新闻详情

يول يۈرگەندە ياخشىسى يانفون ئوينىماڭ

发表时间:2020-10-22 14:40作者:alkuyi来源:qq.com

ھازىر كىشلەر مەيلى تاماق يېسۇن ۋە ياكى ئۇخلىماقچى بولسۇن، ھەتتا يول يۈرىۋىتىپمۇ قولىدىن يانفوننى چۈشۈرمەيدۇ. مانا بۇ نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ يانفون بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتىدۇر. يېقىندا ئەنخۇي خېفېيدا يۈز بەرگەن يانفون ئويناشتىن كېلىپ چىققان ئاچچىق ساۋاق، ھەممەيلەننى ئويلاندۇرىدۇ. بىر ئايال پەلەمپەيدىن چۈشۈۋاتقاچ يانفون ئوينىغان بولۇپ، تۇيۇقسىز 20 نەچچە پەلەمپەي يۇقىرىدىن بىراقلا يىقىلىپ چۈشكەن.

خېفېي مېترو 3-لىنىيەسى كۇتۇپخانا بېكىتىدە، بىر ئايال پەلەمپەيدىن يانفون ئويناپ چۈشۈۋاتقاندا، ئېھتىياتسىزلىقتىن بىر پۇتىدا بوشلۇققا دەسسۋېلىپ، 20 نەچچە پەلەمپەيدىن بىراقلا يەرگە دومىلاپ چۈشكەن بولۇپ، يۈزى ئېغىر يارىلانغان.

ئەتراپتىكى ياخشى نىيەتلىك يولۇچىلار ئۇنىڭغا دەرھال ياردەم قولىنى سۇنغان.


مېترو خىزمەتچىلىرى دەرھال يېتىپ كېلىپ، ئايالنىڭ يۈزىدىكى يارا ئېغىزىنى دەسلەپكى قەدەمدە داۋالىغان، شۇنداقلا 120گە تېلېفون قىلىپ، دوختۇرخانىغا جىددىي ئاپارغان.


分享到: