新闻详情

چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ بۇ ھەپتىلىك مۇنەۋۋەر ماھىر نامزاتلىرى

发表时间:2020-10-22 15:35作者:ئەلكۈيى تورى来源:جىبوبا تورى


بۈگۈن سەھەر ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسى تولۇق ئاخىرلاشتى، ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئورگان تورىدا بۇ ھەپتىلىك ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ مۇنەۋۋەر ماھىر نامزاتلىرىنى ئېلان قىلدى، يۇۋېنتۇس توپچىسى موراتا ۋە بايرېن مىيۇنخېن توپچىسى كومان قاتارلىق توپچىلار مۇنەۋۋەر ماھىر نامزاتلىقىغا تاللاندى.


موراتا (يۇۋېنتۇس): موراتا كىيېۋ دىنامو بىلەن ئوينالغان مۇسابىقىدە ئىككى توپ كىرگۈزۈپ، كوماندىسىنىڭ 2-0 نەتىجىدە غەلبە قىلىشىغا كۈچ قوشتى.


ئانجېلىنو (لېيپزىگ قىزىل كالا): ئانجېلىنو ئىستامبول تەنتەربىيەسى بىلەن ئوينالغان مۇسابىقىدە ئىككى توپ كىرگۈزۈپ، كوماندىسىنىڭ 2-0 نەتىجىدە غەلبە قىلىشىغا كۈچ قوشتى.


تىتې (دونستېك كان ئىشچىلار): تىتې خانلىق مادرىد بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە بىر توپ كىرگۈزۈش بىلەن بىرگە «خائىن توپ»نىڭ كىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، كوماندىسىنىڭ 3-2 نەتىجىدە غەلبە قىلىشىغا كۈچ قوشتى.


كومان (بايرېن مىيۇنخېن): كومان مادرىد ئاتلېتكا بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە ئىككى توپ كىرگۈزۈپ بىر ياردەمچى پاس بېرىپ، كوماندىسىنىڭ 4-0 نەتىجىدە غەلبە قىلىشىغا كۈچ قوشتى.


分享到: