新闻详情

بىر مەبلەغ سالغۇچىنىڭ پۇشايمان خاتىرىسى: سىز ماڭماقچى بولغان تۈز يول لاي-پاتقاققا تولغان

发表时间:2020-10-22 14:42作者:爱酷艺来源:新浪

مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئادەتتىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، تېز پۇل تېپىش ھەممە ئارزۇ قىلىدىغان ئىش، شۇنداقلا بىر مەيدان تەۋەككۈلچىلىك سەپىرى ھېسابلىنىدۇ. لېكىن ئەمەلىيەتتىچۇ؟ تېز پۇل تېپىش خۇددى ھېچقانداق تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش مەشىقى قىلىپ باقمىغان ئادەمنىڭ بوشلۇقتا پولات سىمدا ماڭغىنىغا ئوخشايدۇ. سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتىدىن قارىغاندا، تېز پۇل تېپىش كىشىگە بەكلا ئاسان ھەم ئازادە تۇيغۇ بەرگىنى بىلەن، لېكىن بۇ ئازادىلىك سىزگە يەنە خەۋپ-خەتەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بارا-بارا ئۇنتۇلدۇرىدۇ.

ئەپسۇس، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان بۇ چوڭقۇر تەسىراتلارنى مەنمۇ يۈزۈمگە بىر كاچات يېگەندىن كېيىن ئاندىن ھېس قىلدىم.

بۇ يىل 7-ئاينىڭ ئاخىرىدا، بالام يازلىق تەتىلگە چىققان بولۇپ، ئوقۇش باشلانسىلا 3-يىللىققا چىقاتتى. بۇ پۈتكۈل باشلانغۇچ مەكتەپ مەزگىلىدىكى بىر قەدەر ئالاھىدە بولغان يىللىق بولۇپ، ئالدىنقىسى بىلەن كېيىنكىسىنى باغلاش رولىنى ئوينايدىغان، ئۆگىنىدىغان ئوقۇش مىقدارى ۋە بىلىم مىقدارى بەلگىلىك دەرىجىدە ئاشىدىغان ھالقىلىق باسقۇچ ئىدى.

مېنىڭ بالامغا ئەڭ چوڭ مەدەت بەرگۈم، بۇ ھالقىلىق بىر يىلدا ئۇنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالغۇم بار بولغاچقا، ئۇزۇن ۋاقىت ئىككىلەنگەندىن كېيىن ئاخىرى ئىستېپا بەردىم. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مائاشتىن ئايرىلغان بۇ كۈنلەرنى قانداق ئۆتكۈزۈش مەن ھەل قىلمىسام بولمايدىغان جىددىي ۋەزىپە بولۇپ قالغان ئىدى.

ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ، ئاخىرى مالىيە باشقۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئازراق پۇل تېپىپ تۇرمۇشۇمغا ئىشلىتىشنى ئويلىدىم-دە، كىتابخانىغا بېرىپ مالىيە باشقۇرۇش تۈرىدىكى بازارلىق كىتابلاردىن بىر نەچچىنى سېتىۋېلىپ، ئۆزۈمنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنى تىرىشىپ كېڭەيتمەكچى بولساممۇ، لېكىن سەۋىيەم چەكلىك بولغاچقا كىتابتىكى نۇرغۇن بىلىم نۇقتىلىرىنى دېگەندەك چۈشىنىپ كېتەلمىدىم. شۇنىڭ بىلەن، توردىن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئىزدەشكە باشلاپ، «ئەلئارا پاي چېكى شاھى چېن خەيپىڭ»نىڭ ماقالىسىنى ئۇچرىتىپ قالدىم-دە، كۆڭلۈمدە يېڭىچە بىر ئوي پەيدا بولدى. «ئەگەردە مەن بۇنداق ئادەملەردىن بىۋاسىتە تەلىم ئېلىپ ئۆگەنگەن بولسام، نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى ھە!»

ئويلىمىغان يەردىن ماقالىدە يەنە شەخسىي ئۈندىدار نومۇرىمۇ بار بولۇپ، مەن قىزىقىش ئىچىدە قوشۇپ سىناپ باقتىم، ئۇزۇن ئۆتمەي قارشى تەرەپمۇ مېنى قېتىۋالدى.

«پۇشايماندىن كېيىنكى ئەقىل: ئالاقە دېتالى، تېلېفوندا سۈرۈشتۈرۈش، ئىزدەش موتورى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مەبلەغ سېلىش ئالدامچىلىقىنىڭ ۋاسىتىسى بولۇپ، ئالدامچىلار بۇ ئارقىلىق مەبلەغ سالغۇچى بىلەن ئالاقە ئورنىتىدۇ».

چېن خەيپىڭ مۇئەللىم مېنى قوشۇۋالغاندىن كېيىن، مەندىن ئۆزىنىڭ ئۈندىدارىنى قانداق بىلگەنلىكىمنى سورىدى. ئۇ يەنە يېقىندا ئۇنى قوشقانلارنىڭ بەك كۆپ ئىكەنلىكىنى، بەزىلىرىنى بۇرۇنقى كونا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەۋسىيە قىلغانلىقىنى، يېڭىدىن قوشۇلغان دوستلارغا بەلگە سېلىپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئارقىدىن ئۇ يەنە بىر ياردەمچىسى ئارقىلىق ماڭا بىر پارچە دەسلەپكى ساۋات چىقىرىش ماتېرىيالىنى ئەۋەتىپ بېرىپ، ئاۋۋال ئۆزۈمنىڭ ئۆگىنىشى كېرەكلىكىنى، كېيىنچە دەرس باشلانغاندا مەخسۇس توپقا تارتىپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە كۈندە ئۇنىڭ ياردەمچىسى بىلەن ئارىلاپ پاراڭلىشىپ، پاي چېكى بىلىملىرىگە بولغان چۈشەنچەمنى چوڭقۇرلىدىم. ئارىلىقتا يەنە ئۇنىڭ دوستلار چەمبىرىكىنى ئاختۇرۇپ، چىقارغانلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن تاماق يېگەن، قىزىغا ھەمراھ بولۇپ ئوينىغان ياكى بەدەن چېنىقتۇرغان يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش سۈرەتلىرى ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. پاھ، بۇ دەل مەن ئېرىشمەكچى بولغان تۇرمۇش ئەمەسمۇ؟!

«پۇشايماندىن كېيىنكى ئەقىل: ئادەتتە ئالدامچىلار ئۆزىنىڭ دوستلار چەمبىرىكى ئارقىلىق تېزلا بېيىپ كېتىش ئويى بار كىشىلەرنىڭ پۇل تېپىشقا بولغان قىزىقىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكچى بولىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ھوشيارلىقىنى بوشاشتۇرىدۇ».

دەسلەپتە چېن خەيپىڭ مۇئەللىمنىڭ دوستلار چەمبىرىكىمۇ ماڭا ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، ھەر كۈنى پاي چېكى بازىرىنىڭ ئەھۋالىنى تەھلىل قىلاتتى. لېكىن، قايسى كۈندىن باشلاپ، ئۇنىڭ دوستلار چەمبىرىكىنى كۆرەلمەيدىغان بولۇپ قالدىم. شۇ كۈنى ئۇ يەنە مېنى بىر توپقا تارتىپ قويدى. قارىسام توپتىكى بىر قىسىم كىشىلەر بىر-بىرى بىلەن خېلى يېقىندەك قىلاتتى.

ئىككى كۈندىن كېيىن، ياردەمچى توپتا دەرس باشلايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى ھەم دەرس جەدۋىلىنى تارقاتتى. قارىسام دەرس سۆزلەيدىغان ئۈچ ئوقۇتقۇچى بار بولۇپ، ئۇلار چېن خەيپىڭ، جاڭ بياۋ ۋە ۋاڭ گوچياڭ قاتارلىقلار ئىدى. بۇ ئۈچەيلەن ئۆزىگە يەنە «چېن باش رولچى»، «جاڭ باش قوماندان»، «ۋاڭ ئىشتاب باشلىقى» دېگەن ناملارنى قويۇۋالغان ئىدى.

دەرس ۋاقتىدا ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ چوقۇم يوقلىمىغا قاتنىشىشى تەلەپ قىلىنىدىغان بولۇپ، يوقلىمىدىن دەل ۋاقتىدا ئۆتكەن كۇرسانتلار دەرستىن كېيىن بىردىن مەخپىي ھۆججەتكە ئېرىشەلەيتتى. دەسلەپتە مېنىڭ ۋاقتىم يېتەرلىك بولمىغانلىقىم ئۈچۈن، پەقەت ئاندا-ساندا دەرس ئاڭلىدىم. كېيىنكى بىر قېتىملىق دەرسنى ئەستايىدىل تىڭشىغىنىمدا، ۋاڭ مۇئەللىم شۇ كۈندىكى پاي چېكى بازىرىنىڭ ئەھۋالىنى ۋە ۋاقىتقا بۆلۈپ تەھلىل قىلىشنى سۆزلەپ بەردى. لېكىن مەن ئۇ سۆزلىگەن مەزمۇنلارنىڭ بىرىنىمۇ چۈشەنمىدىم ھەم كۆڭلۈمدە «مانا بۇ مەن بىلەن كەسپىي زاتلارنىڭ پەرقى بولسا كېرەك» دەپ ئويلىدىم.

كېيىنچە ۋاڭ مۇئەللىم پاي بازىرىنىڭ ۋەزىيىتىگە ئاساسەن، بازار ئەھۋالىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ بەردى ۋە ئاخىرىدا بىردىن ئىككىگىچە پاي چېكىنى تەۋسىيە قىلىپ، كۆپچىلىككە سېتىۋالسا زىيان چىقمايدىغانلىقىنى، كۆپچىلىكنىڭ ئۆزىنى يەنە بىۋاسىتە لاۋ ۋاڭ دەپ چاقىرىشى كېرەكلىكىنى، بۇنداق بولغاندا ئارىدىكى توسۇقنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى ئارىسىدا تېخىمۇ ياخشى مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىر نەچچە كۈنلۈك دەرسكە قاتناشقاندىن كېيىن، مەن لاۋ ۋاڭنىڭ ھەقىقەتەن كارامىتى بارلىقىنى، تەۋسىيە قىلغان پاي چېكىنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ئۆسىدىغانلىقىنى بايقىدىم ۋە ئىلگىرىكى بىر قانچە سائەتلىك دەرسكە قاتناشمىغانلىقىم شۇنداقلا ئۇ تەۋسىيە قىلغان پاينى سېتىۋالمىغانلىقىم ئۈچۈن قاتتىق پۇشايمان قىلدىم-دە، شۇنىڭدىن كېيىنكى دەرسلەرگە پۈتۈن دىققىتىم بىلەن كىرىشتىم.

لاۋ ۋاڭ بىزگە تەۋسىيە قىلغان پاينىڭ ئۆسۈش نىسبىتى يۈزدە-يۈز پىرسەنت توغرا بولمىسىمۇ، لېكىن %80 توغرا چىقاتتى. ئۇ يەنە بۇنىڭ ئۆزىنىڭ نەچچە ئون يىل قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ ئېرىشكەن تەھلىل قىلىش ئىقتىدارى ئىكەنلىكىنى، 20 يىللىق تەجرىبىگە ئىگە كىشىنىڭمۇ بۇنداق توغرا ھۆكۈم چىقىرالىشىنىڭ تەس ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. شۇ ۋاقىتتا مەن ئۆزۈمنىڭ شۇنچىلىك تەلەيلىك ئىكەنلىكىمنى، شۇنداق ئاسانلا بىر «پىر ئۇستاز»غا ئۇچراپ قالغانلىقىمنى ئويلاپ، ئىچ-ئىچىمدىن خۇش بولۇپ كەتكەن ئىدىم.

«پۇشايماندىن كېيىنكى ئەقىل: ئەمەلىيەتتە ئالدامچىلارنىڭ ئۆزىگە خاس سىستېمىلاشقان توپى بار بولۇپ، ئوخشىمىغان توپ ئىچىدە ئوخشىمىغان پاي چېكىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ھامان ئۆسىدىغىنى چىقىپ قالىدۇ-دە، شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ قانچىلىك قالتىس كىشى ئىكەنلىكىنى پەش قىلىپ، قاتناشقۇچىلارنىڭ كۆڭلىدىكى ئورنىنى ئۆستۈرمەكچى بولىدۇ».

ئارقىدىن لاۋ ۋاڭ يەنە :«مەنمۇ خاسىيەتلىك ئادەم ئەمەس، تەۋسىيە قىلغان ھەممە پايدا پۇل تاپقىلى بولىدۇ دەپ كاپالەت بېرەلمەيمەن. لېكىن سىلەر ماڭا ئەگىشىپ %10 تىن %30 كېچە پايدا ئالالىشىڭلاردا چاتاق يوق. ماڭا ئىلگىرى ئەگىشىپ باققانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بىلىدۇ، سىلەر ئۇلاردىن لاۋ ۋاڭغا ئەگىشىپ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان قانچىلىك پۇل تاپتىڭلار؟ دەپ سوراپ بېقىڭلار» دەيتتى. ئارقىدىنلا كونا ئوقۇغۇچىلاردىن بىر قانچىسى ئۆزلىرىنىڭ %20، %30 ھەتتا %50 پايدىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتتى. شۇ ۋاقىتتا مەنمۇ بۇ توپقا بالدۇرراق كىرمىگەنلىكىم ئۈچۈن، ئىچىم ئاچچىق بولۇپ قالغان ئىدى.

ئاندىن يەنە بىر قىسىم كونا ئوقۇغۇچىلار: «ۋاڭ مۇئەللىم، سىز بىزنى يېتەكلەپ شۇنچە كۆپ پۇللۇق قىلىپ قويدىڭىز. دائىم سىزگە ياخشىراق رەھمەت ئېيتقۇمىز كېلىدۇ، ئادرېسىڭىزنى ماڭا بەرگەن بولسىڭىز، سىزگە يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى ئەۋەتىپ كۆڭلۈمنى بىلدۈرەي!» دېگەندەك تەشەككۈر سۆزلىرىنى توپقا يوللىدى. بۇ ۋاقىتتا لاۋ ۋاڭ كەمتەرلىك بىلەن :«بولدى، كۆڭلىڭىز ماڭا تېگىل بولدى، سىلەرنىڭ پۇل تاپقانلىقىڭلارنى كۆرۈپ، مەنمۇ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. سىلەرگە دېسەم، مەن ھېچنېمىنى كۆزلىمەيمەن، بىرەر نەرسە سوۋغا قىلىشىڭلارنىڭمۇ ھېچقانداق ھاجىتى يوق. ئەگەردە چوقۇم قىلمىسام بولمايتتى دەپ ئويلىسىڭىز، ماڭا بېرىدىغان شۇ نەرسىنى ئېھتىياجلىق جايغا ئىئانە قىلىۋېتىڭ، ياخشى ئىشلارنى كۆپرەك قىلىڭ... مەنمۇ ياخشى ئىشلارنى كۆپ قىلىدىغان كىشىلەرنى قەۋەتلا ياخشى كۆرىمەن. ئادەم بۇ دۇنيادا ئۆزىنىڭ ياخشى كۈن كەچۈرۈش شارائىتى بولسىلا، ئامال قىلىپ باشقىلارنىمۇ ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش كېرەك. پۇل تاپقاندا ئۆيىڭىزدىكىلەرنى ئۇنتۇپ قالماڭ، ئۆيدىكىلەرگە كۆپرەك ھەمراھ بولۇپ، سىرتقا چىقىپ بىلەن تاماق يەڭ» دېگەندەك جاۋابلارنى قايتۇراتتى.

بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مەن لاۋ ۋاڭنىڭ ھەقىقەتەن ئالىيجاناب ئادەم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىم بارغانسېرى ئېشىپ، ئۇنىڭ ئالدامچى ئىكەنلىكىدىن ئازراقمۇ گۇمانلانمايدىغان بولدۇم.

«پۇشايماندىن كېيىنكى ئەقىل: ئالدامچىلار كىشىلىك قەدىر-قىممىتىنى كۆپتۈرۈش، ئالىيجاناب ئەخلاق-پەزىلىتىنى نامايان قىلىش ئارقىلىق، باشقىلارغا ئۆزىنىڭ ئاچكۆز ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكچى بولىدۇ ۋە ھەممە بىلىشكە قىزىقىدىغان «شۇنداق ياخشى پۇل تاپىدىغان ئىش تۇرسا، نېمىشقا ئۆزى يالغۇز ئوغرىلىقچە تېپىپ بېيىپ كەتمەيدۇ؟» دېگەن مۇھىم سوئالنىڭ جاۋابىنى ھېس قىلدۇرىدۇ».

لاۋ ۋاڭنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرۈپ سۆزلەيدىغىنى پاي چېكىدىن باشقا يەنە رەقەملىك پۇل ئىدى. ئۇ «رەقەملىك پۇل ھازىر دۆلەت يۆلەۋاتقان مۇھىم تۈر بولۇپ، ئىزچىل سىگنال بېرىۋاتىدۇ» دەيتتى. يەنە، رەقەملىك پۇلنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى ۋە دۆلەتنىڭ رەقەملىك پۇل سىياسىتىنى يولغا قويۇشتىكى خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك مەقسىتىنى سۆزلەپ بېرەتتى. ئۇنىڭ سۆزلىگەن مەزمۇنلىرى كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان بولۇپ، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ جۇڭگولۇق بولغىنىدىن چەكسىز ئىپتىخارلاندۇراتتى.

كېيىن پاي چېكى بازىرىنىڭ ئەھۋالى ئانچە ياخشى بولمىغاچقا، لاۋ ۋاڭ نىشاننى ئۆزگەرتىشكە باشلاپ، رەقەملىك پۇل بازىرىدا كونا ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە يۇقىرى پايدا ياراتقانلىقىنى بىزگە كۆرسىتىدىغان بولۇۋالدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، جاڭ بياۋ كۆپچىلىكنى «يەتىكەن يۇلتۇزى ھەرىكەت پىلانى» نى تۈزۈشكە تەشكىللىدى.

«پۇشايماندىن كېيىنكى ئەقىل: مەبلەغ سېلىش ئالدامچىلىقى ئادەتتە پاي چېكى ساھەسىدىلا بولمايدۇ، چۈنكى پاي چېكى بازىرىدا مەبلەغ ۋە يۈزلىنىشنى كونترول قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئالدامچىلار باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ بولغاندىن كېيىن، ئەگەشكۈچىلەرنى ئۆزلىرى كونترول قىلالايدىغان ساھەگە قىزىقتۇرۇشقا باشلايدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە، ئالدامچىلار قۇرغان زاكاز مال، قىممەت مېتال، خام نېفىت، رەقەملىك پۇل قاتارلىق ساختا سودا سۇپىلىرى كۆپ ئۇچرايدۇ».

بۇ مەزگىلدە، جاڭ بياۋ ئۆزىنىڭ ئىجرا قىلىش كۈچىنىڭ ئىپادىسىگە ئاساسەن ئوقۇغۇچىلارنى ئۈچ ئەترەتكە بۆلۈپ، ھەر بىر ئەترەتنىڭ مەيدانغا كىرىش تەرتىپى ۋە ۋاقىت تۈگۈنى، سېتىۋېلىش قەدەم باسقۇچى ۋە ئۈلۈشىنى ئورۇنلاشتۇردى.

بۇنىڭ ئىچىدە بىرىنچى سەپنىڭ ئالىدىغان پايدىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاچقا، كۆپچىلىك بەس-بەستە بىرىنچى سەپكە كىرىشنى تالاشتى. مەنمۇ ناھايىتى تەلەيلىك ھالدا بىرىنچى سەپكە كىردىم.

شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىكى پاي چېكى توپى تارقىلىپ كەتتى-دە، مېنى يېڭى بىر توپقا تارتىپ قويدى. بۇ يېڭى توپمۇ كونا توپتىن پەرقلەنمەيدىغان بولۇپ، ھەر كۈنى دەرس باشلاشتىن ئىلگىرى مۇئەللىمگە مىننەتدارلىق بىلدۈرەتتى ۋە مەدھىيە سۆزلىرىنى ياغدۇراتتى. يەنە ئۆزىنى پېشقەدەم كۇرسانت دەپ ئاتىۋالغان كىشىلەر دەرستىن بۇرۇن مۇئەللىمگە ئەگىشىپ قانچىلىك پايدا ئالغانلىقى توغرىسىدا دوكلات بېرىۋېتەتتى. باشقا ۋاقىتلاردا بولسا خەلقئارادىكى چوڭ ئىشلارنى تەھلىل قىلىپ ئولتۇراتتى.

«يەتىكەن يۇلتۇزى ھەرىكەت پىلانى» نىڭ باشلىنىش كۈنىگە بارغانسېرى يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، پاي چېكى بازىرىدا ئىزچىل ياخشى خەۋەرلەر بولمىدى. توپ ئىچىدە مۇزاكىرە قىلىش، كېڭىشىش ئارقىلىق، كۆپچىلىك بەس-بەستە قولىدىكى بارلىق مەبلەغنى چىقىرىپ، ۋاڭ مۇئەللىم تازا پۇل تېپىۋاتقان رەقەملىك پۇل ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشنى قارار قىلىشتى. ئۇلار يەنە بۇنىڭ خەتىرى ئەڭ تۆۋەن، پايدىسى يۇقىرى ھەم تېز، مەبلەغ كەمچىللىكىنى تولۇقلاش ئېھتىماللىقىمۇ چوڭ دەپ قاراشتى. شۇنىڭ بىلەن جاڭ بياۋ كۆپچىلىككە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ: «يەتىكەن يۇلتۇزى ھەرىكەت پىلانى ئۈچۈن ھەسسە قوشماقچى بولغان كۇرسانتلار چوقۇم بارلىق مەبلىغىنى چىقىرىپ رەقەملىك پۇل بازىرىدا يېڭىلىق يارىتىشى كېرەك، بىز چوقۇم بىر نىيەتتە ھەمكارلاشقاندىلا ئاندىن ھەرىكەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايمىز! » دېدى.

ئەينى چاغدا قولۇمدا ئاران 20 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل بار بولۇپ، باشقىلارغا سېلىشتۇرغاندا مەبلىغىم بەكلا ئاز ئىدى. لېكىن سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن، مەن چىقىمداندىن 97 مىڭ يۈەن قەرز ئالدىم-دە، جەمئىي 120 مىڭ يۈەن غەملىگەندىن كېيىن، ھەممىسىنى رەقەملىك پۇلغا مەبلەغ سېلىۋەتتىم. ئەينى ۋاقىتتا ئويلىغىنىمدا، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بولمىدى دېگەندە %30 پايدا ئېلىشىم تەبىئىي ئىش ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن مەبلىغىمنى قايتۇرۇپ چىقىرىۋالساملا بولاتتى.

ئەينى ۋاقىتتا يەنە دادامنىمۇ مەبلەغ سېلىپ سىناپ بېقىشقا قىزىقتۇرغان بولساممۇ، لېكىن ئۇ گەپلىرىمنى ئاڭلاپ ئىككىلىنىپ قالدى ۋە بۇنداق ئىشلاردىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى، يەنىلا قىلمىسا ياخشىراق بولىدىغانلىقىنى، مېنىڭمۇ ياخشىراق ئويلىنىپ بېقىشىم كېرەكلىكىنى ئېيتتى. لېكىن بۇ ۋاقىتتا مەن مەبلەغنى سېلىپ بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوتتەك قىزغىنلىقىم ئېشىپ تۇرغان ۋاقىتلار بولغاچقا، دادامنىڭ بۇ قاتماللىقى مېنى بىئارام قىلىپ قويدى.

«پۇشايماندىن كېيىنكى ئەقىل: ئالدامچىنىڭ مېڭە يۇيۇش تەرتىپىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئالدامچىغا تولۇق ئىشىنىدىغان، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ بىلىش ئىقتىدارى ۋە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئىنكار قىلىدىغان سۆزلەرگە دۇچ كەلگەن ھامان، شەخسىي ئىززەت-ھۆرمىتى ھاقارەتكە ئۇچرىغاندەك ھېس قىلىپ، دەرھال رەددىيە بېرىدۇ».

لېكىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا دادامنىڭ گېپى كاللامغا كىرىۋالدى. مېنىڭ كاللام راستتىنلا يۇيۇلۇپ كەتتىمۇ قانداق؟ بۇ ئەسلىدىنلا بىر ئالدامچىلىقمۇ؟ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە، ئالقىنىمدىن سوغۇق تەر چىقىپ كەتتى-دە، داۋامىنى ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمىدىم. لېكىن كۆز ئالدىمدىكى بۇ سىر يەنىلا مېنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالنى تېپىپ چىقىشىمغا تۈرتكە بولماقتا ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن توردىن بۇ رەقەملىك پۇل سۇپىسىنى ئىزدەپ، بۇ سۇپىغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن دېلولارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، مەبلەغنى يۆتكەپ كىرگەندىن كېيىن، يۆتكەپ چىققىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ، لاسسىدە بولۇپ قالدىم.

شۇ ۋاقىتتا بىردىنبىر قىلالايدىغان ئىشىم، ئۆزۈمگە بۇنىڭ يالغان ئەمەسلىكىگە ئىشىنىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلىش، سالغان مەبلىغىمنىڭ قايتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىش ئىدى.

ئەپسۇس، ئويلاشنى خالىمىغان ئاقىۋەت ئاخىرى يۈز بېرىپ، 120 مىڭ يۈەن پۇلۇم مەبلەغ سېلىش سۇپىسى بىلەن بىللە تۈتۈنگە ئايلىنىپ كەتتى.ھوشۇمنى تاپقاندىن كېيىن بولسا، ئالدامچىلار بىلەن ئالاقىلىشالمىغان ئىدىم.

كېيىن مەن ھەر تەرەپتىن ئادۋوكات ئىزدەپ، ساقچىخانىغا بېرىپ دېلو مەلۇم قىلغان بولساممۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ قايتۇرغان جاۋابىنىڭ ھەممىسى ئوخشاش: «سىلەرنى بۇرۇنلا مۇشۇنداق قانۇنسىز مەبلەغ يىغىش تۈرىگە مەبلەغ سالماڭلار دېمىگەنمىدۇق......»

مانا بۇ مەن، مانا بۇ بىر ئەخمەقنىڭ مەبلەغ سېلىش كەچۈرمىشى.... سىلەرنىڭ ماڭا ئوخشاش كەچۈرمىشىڭلارنىڭ بولماسلىقىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن ....


分享到: