新闻详情

چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى : بايرېن مىيۇنخېن 0:4 مادرىد ئاتلېتكا

发表时间:2020-10-22 17:45作者:爱酷艺来源:懂球帝

بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى سەھەر سائەت 3:00تە، 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان كۈچلۈكلەر ئۇچرىشىشى، مىيۇنخېن ئاللىيانز توپ مەيدانىدا باشلاندى، بايرېن مىيۇنخېن ساھىبخان مەيداندا مادرىد ئاتلېتكا بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە بايرېن مىيۇنخېندىن كىممىچنىڭ ئۇزۇن پاس بېرىشى بىلەن كومان بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، ئۇنىڭدىن كېيىن كوماننىڭ پاس بېرىشى بىلەن گورېتزكا بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى، بايرېن مىيۇنخېندىن سۈلىنىڭ تەپكەن توپى قاپقا تۆمۈرىگە تەگدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە بايرېن مىيۇنخېننىڭ ئىككى توپ ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە بايرېن مىيۇنخېندىن تولىسسو يىراقتىن بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى، توماس مۇللېرنىڭ پاس بېرىشى بىلەن كومان يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، مۇسابىقە غەلبىسىنى مۇقىملىدى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا بايرېن مىيۇنخېن ساھىبخان مەيداندا 0:4 نەتىجىدە مادرىد ئاتلېتكىنى مەغلۇپ قىلدى.

مۇسابىقە باشلىنىپلا مېھمان مەيداندىكى مادرىد ئاتلېتكا ئالدى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى، سۇئارېز قاپقا ئالدىدا توپقا يېتىشەلمەي پۇرسەتنى قولدىن بەردى، بايرېن مىيۇنخېندىن لېۋاندوۋىسكىنىڭ تەپكەن توپى ياندىن چىقىپ كەتتى، بايرېن مىيۇنخېن بۇلۇڭ توپ پۇرسىتىدە ھۇجۇم تەشكىللەپ، سۈلىنىڭ تەپكەن توپى قاپقا تۆمۈرىگە تەگدى، تولىسسونىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇۋالدى، مادرىد ئاتلېتكىدىن كاراسكونىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى تۇتۇۋالدى، مۇسابىقە باشلىنىپ 28 مىنۇت بولغاندا بايرېن مىيۇنخېن بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، بايرېن مىيۇنخېن ھۇجۇم تەشكىللەپ، كىممىچنىڭ ئۇزۇن پاس بېرىشى بىلەن كومان چەكلەنگەن رايون ئىچىدە توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 41 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا، ساھىبخان مەيداندىكى بايرېن مىيۇنخېن يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى، بايرېن مىيۇنخېن ھۇجۇم قوزغاپ، كوماننىڭ پاس بېرىشى بىلەن گورېتزكا چەكلەنگەن رايون ئىچىدە توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە بايرېن مىيۇنخېننىڭ ئىككى توپ ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى. كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا بايرېن مىيۇنخېن ساھىبخان مەيداندا 0:4 نەتىجىدە مادرىد ئاتلېتكىنى مەغلۇپ قىلدى.


كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپلا مادرىد ئاتلېتكا ئالدى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى، مۇسابىقە باشلىنىپ 48 مىنۇت بولغاندا مادرىد ئاتلېتكىدىن فېلىكس بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما رىپېر ھۇجۇم جەريانىدا قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان دەپ ھۆكۈم قىلىپ، كىرگەن توپنى ئىناۋەتسىز قىلدى، مۇسابىقە باشلىنىپ 66-مىنۇتقا قەدەم قويغاندا، بايرېن مىيۇنخېن يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى يەنىمۇ ئاشۇردى، تولىسسو ھۇجۇم تەشكىللەپ، ئۆزى چەكلەنگەن رايون سىرتىدىن توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، مۇسابىقە باشلىنىپ 72 مىنۇت بولغاندا، بايرېن مىيۇنخېن يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، مۇسابىقە غەلبىسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن مۇقىملىدى، بايرېن مىيۇنخېن ھۇجۇم تەشكىللەپ، توماس مۇللېرنىڭ پاس بېرىشى بىلەن كومان توپنى ھەيدەپ چەكلەنگەن رايونغا بۆسۈپ كىرگەندىن كېيىن توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، مادرىد ئاتلېتكىدىن فېلىكسنىڭ تەپكەن ئىختىيارى توپى ئازراقلا ئېگىز ئۆرلەپ كەتتى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا بايرېن مىيۇنخېن ساھىبخان مەيداندا 0:4 نەتىجىدە مادرىد ئاتلېتكىنى مەغلۇپ قىلدى.


分享到: