新闻详情

رېستۇرانلاردا نېمىشقا شۇنچە كۆپ مۇلازىمەتچى تاماققا تۈكۈرۈپ قويىدۇ؟

发表时间:2020-10-22 14:07作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئۈندىدار سالونى

ئادەتتىكىگە ئوخشاش، نيۇيوركتا ئولتۇرۇشلۇق يېتتون (Yetton) ئايالى ۋە بالىسىنى ئېلىپ يېقىن ئەتراپتىكى قىزىلمۇچ ئاشخانىسىغا بېرىپ كەچلىك تاماق يېگەن. رېستۇراندىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن، يېتتون ئەر-ئايال مۇلازىمەتچىدىن ئىستاكانغا لىق ئىچىملىك قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

لېكىن يېتتون ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئۆيگە قايتىش يولىدا، ئىچىملىكنى بىر نەچچە يۇتۇم ئىچكەندىن كېيىن نورمال ئەمەسلىكىنى بايقىغان.

«مەن ئىچىملىكتىكى كوكۇس مېۋىسىنىڭ ئۈزۈلمەيدىغانلىقىغا دىققەت قىلدىم، ئادەتتىكىگە ئوخشاش سىلىق ئەمەس، كېيىن مەن ئۇنىڭ كوكۇس مېۋىسى ئەمەسلىكىنى بىلدىم».

يېتتون ئالدى بىلەن ئۆزىگە ئىچىملىك قۇيۇپ بەرگەن مۇلازىم لامىكانى ئېسىگە ئالغان، گەرچە لامىكا ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، لېكىن كېيىن ساقچىلار DNA تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ لامىكانىڭ بەلغىمى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.

بۇ ئىشتىن كېيىن بەزى ئاخبارات ۋاستىلىرى لامىكانى زىيارەت قىلغان، ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەب شۇكى، يېتتون ئەر-ئايال تاماق يەۋاتقاندا چېچەكسەينىڭ پىشمىغانلىقىدىن، بەرەڭگە ياپراقچىسىنىڭ بەك ئاستا چىققانلىقىدىن ئاغرىنغان ئىكەن.

«مەن سىزگە قانچىلىك قېلىن توغرالغان كالا گۆشىنى يالىغانلىقىمنى ئېنىق ئېيتىپ بېرەلمەيمەن، مەن بىر نەچچە يۇتۇم ئىچىملىك ئىچتىم ياكى تۈكۈردۈم، بۇ ئاشۇ مېنى چاكار دەپ قالغان ئەبلەخلەرنىڭ جاجىسى. سەدەپ قۇلۇلىسى شورپىسىغا تۈكۈرسە، ھېچكىم كۆرەلمەيدۇ، لېكىن ئىچىملىك بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ».

سەنئەت تۇرمۇشتىن كېلىدۇ، داڭلىق رەپچى ئەمىنەم MVسىدە بۇ ئىشنى دورىغان.

نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلار ئاشخانىدا تاماق يېيىش قىمار ئوينىغانغا ئوخشاش دېيىشىدۇ.

ئاچ قورساق مېھمان ئاشخانىنىڭ ئارقىسىدا يۈز بەرگەن ئىشلاردىن خەۋەرسىز، مۇلازىمەتچىنىڭ ئۆزىنىڭ تامىقىغا نېمە قىلغانلىقىنى بىلمەيدۇ.

زادى قانچىلىك كۈتكۈچىنىڭ يېمەكلىك ئىچىگە «ماتېرىيال قوشۇش»دىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن بايلور سودا شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى ئېمىلىي خانتېر ۋە خيۇستون داشۆسىنىڭ پىسخولوگىيە پىروفېسسورى لىزا پېننېي 2015-يىلى «مۇلازىم مېنىڭ شورپامغا تۈكۈردى!» دېگەن نامسىز تەكشۈرۈشنى قىلغان.

بۇ تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، %6 ئاشخانا خىزمەتچىسى خېرىدارلارنىڭ يېمەكلىكىنى «بۇلغاش» قىلمىشى سادىر قىلىپ باققانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرگەن.

بەلكىم سىز پەقەت %6 ئىكەن، ئۇنچە قورقۇنچلۇق ئەمەس ئىكەن دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن.

لېكىن بۇ ئىشنى پەقەت بىر قېتىم باشتىن كەچۈرسىڭىزلا، سىزدە ئۆمۈرلۈك كۆلەڭگە قالىدۇ.

ئامېرىكا باھا تور بېكىتىنى ئېچىپ، ئاچقۇچلۇق سۆز «تۈكۈرۈش»نى ئىزدىگەندە، سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ بەختسىزلىكىنى ئاشكارىلىغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

«مەن ئاشخانا خادىمىنىڭ تۈكۈرىۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالدىم».

ئايال مۇلازىم «چاقچاق قىلىپ» تاماققا تۈكۈردى.

ئاشخانا خادىمى تاماققا تۈكۈردى ھەمدە ماڭا ئوتتۇرا بارمىقىنى چىقىرىپ قويدى.

ئۇلارنىڭ كەچۈرمىشىدىن شۇنى بايقايمىزكى، مۇلازىملار ئۈچۈن ئېيتقاندا، تۈكۈرۈش ئەڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئاددىي «ماتېرىيال قوشۇش» ئۇسۇلى.

لېكىن ئەمەلىيەتتە، ھەشەمەتلىك ئاشخانىلارنىڭ ئارقىسىدا بەزى ناچار ۋە بىمەنە ھېكايىلەر يۈز بېرىدۇ.

كالىفورنىيە مودېستو شەھىرى Dime Cafe ئاشخانىسىنىڭ نازارەت ئاپپاراتى كىشىنى يىرگەندۈرىدىغان بىر كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە تارتىۋالغان. 32 ياشلىق ئايال مۇلازىم نورا خېرىدارنىڭ كولباساسىنى تازىلىق پاختىسى قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەخپىي يېرىگە تىققان.

بىردەمدىن كېيىن، نورا يەنە ئۇنى بولكىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇپ، ئۈستىگە پەمىدۇر قىيامىنى سىقىپ مېھمان جېفنىڭ ئۈستىلىگە ئېلىپ چىققان.

جېف بۇ ئىشتىن كېيىن شۇ جايدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىغا: «مەن قىزىل نەرسىنىڭ پەمىدۇر قىيامى ياكى باشقا نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلمىدىم، لېكىن بۈگۈنكى كولباسانىڭ تەمى ئۆزگىچە ئىدى» دېگەن. ئۇ بۇ ئىشتىن ئىنتايىن غەزەپلەنگەن.

ئۇ ھەر كۈنى كېلىدىغان بۇ ئاشخانىنىڭ خادىمىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزىگە بۇنداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى چۈشەنمىگەن، لېكىن باشقا خېرىدارلار بۇنىڭغا جاۋاب بەردى.

جېف ھەممە ئادەمگە قوپال مۇئامىلە قىلىدۇ، مۇلازىمەتتىن ئاغرىنىدۇ. بولۇپمۇ نوراغا بەك ئەدەبسىزلىك قىلغان، ئۇنى ئىزچىل «قوزام» دەپ چاقىرغان.

بۇ پەقەت مۇز تاغنىڭ بىر بۇرجىكى، «مۇلازىم مېنىڭ شورپامغا تۈكۈردى!»نامىدىكى نامسىز تەكشۈرۈش جەريانىدا، نۇرغۇن مۇلازىملار ئۆزىنىڭ «ماتېرىيال قوشۇش» كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ، كىشىلەرنى چۆچۈتكەن.

«مەن بۇرۇن بىر مەستنى ئۇچراتقان، ئۇ باكون تۇخۇمى بۇيرۇتقان، ھەمدە مېنىڭ كاسامغا شاپىلاقلىغان. شۇنىڭ بىلەن مەن ئارقا ئاشخانىغا قايتىپ كېلىپ، بىر ئەر مۇلازىمغا دەپ مەينەت كالتەك بىلەن باكوننى سۈرتكۈزدۈم».

«مەن ئىلگىرى بىر ئەسكى خېرىدارنى ئۇچراتقان، ئۇ تاماق يەپ بولغۇچە تىنماي ئاغرىندى، چېچەكسەينىڭ يېنىغا ئازراق سامساق قوشۇشنى تەلەپ قىلغاندا، مەن ئاشخانىغا كىرىپ، ئۇنىڭغا ئازراق سامساق ئېلىپ بەردىم، لېكىن ئىچىگە ئازراق چاچ كېپىكى ۋە ماڭقامنى قوشۇپ قويدۇم».


«ئەتىگەندە بەك ئالدىراش بولۇپ كېتىمىز، مەن بىر ئۈستەلنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە، بىر ئەبلەخنىڭ مېنىڭ مۇلازىمىتىمنى مەسخىرە قىلغانلىقىنى ئاڭلىدىم. بۇ ئىش مېنى بەكلا غەزەپلەندۈردى، شۇڭا مەن قول ياغلىقىمدىكى تەرنى ئۇنىڭ مۇزلىتىلغان چېيىنىڭ ئىچىگە سىقتىم».

«مەن سالاتنى ئېلىپ كەلگەندە، ئۇ زاكاسنىڭ توغرا ئەمەسلىكىدىن ئاغرىنىپ قايتۇرىۋەتتى، ھەمدە «سالاتنى توغرا خاتىرىلىۋىش قانچىلىك تەستى؟» دەپ زاڭلىق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن سالاتنى ئېلىپ كېلىپ قايتا قىلدىم، بۇ جەرياندا تىرنىقىمنى ئالدىم. ئاندىن تىرناقنى كېسىپ كىچىك پارچە قىلىپ، سالاتقا سېلىپ قويدۇم».

يۇقىرى دەرىجىلىك ئاشخانىغا بارسا بۇ ئەھۋاللاردىن ساقلانغىلى بولىدۇ دەپ قالماڭ. ئىلگىرى مىچىلىن ئىككى يۇلتۇزلۇق ئاشخانىدا خىزمەت قىلغان بىر مۇلازىمەتچىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئىلگىرى بىر قۇسۇرچى مېھماننى كۈتۈۋالغان.

ئۇ تاماق يېيىش جەريانىدا ئۈزۈم ھارىقىنى ئالماشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز تەلەپ قىلغان. ھەمدە مۇلازىمنى ھاراق تېتىشنى بىلمەيدۇ دەپ ئەيىبلىگەن، ئۆزىنىڭ ئۈزۈم ھارىقى بىلىمىنى كۆز-كۆز قىلماقچى بولغان.

شۇنىڭ بىلەن بۇ مۇلازىم ئۇنىڭ تاتلىق تۈرۈملىرىگە «ماتېرىيال قوشۇپ قويغان».

مۇلازىملار نېمىشقا بۇنداق قىلىدۇ؟

بۇ ئامېرىكا مۇلازىمەت كەسپىنىڭ «ئەنئەنىسى». بىز نۇرغۇن ئاخبارات ۋە ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلار ھەمدە كىنو-تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىدىن بۇ ھادىسىنى بىلدۇق. خۇددى «چېلىشىش كۇلۇبى»دىكى تايلېر دۇردىنغا ئوخشاش، كىشىلەر ناھايىتى ئاسانلا قېپقالغان كىچىككىنە ھوقۇقى بىلەن ئەڭ زور دەرىجىدە ئۆچ ئالىدۇ.

«مۇلازىملار ناچار مۇئامىلىگە ئۇچرىغاندا مەيۈسلىنىدۇ، غەزەپلىنىدۇ، لېكىن خېرىدار ئالدىدا دوستانە ھالەتنى ساقلاشقا مەجبۇر بولىدۇ، ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن دەردىنى چىقىرىش كېرەك».

پىسخولوگىيە پىروفېسسورى خانتېر 438 دېلونى تەھلىل قىلغاندىن كېيىن چىقارغان يەكۈن، ئۇ يەنە ئاممىغا ئۈنۈملۈك بىر چارىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«ئەگەر سىز مەلۇم يېمەكلىكنى ياقتۇرمىسىڭىز، مەسىلەن كالا گۆشى بەك تۇزلۇق، سالات قىيامى بەك كۆپ بولۇپ كەتسە... چوقۇم سەمىمىي ھالدا مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇڭ، لېكىن چوقۇم باشقىلارنى ھۆرمەتلەڭ. سىزگە يېمەكلىك ئېلىپ كەلگەن ئادەمنى خاتىرجەمسىزلەندۈرمەڭ، چۈنكى سىز ئۇ ئېلىپ كەلگەن يېمەكلىكنى ئاغزىڭىزغا سالماقچى....».


分享到: