新闻详情

ماتور كاشىلا چىرىغى ئازراق يېنىپلا ئۆچۈپ قالسا ئەنسىرەپ كەتمەڭ

发表时间:2020-10-22 14:37作者:alkuyi来源:nur

ماتور كاشىلا چىرىغىنىڭ ئازراق يېنىپلا ئۆچۈپ قېلىشى ئەمەلىيەتتە بىر قىسىم ۋاقىتلىق كاشىلىلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ ۋاقىتلىق كاشىلىنىڭ سەۋەبى بىر قەدەر كۆپ. بەزىلىرى بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن، ئۆزى ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. لېكىن بەزىلىرىنى يەنىلا بېرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىش كېرەك.

كاشىلا چىرىغى نېمە ئۈچۈن بىردەم يېنىپ يەنە ئۆچۈپ قالىدۇ؟

1. ماتورنىڭ كاشىلا چىرىغى پرىبوردا پەيدا بولغان شەكلى سۇ ئاستى كېمىسىگە ئوخشايدىغان بەلگىنى كۆرسىتىدۇ.

ئۇنىڭ تولۇق ئاتىلىشى ماتورنىڭ قالدۇق گاز قويۇپ بېرىشنى تەكشۈرۈش چىرىغى بولۇپ، يول يۈرۈش كومپيۇتېرى ECU قالدۇق گازنى نورمال دائىرىگە قايتۇرۇپ كېلەلمىگەندە، بۇ چىراغ يورۇپ كېتىدۇ.

2. ماتور كاشىلا چىرىغىنىڭ بىردەم يېنىپ بىردەم ئۆچۈپ قېلىشى ئاساسلىقى ECU نىڭ بۇ كاشىلىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىدىن بولغان، ئۇ ۋاقىتلىق بولىدۇ، پەقەت ئالاھىدە شارائىتتا ئاندىن پەيدا بولىدۇ.

ئاپتوموبىلنىڭ قوزغىلىش، نورمال ھەيدەش ۋە سۈرئەت تېزلىتىش جەريانىدا، كاشىلا چىرىغىنىڭ بىردەم يېنىۋېلىپ يەنە ئۆچۈپ قېلىشىدىكى سەۋەب ئەمەلىيەتتە ئوخشىمايدۇ، تۆۋەندە بىر-بىرلەپ سۆزلەپ ئۆتىمىز.

ئاپتوموبىل قوزغالغاندا بۇ خىل ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ سەۋەبى قايسىلار؟

1. قوزغالغاندا تېمپېراتۇرا تۆۋەن بولسا، ماتور كاشىلا چىرىغى يېنىۋېلىشى مۇمكىن. چۈنكى ماتور سوغۇق قوزغىتىلغاندا، ماتور سىلىندىرى ئىچىدىكى ھەر بىر مېتال زاپچاس مۇزدەك سوغۇق ھالەتتە تۇرىدۇ. ماتور ماي پۈركىگەندە، بېنزىننى سىلىندىر ئىچىدە تۇمانلاشتۇرىدۇ. تۇمانلاشتۇرۇلغان بېنزىن بىلەن مۇزدەك سىلىندىر دىۋارى بىلەن ئۇچراشقاندا، بېنزىننى تۇمانلاشتۇرۇش دەرىجىسى يېتەرلىك بولمايدۇ. بۇنداقتا بېنزىننىڭ قويۇقلۇقى تۆۋەنلەپ، كۆيۈش ئۈنۈمى ياخشى بولمايدۇ.

2. قىشتا ئاسان پەيدا بولىدۇ، ئادەتتە بەك پەرۋا قىلىپ كېتىش كەتمەيدۇ. ماشىنىنى قوزغىتىپ 5-10 سىكۇنت ئىچىدە، ماتور كاشىلا چىرىغى يېنىۋېلىشى نورمال ئەھۋال. تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشى بىلەن، بېنزىننىڭ تۇمانلىشىشى نورماللاشسىلا بۇ چىراغ ئۆچۈپ قالىدۇ، ئەنسىرەپ كەتمەڭ.

3. قوزغالغاندىن كېيىنمۇ بۇ چىراغ ئۇزۇن ۋاقىت يېنىۋالسا، بەلكىم ماتورغا كاربون يىغىلىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. ماتورغا كاربون يىغىلىپ قالسا ، ماي پۈركۈش ئېغىزى، گاز تەڭشەش كىلاپانى قاتارلىق جايلاردا توسۇلۇپ قالىدۇ.

4. كاربون يىغىلىپ قالغاندا، ماتور ئىچىدىكى بېنزىن قويۇقلۇقى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.

5. ماي كلاپانىنى دەسسەش ياكى يېقىلغۇ ماي گۆھىرى قوشۇش ئارقىلىق يىغىلىپ قالغان كاربوننى تازىلىغىلى بولىدۇ.

6. ئاككۇمۇلياتورغا توك يېتىشمىگەن ياكى ئاككۇمۇلياتور بۇزۇلۇپ قالغان بولۇشىمۇ مۇمكىن.

7. توك بېسىمى تۆۋەن، ماي پۈركۈش ئاستا بولۇپ قالغاندا، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ يېتەرلىك بولماسلىقتىن بۇ خىل ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ.

ھەيدەش جەريانىدا بۇ خىل ئەھۋال يۈز بېرىشىنىڭ سەۋەبى قايسىلار؟

1. يېقىلغۇ ماي سۈپىتى ياخشى بولمىغانلىقتىن، كۆيۈشنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى.

2. قىسقا مۇددەتلىك تەسىرى چوڭ ئەمەس، ئۇزۇن ۋاقىت سەل قارالغاندا ماتور بۇزۇلىدۇ.

3. سۈرئەت تېزلەتكەندە ياكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا چىققاندىمۇ كاشىلا چىرىغى يېنىۋېلىشى مۇمكىن.

4. يېتەرلىك ھاۋا كىرمەسلىكتىن بولىدۇ. بۇنى ھاۋا سۈزگۈچ ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

كاشىلا چىرىغى يېنىۋالغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟

1. ئاپتوموبىل ئىگىسىگە ۋاقتى چىققاندا كاشىلا كودىنى تەكشۈرۈپ بېقىش تەكلىپىنى بېرىمىز. لېكىن، كاشىلا كودىنى تەكشۈرۈشكە بەك ئالدىراپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى ئاپتوموبىلدا بىر يۈرۈش كاشىلىغا جىددىي تاقابىل تۇرۇش سىستېمىسى بار.

2. ھەيدەشتە نورمالسىزلىق بولمىسىلا داۋاملىق ھەيدەشكە بولىدۇ.


分享到: