新闻详情

دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى چېنىقىش

发表时间:2020-10-22 14:41作者:alkuyi来源:nur

بەزىلەر پۇل خەجلەپ بەدەن چېنىقتۇرىدۇ؛ بەزىلەر پۇل خەجلەپ ئورۇقلايدۇ؛ بەزىلەر پۇل خەجلەپ ھۆسن گۈزەللەشتۈرىدۇ...

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھەر كۈنى 20 مىنۇت ئەتراپىدا يول ماڭغاندا، بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىنى ئۈچتىن بىر قىسىم تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن. شۇڭا، يول مېڭىش دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى چېنىقىش ھېسابلىنىدۇ.

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ھەر بىر قەدەم ماڭغاندا، ئادەم بەدىنىدىكى %50 قاننىڭ ئېقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قاننى جانلاندۇرىدۇ؛ ئادەم بەدىنىدىكى %50 قان تومۇرنى سىقىپ چىقىرىدۇ، بۇ ئاددىي قان تومۇر گىمناستىكىسى؛ ئاز دېگەندە %50 مۇسكۇلنى ھەرىكەتلەندۈرگىلى بولىدۇ، بۇ مۇسكۇللارنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى ساقلاشقا پايدىلىق.

تۆۋەندە يول مېڭىشنىڭ 18 خىل پايدىسىنى سۆزلەپ ئۆتىمىز:


1. گۈزەللىك مېڭىشتىن پەيدا بولىدۇ

ئادەمنىڭ گۈزەل ياكى گۈزەل ئەمەسلىكى قاننىڭ ساپلىقى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. قان خۇددى ئېرىق سۈيىگە ئوخشايدۇ، سۈزۈك ئېرىق سۈيى تەبىئىي ھالدا كۆڭۈلگە ياقىدۇ. ئادەممۇ ئوخشاش، قاندا ئەخلەت بولمىسا، ئۇ ئادەمنىڭ بەدىنىمۇ چوقۇم سۈزۈك، تاشقى ئىپادىسى تەبىئىي ھالدا گۈلگە ئوخشاش گۈزەل بولىدۇ.

پىيادە مېڭىش بولسا، دەل بەدەندىكى ۋە قاندىكى ئەخلەتلەرنى چىقىرىپ تاشلاشنىڭ ئاساسلىق ئۇسۇلى. پىيادە مېڭىش ئىسسىقلىقنى خورىتىپلا قالماي، بەدەن گۈزەللىكىنى ساقلايدۇ، بەدەندىكى ئەخلەتلەرنى چىقىرىپ تاشلاپ، ئادەمگە ئىچىدىن سىرتىغا قارىتا گۈزەللىك ئاتا قىلىدۇ. شۇڭا، ئاياللاغا مېڭىش ئارقىلىق گۈزەللىككە يېتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.


2. پىيادە مېڭىش، ئادەمنى تېخىمۇ ئەقىللىك قىلىدۇ

ئادەمنىڭ دۆتلىشىشى بىلەن قاننىڭ ساپلىقى ۋاسىتىلىك ھالدا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، قاندا ئەخلەت كۆپ بولسا، مېڭىگە بارىدىغان ئوزۇقلۇق ئاز بولىدۇ، مېڭە ھۈجەيرىلىرى جانلىق بولمىسا، ئادەم تەبىئىيلا دۆتلىشىپ كېتىدۇ. قەرەللىك پىيادە مېڭىشنى داۋاملاشتۇرغاندا، قاندىكى ئەخلەتلەرنى چىقىرىپ تاشلاپ، ھارغىنلىقنى تۈگىتىپ، ئادەمنى روھىي جەھەتتىن خۇشال قىلىپ، يۈرەك سېلىشنى پەسەيتىپ، كېرەكسىز گازنىڭ بۇلغىنىشىنى تۈگىتىپ، ئادەمنى تېخىمۇ تېتىك، تېخىمۇ ئەقىللىك قىلىدۇ.


3. پىيادە مېڭىش، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئاشۇرىدۇ

ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئادەمنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ، دائىم پىيادە مېڭىپ بەرگەندە، ھەر كۈنى ماڭغان يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ ئۆزگىرىشى، مەنزىرىنىڭ ئۆزگىرىشى ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئاشۇرىدۇ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى چېكىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.


4. پىيادە ماڭغاندا جىڭلونى (ئادەم بەدىنى ئىچكى قىسىمىنىڭ قان ۋە يەل ئايلىنىدىغان يوللىرىنىڭ غول ۋە تارماق پەللىلىرى) ئاچقىلى بولىدۇ

ئىشخانىدا كۈن-كۈنلەپ ئولتۇرغاندا جىڭلو قېتىپ قالىدۇ، پۈتۈن بەدىنىدە كىچىك مۇنەكلەر پەيدا بولىدۇ، پىيادە مېڭىشنى داۋاملاشتۇرسا، مۇنەك ئاز بولىدۇ.


5. پىيادە مېڭىپ بەرسە، تومۇرنى راۋانلاشتۇرغىلى بولىدۇ

جىڭلو راۋان بولمىغاچقا، تومۇرنىڭ سوقۇشى تەبىئىيلا قېتىپ، پۈتۈن بەدەن ناھايىتى بىئارام بولۇپ، قېتىپ قالىدۇ، ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن يېرىم سائەت پىيادە مېڭىپ بەرسە، پۈتۈن بەدەننىڭ بوشىشىغا پايدىلىق.


6. پىيادە مېڭىش، ئادەمنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن خاتىرجەم قىلىدۇ

جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ بولماسلىق، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن تىنچ بولماسلىق، جىسمانىي ۋە روھىي كېسەللىكلەرنىڭ ھەممىسى قان ۋە يەل راۋان بولماسلىقتىن كېلىدۇ، قان ۋە يەل راۋان بولماسلىقنىڭ سەۋەبى جىڭلو راۋان بولمىغانلىقتىن بولىدۇ، شۇڭا، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ئەركىن بولالمايدۇ. يول مېڭىش ئارقىلىق، قان بىلەن يەل راۋان بولسا، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئەركىن بولىدۇ.


7. پىيادە مېڭىش، يۈرەك ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.

پىيادە مېڭىش يۈرەك ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، يۈرەكنى كۈچلۈك قىلىدۇ. ھەرىكەت قىلىشنى ياخشى كۆرمىسە، يۈرەكنىڭ فۇنكسىيەسى ياخشى بولمايدۇ ۋە ھەر خىل يۈرەك كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ.


8. پىيادە مېڭىش، قان تومۇر دىۋارىنىڭ ئېلاستىكلىقىنى ئاشۇرىدۇ

پىيادە مېڭىش قان تومۇر دىۋارىنىڭ ئېلاستىكلىقىنى ئاشۇرۇپ، قان تومۇر يېرىلىش ئېھتىماللىقىنى ئازايتىدۇ، شۇنداقلا پۈتۈن بەدەننىڭ ئېلاستىكلىقىنى ئاشۇرىدۇ.

9. پىيادە مېڭىپ بەرسە، قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرىدۇ.

ئادەم بەدىنىدىكى قان راۋان بولمايدۇ، جىڭلو بىلەن تومۇر راۋان بولمىغاچقا، ئادەم ئاسانلا كېسەل بولۇپ قالىدۇ. پىيادە مېڭىش جىڭلونى راۋانلاشتۇرۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى قان ئايلىنىش ۋە ماددا ئالمىشىشنى كۈچەيتىدۇ.


10. پىيادە مېڭىپ بەرسە، مۇسكۇللارنىڭ كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ


11. پىيادە مېڭىش، بۆرەك ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ

ئۇزاق ئولتۇرۇش بۆرەكنى زەخىملەندۈرىدۇ. ئۇزاق ۋاقىت ھەرىكەت قىلمىغاندا، بۆرەك زەئىپلىشىش، بۆرەك ياللۇغى، بۆرەككە تاش چۈشۈش، بۆرەك ئىقتىدارى چېكىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر، بۆرەك ئىقتىدارى چېكىنسە، قان بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولمايدۇ؛ بۆرەككە قان يېتىشمىسە، جىگەرگە قان يېتىشمەيدۇ؛ جىگەرگە قان يېتىشمىسە، يۈرەككە قان يېتىشمەيدۇ، ئومۇمىي بەدەنگە زىيان بولىدۇ.

ئاغرىپ قالغاندا دورا يەيمىز، لېكىن دورىنىڭ ئۈچ ئۈلۈشى زەھەر، دورا يېيىش يەنە بۆرەكنىڭ يۈكىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇۋېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يامان سۈپەتلىك ئايلىنىش كېلىپ چىقىدۇ. پىيادە ماڭغاندا، بۆرەك ئىقتىدارىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ، بۆرەك ئىقتىدارى كۈچەيسە، ئادەمنىڭ يىلتىزى كۈچىيىدۇ، باشقا ئىچكى ئەزالاردا ياخشى ئايلىنىش شەكىللىنىدۇ.


12. پىيادە مېڭىپ بەرسە، بەش ئەزا كېسەللىكىنى ئازايتقىلى بولىدۇ

ئىچكى ئەزالارنىڭ ئىقتىدارىنى ھەرىكەت جەريانىدا كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ، پىيادە مېڭىش ھەزىم قىلىش بېزىنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئاشقازان ـ ئۈچەينىڭ قانۇنىيەتلىك لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشتىھانى ئېچىپ، ئىچكى ئەزالارنىڭ ئېلاستىكلىقىنى ئاشۇرىدۇ، بۇنداق بولغاندا نۇرغۇن كېسەللىكلەر تەبىئىيلا ساقىيىدۇ.


13. پىيادە مېڭىپ بەرسە، ئۈچ ئېگىزلىكنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ

پىيادە مېڭىشنىڭ يۇقىرى قان بېسىم، قەنت كېسىلى، سېمىزلىك، ئادەت خاراكتېرلىك قەۋزىيەت قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا ياخشى رولى بار.


14. پىيادە مېڭىپ بەرسە، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنى ئازايتقىلى بولىدۇ

تېبابەتتە ئېيتىلىشىچە، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى ئاساسلىقى قان راۋان بولماسلىق، قان نوكچىسى قان تومۇرلارنى توسۇۋېلىشتىن كېلىپ چىقىدىكەن، پىيادە مېڭىش قان نوكچىسىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئازايتىپ، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ ئېھتىماللىقىنى ئازايتىدىكەن.


15. پىيادە مېڭىش مېڭىنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق

دالا ھەرىكىتى چوڭ مېڭىنىڭ تېخىمۇ كۆپ خۇشاللىق ھورمۇنى ئىچكى پېپتىدنى قويۇپ بېرىشىگە پايدىلىق بولۇپ، سىرتتا سەيلە قىلىش ئۆي ئىچى يۈگۈرۈش ماشىنىسى ھەرىكىتىگە قارىغاندا پىسخىكا ساغلاملىقىغا تېخىمۇ پايدىلىق.


ئەگەر سىز كومپيۇتېر ياكى كىتاب كۆرسىڭىز، ماقالە يازغان ۋاقتىڭىز ئۇزىراپ، كاللىڭىز قېتىپ قالسا، سىرتقا چىقىپ پىيادە مېڭىپ، ساپ ھاۋادىن نەپەس ئالسىڭىز، چوڭ مېڭىڭىزدە ئوكسىگېن بولسا، تەپەككۇرىڭىزمۇ ئېنىق، جانلىق بولۇپ، ئۆگىنىشكە تېخىمۇ پايدىلىق بولىدۇ.

16. پىيادە مېڭىش كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ

ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سىناق قىلىشىچە، ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر سائەتتىن پىيادە مېڭىشنى ئۇدا تۆت ئاي داۋاملاشتۇرغانلارنى ھەرىكەت قىلىشنى ياقتۇرمايدىغانلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئالدىنقىسىنىڭ ئىنكاسى ئۆتكۈر بولغان، كۆرۈش سېزىمى بىلەن ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن.

17. پىيادە مېڭىش كىشىنى خۇشال قىلىدۇ

تېببىي تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە، ئادەمنىڭ خۇشاللىق كۆرسەتكۈچى قاننىڭ ساپلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. قەرەللىك پىيادە مېڭىشنى داۋاملاشتۇرغاندا، يۈرەككە قان يېتىشمەسلىك ئالامىتىنى يوقىتىدۇ ياكى قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ، قان شېكىرى، قاندىكى ماينى ئازايتىدۇ، ھارغىنلىقنى تۈگىتىپ، يۈرەك سېلىشنى پەسەيتىدۇ، ئادەمنى روھلۇق قىلىدۇ.

پىيادە مېڭىش بولسا، يەنە قاندىكى لاي-لاتقىلارنى چىقىرىپ تاشلايدۇ، قان كېسىلى قاتارلىق قاندىكى ئەخلەتلەرنى چىقىرىپ تاشلايدۇ، قان ساپ بولسا، يەل ۋە قان راۋان بولىدۇ، ئادەم تەبىئىيلا خۇشال بولىدۇ.

18. پىيادە مېڭىش ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ

ھاياتلىق دېمەك ھەرىكەت دېمەكتۇر، پىيادە مېڭىش بىر خىل جىمجىتلىق ئىچىدە ھەرىكەت قىلىش، ھەرىكەت ئىچىدە جىمجىتلىق بولۇشتەك بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۇسۇلى بولۇپ، نېرۋا مۇسكۇللىرىنىڭ جىددىيلىشىشىنى پەسەيتىدۇ، كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئۆمۈر تەبىئىي ئۇزىرايدۇ.

كۆرگەنسىز؟ ئەمدى بىچارە ئۆزىڭىزگە ئۇۋال قىلماڭ، تېز مېڭىڭ!


分享到: