新闻详情

«ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى» مۇسابىقىسى لايىھەسى ئاشكارىلاندى

发表时间:2020-10-22 17:41作者:爱酷艺来源:腾讯

ياۋروپا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياۋروپا پۇتبولچىلىقىدىكى زەردار كوماندىلار قاتنىشىدىغان بىر تۈرلۈك «ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى» مۇسابىقىسى تەشكىللىنىدىغان بولۇپ، بۇ تۈرلۈك مۇسابىقىگە بەلكىم ياۋروپادىكى 18 زەردار كوماندا قاتنىشىشى، شۇنداقلا يېقىنقى ئون يىل جەريانىدا پۇتبول دۇنياسىدىكى ئەڭ چوڭ ئىسلاھاتنىڭ بىرى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئىگىلىنىشچە بۇ تۈرلۈك مۇسابىقىنى ئۇيۇشتۇرۇش ئۈچۈن تەخمىنەن ئالتە مىليارد دوللارغا يېقىن خىراجەت كېتىدىغان بولۇپ، دەسلەپكى باسقۇچتىكى لايىھە ئاللىقاچان خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.

بۇ تۈرلۈك مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىنىدىغان زەردار كوماندىلارمۇ ئاشكارىلانغان بولۇپ، ئۇلار مانچېستېر بىرلەشمىسى، مانچېستېر شەھىرى، لىۋېرپول، ئارسېنال، چېلسى، توتېنھام، خانلىق مادرىد، بارسېلونا، مادرىد ئاتلېتكا، بايرېن مىيۇنخېن، يۇۋېنتۇس ۋە پارىژ سانت گېرمان قاتارلىقلار.

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھازىر مەبلەغ سالغۇچى تەرەپ بۇ لايىھە ئۈچۈن تۈركۈملەپ مەبلەغ توپلاۋاتقان بولۇپ، تەخمىنەن تۆت مىليارد 600 مىليون فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن ئالتە مىليارد دوللار)غا يېتىدىكەن، سېلىنغان بۇ مەبلەغ كەلگۈسىدە مۇسابىقە باشلانغان ۋاقىتتا بىۋاستە تارقىتىش ھەققى قاتارلىقلاردىن كەلگەن پايدىدىن ئايرىۋېلىنىدىكەن. ئەگەر بۇ تۈرلۈك مۇسابىقە باشلانسا، ئۇنداقتا بۇ دۇنيادىكى تەسىر كۈچى ئەڭ چوڭ كوللىكتىپ تەنتەربىيە ھەرىكىتى بولۇپ، ھەر قايسى كۇلۇبلار بۇ مۇسابىقىگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان كىرىمغا ئېرىشىدۇ، يەنى قانچە زەردار كوماندا شۇنچە كۆپ پايدىغا ئېرىشىدۇ.


分享到: