新闻详情

iPhone 12نىڭ قوش كارتا ئىقتىدارىنى ئىشلەتكەندە ھەر ئىككى كارتا 5G تورىنى قوللايدۇ

发表时间:2020-10-22 14:39作者:alkuyi来源:nur

ئالما iPhone 12 سىستېمىسىغا تۇنجى قېتىم 5G ئىقتىدارى قوشۇلدى، لېكىن بۇنىڭدىن ئىلگىرى بەزى خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، چەت ئەل نۇسخىسىدىكى ئالما iPhone 12نىڭ قوش كارتا ئىقتىدارىنى ئىشلەتكەندە ھەر ئىككى كارتىنىڭ 5G تورىنى قوللىمايدىكەن، بۇ تورداشلارنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىدى.
دۆلىتىمىز نۇسخىسىدىكى ئالما iPhone 12 قوش كارتىلىق ئىقتىدارنى ئىشلەتكەندە 5G تورىنى قوللايدۇ دېيىلگەن، لېكىن يەنىلا بەزى ئابونتلار خاتىرجەم بولالمىغان. بىراق ھازىر IT ئائىلىسى ئەمەلىي ئۆلچەش ئارقىلىق كۆپچىلىككە ئىسپاتلاپ بەردى، دۆلىتىمىز نۇسخىسىدىكى ئالما iPhone 12دە قوش كارتا ئىشلەتكەندە 5G تورىنى قوللايدۇ، دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ سىنىقىمۇ شۇنداق.

ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا نۇسخىسىدىكى iPhone 12دە يۇقىرىقى مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇنىڭ قوللانغىنى ئەمەلىي گەۋدە SIM+eSIM لايىھەسى، دۆلەت ئىچىدىكى قوش ئەمەلىي گەۋدە كارتىسى ئۇسۇلى بىلەن ئوخشىمايدۇ.
بۇ قېتىم ئادەتتە قوش كارتا ئېھتىياجى بار دوستلار
iPhone 12نى خاتىرجەم سېتىۋالسا بولىدۇ، نۆۋەتتە ئالما ئورگان تورى iPhone 12 مال تارقىتىش ۋاقتى 2-3 ھەپتە، iPhone 12 Proنىڭ مۆلچەردىكى مال تارقىتىش ۋاقتى 3-4 ھەپتە دېيىلگەن. كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، يېڭى يانفون يەنىلا خېرىدارلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.


分享到: