新闻详情

مايكول جېكسوننىڭ ئۈچ پەرزەنتى توغرىسىدا نېمىلەرنى بىلىسىز؟

发表时间:2020-10-22 14:37作者:爱酷艺来源:nur.cn

مايكول جېكسون ئۆمرىدە ناھايىتى كۆپ رىۋايەتكە ئىگە بولۇپ، ئۆزىنىڭ يالغۇز كىشىلىك ناخشا ئېيتىش ھاياتىدا، 13 قېتىم ئامېرىكىنىڭ يەككە مۇزىكا چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن ھەمدە 13 قېتىم گرەممېي مۇكاپاتى ۋە 26 قېتىم ئامېرىكا مۇزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، جىننېس دۇنيا رېكورتى تەرىپىدىن دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ سەنئەتكار دەپ بېكىتىلگەن، «مودا مۇزىكا شاھى»، «دۇنيا ئۇسسۇل شاھى» دېگەن گۈزەل نامغا ئېرىشكەن.

ئويۇن قويۇش ئىشلىرىدىن باشقا، مايكول جېكسون يەنە ئاممىۋى پاراۋانلىق خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، ئافرىقىدىكى ئاچارچىلىقتا قالغان كىشىلەر، ئەيدىز بىمارلىرى ۋە ياش-ئۆسمۈر دىيابېت بىمارلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ياردىمىگە ئېرىشتى، 2000-يىلى جىننېس دۇنيا رېكورتىدا ئۇنىڭ 39 خەير-ساخاۋەت ئورگىنىغا ياردەم قىلغانلىقى ئېتىراپ قىلىندى، ئۇ جىننېس دۇنيا رېكورتىدا شەخسىي نامى بىلەن ئەڭ كۆپ پۇل ئىئانە قىلغان سەنئەتكار.

بىراق، مايكول جېكسون ئوخشاشلا نۇرغۇن گۇمانلارغا ئۇچرىغان، مەسىلەن، تېرىنى ئاقارتىش ئارقىلىق قارا تەنلىك سالاھىيىتىدىن قۇتۇلۇش، ھۆسن تۈزەش قاتارلىقلار. مايكول جېكسون ھەقىقەتەن كېلىشكەن، لېكىن ھەرگىزمۇ مىش-مىش پاراڭلاردىكىدەك ئۇنداق ئەمەس، ئەمەلىيەتتە مايكول جېكسون پەقەت ئىككىلا قېتىم ھۆسن تۈزەش ئوپېراتسىيەسىگە قاتناشقان.

1986-يىلى مايكول جېكسونغا ئاق كېسەل دەپ دىياگنوز قويۇلغان ھەمدە 1993-يىلى مايكول جېكسون ئۆزىنىڭ تېرە ماسلاشماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ۋە تېرە پىگمېنتى زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ئاشكارا چۈشەندۈرگەن. كۆپ ساندىكى تېرىلىرى قارا پىگمېنتنى يوقاتقانلىقى ئۈچۈن، ئويۇن كۆرسەتكەندە كۆپ مىقداردا ئۇپا تەگلىكى ئىشلىتىشكە توغرا كەلگەن، شۇڭا ئۇنىڭ تېرىسى بارغانسېرى ئاقىرىپ كەتكەن.

مايكول جېكسون ئىككى قېتىم توي قىلغان، 1994-يىلى مايكول جېكسون بىلەن مۈشۈك پادىشاھى (ئامېرىكىلىق تولغىما ئۇسسۇل ناخشىچىسى ئېلۋىس پرېسلېي، ئاق تەنلىك)نىڭ قىزى لىزا پرېسلېي بىلەن توي قىلغان، بىراق بۇ ئىككەيلەننىڭ تۇرمۇشى ئىككى يىلغىمۇ يەتمىگەن.

لىزا پرېسلېي بىلەن ئاجراشقاندىن كېيىن، مايكول جېكسون ۋە گېرمانىيە ئىرېلاندىيەلىك ئارغۇن تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ سېستراسى دېبى روي بىلەن توي قىلدى، ئىككىسى تويدىن كېيىن يەنە بىر ئوغۇل، بىر قىز بالىلىق بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا پرېس مايكول ۋە پارىس كاتېرىن ئىدى، لېكىن بەختكە قارشى پرېس مايكول ئاق كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالدى.

1999- يىلى مايكول جېكسون بىلەن دېبى روينىڭ تويى ئاخىرقى نۇقتىغا باردى، بىراق ئاجراشقاندىن كېيىن دېبى روي يەنىلا مايكول جېكسوننى ياخشى ئەر، ياخشى دادا دەپ ماختىدى.

گەرچە مايكول جېكسوننىڭ پەقەت ئىككىلا توي تۇرمۇشى بار بولۇپ، دېبى بىلەن ئىككى بالىسى بار بولسىمۇ، لېكىن مايكول جېكسوننىڭ جەمئىي ئۈچ ئاق تەنلىك پەرزەنتى بار، يەنە بىر ئوغلى 2002-يىلى ئەتراپىدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئىسمى پرىس مايكول بولۇپ، ئانىسى ۋاكالىتەن ھامىلىدار ئىدى.


2009-يىلى 6-ئايدا، 50 ياشلىق مايكول جېكسون داۋالاش ھادىسىسى سەۋەبىدىن تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىپ، پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە سالدى، ئۇنىڭ خۇسۇسىي دوختۇرى مورى «سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى» بىلەن تۆت يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. مايكول جېكسون ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۈچ بالىسى مايكول جېكسوننىڭ ئاتا-ئانىسى ئولتۇرۇشلۇق Encino قورۇقىسىغا كۆچۈپ كىرگەن.

مايكول جېكسوننىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ ئاپىسى كاتېرىن جېكسون بالىلارنىڭ ھامىيسى بولغان، تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، جېكسوننىڭ «قېرىنداشسىز مۇزىكا ئەترىتى» تەشكىللەنگەن دەسلەپكى مەزگىلدە كاتېرىن جېكسون مۇزىكا ئەترىتىنىڭ ئوبراز لايىھەلىگۈچىسى بولغان ئىدى.

بىراق مايكول جېكسون قارا تەنلىكلەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، لېكىن ئۇنىڭ ئۈچ بالىسى ئاق تەنلىك بولۇپ، مەيلى مايكول جېكسون ھايات ۋاقتىدا بولسۇن ياكى ئۆلگەندىن كېيىن بولسۇن، ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى، بىر قىزى باشقىلارنىڭ مۇنازىرىسىنى يەتكۈچە تارتقان.

گەرچە نۇرغۇن ناتوغرا مۇئامىلىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، مايكول جېكسوننىڭ ئۈچ بالىسى چوڭ بولغاندىن كېيىن ھەممىسى ئۆز ئالدىغا نەتىجە ياراتقان بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ شان-شەرىپىنى نامايان قىلغان، پرىس مايكول ھازىر بىر كىنو-فىلىم ئىشلەش شىركىتىنىڭ خوجايىنى بولۇپ قالدى، پرېس مايكول ئەمدىلا قۇرامىغا يەتكەن بولۇپ، تۇرمۇشتا ناھايىتى كەمتەر ئىدى.

مايكول جېكسوننىڭ قىزى پارىس كاتېرىن ھازىر دۇنياغا داڭلىق مودېل بولۇپ يېتىشىپ چىقتى.


分享到: