新闻详情

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا مەركىزى . توقسۇ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى توپ سېتىش بازىرىدا ت

发表时间:2020-10-22 12:19作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شى شىن، پىراكتىكانت جاڭ بىنبىن خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش - سېتىشتىكى «ئىككى تور»دا يېڭىدىن كۆپەيگەن نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا مەركىزى·توقسۇ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى توپ سېتىش بازىرى تۈرىدە تىجارەت باشلاندى.

بۇ تۈر توقسۇ ناھىيە بازىرىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 330 مو، ئومۇمىي سېلىنمىسى 210 مىليون يۈەن، يېڭىدىن قۇرۇلغان تىجارەت مۇلازىمەت ئەسلىھەسى 79 مىڭ كىۋادرات مېتىر. بازار «تور ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى + تور سىرتى ئىشلەپچىقارغان ئورۇن توپ سېتىش سودا بازىرى» بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزە بويىچە، توردا ۋە تور سىرتىدا سودا قىلىش، سېتىۋېلىش، پىششىقلاش، ئامباردا يېڭى پېتى ساقلاش، ئەشيا ئوبوروتى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش، ئۇچۇر، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ.

ئەمەر مەمەت شۇ جايدىكى نۇرتاجى مېۋە مەھسۇلاتلىرى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى، شۇنداقلا ياڭاق سېتىۋېلىش - سېتىش چوڭ ئائىلىسى بولۇپ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان 6000 توننا ياڭاقنى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ساتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «يېڭى بازارنىڭ كۆلىمى چوڭ، مۇھىتىمۇ ياخشى. ھازىر بىزنىڭ ياڭاق سېتىش - سېتىۋېلىشىمىز تېخىمۇ قولايلاشتى، باھا جەھەتتە تېخىمۇ ئەۋزەللىككە ئىگە».

ئاپتونوم رايونلۇق تەمىنات - سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىرلەشمە كوپىراتىپى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ مىن مۇنداق دېدى: توقسۇ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى توپ سېتىش بازىرى شىنجاڭ (ئاقسۇ) يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا مەركىزىدىن ئىبارەت مۇھىم تىرەك نۇقتىغا تايىنىپ، مەۋقەنى شۇ جاينىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، شىنجاڭ ياڭاق (ئاقسۇ) توپ سېتىش سودا بازىرى بىلەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ بازارنىڭ يىلدا يېڭىدىن كۆپىيىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش، پىششىقلاش، يېڭى پېتى ساقلاش، ئامباردا ساقلاش كۆلىمىنىڭ 100 مىڭ توننىغا يېتىپ، زاكازلىق بازا كۆلىمىنىڭ 200 مىڭ موغا يېتىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ تۈرتكە بولۇپ، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە كەنت قۇرغان 100 زاۋۇتقا مۇلازىمەت قىلىپ، تۈرتكە بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇ، توقسۇ ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ۋە بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشتا ئاكتىپ رول ئوينايدۇ.

2018 - يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى باشلامچى يېتىشتۈرۈش، سۈپەتلىك ماركا يارىتىش، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى چۆرىدەپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى شىنجاڭ ئىچىدە سېتىۋېلىش تورى ۋە شىنجاڭ سىرتىدا سېتىش تورىدىن ئىبارەت «ئىككى تور» قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتتى. بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭ ئىچىدە سېتىۋېلىش تورى خوتەن، پەيزاۋات، قاغىلىق، ئاقسۇ، ئونسۇ، پىچاندا ئامباردا ساقلاش، پىششىقلاش، سودا، يىغىش - تەقسىملەش مەركىزىدىن 11ى قۇرۇلۇپ، ياڭاق، چىلان، ئۆرۈك قاتارلىق باغ - ئورمان ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىنى قاپلىدى، سېتىۋالغان - ساتقان، سودا قىلغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى جەمئىي 5 مىليون توننىغا يېتىپ، بازا، پىششىقلاش، سودا، سوغۇق زەنجىرسىمان ئامباردا ساقلاش، ئەشيا ئوبوروتى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش، توشۇشتىن تېرمىنال سېتىشقىچە بولغان پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى تەرەققىيات سۇپىسىنى بەرپا قىلدى. شىنجاڭ سىرتىدىكى سېتىش تورى 3348 تور نۇقتىسى قۇردى، تىرىك، يېڭى مەھسۇلاتلار دۇكىنى، مەخسۇس پوكىيى ۋە تىجارەت تور نۇقتىلىرى پۈتۈن مەملىكەتتىكى مەركىزىي شەھەرلەرگە تارقالدى.


分享到: