچە، « يېڭى دەۋردە ئالغا ئىنتىلىدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان ياخشى ياشلاردىن بولايلى» باش تېما پائالىيىتى باشلانغاندىن بۇيان، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە بۇنىڭغا كەڭ كۆلەمدە دىققەت قىلغان، كەڭ ياشلار بەس-بەستە قاتناشقان.

ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىن كەلگەن 10 مىڭ 288 ياشنىڭ تەۋسىيە ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالدى. مەركەزلىك تەكشۈرۈش ۋە تاللاش ئارقىلىق، 589 نەپەر ئىش ـ ئىزلىرى گەۋدىلىك كىشى نامزات بولۇپ، ھېكايىدىن بەھرىلىنىش ۋە توردا ئالقىشلاش پائالىيىتىگە قاتناشتى، ياشلارنىڭ ئۆگىنىشكە قاتنىشىش، بەھرىلىنىش ۋە ئالقىشلاش مىقدارى 21 مىليون 143 مىڭ 400 قېتىمغا يېتىپ، ياشلار ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى.

كېيىنكى باسقۇچتا، ھەر دەرىجىلىك كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تەشكىلاتلىرى « يېڭى دەۋردە ئالغا ئىنتىلىدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان ياخشى ياشلاردىن بولايلى» باش تېما پائالىيىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، « مەملىكەت بويىچە ئالغا ئىنتىلىدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان ياخشى ياشلار» قاتارلىق تۈرلۈك ياش تىپلارنى تەكلىپ قىلىپ، ھېكايىسىدىن   تەڭ بەھرىمەن بولۇش، تەشۋىقات دوكلاتى بېرىش، مەھسۇلات ئىشلەش، ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ياشلارنىڭ تىپىك ئۈلگىلىك، تۈرتكىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، چىن ئادەم، ھەقىقىي ئىش ۋە ھەقىقىي ھېسسىيات بىلەن كەڭ ياشلارنى بوران ـ چاپقۇندىن قورقماسلىق، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا يېتەكلەپ، پارتىيە ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلارغا تۆھپە قوشىدۇ.

ئىش ئورنىنى سۆيۈپ، كەسىپنى قەدىرلەيدىغان ياخشى ياشلار: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى خوتەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ئابدۇغېنى لېتىپ

640-518.jpeg


نامراتلارنى يۆلەپ، قىيىنچىلىقى بار ياخشى ياشلارغا ياردەم بەرگۈچىلەر: ئۇلۇغچات ناھىيەسى بۆرىتوقاي يېزىسى ئاقچى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى پاشاگۈل كېرەم

640-519.jpeg





来源:网信新疆

监制:麦提江

审稿:阿米娜

翻译:迪啦





分享到: