新闻详情

چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى: ئاجاكس 1:0 لىۋېرپول

发表时间:2020-10-22 17:46作者:爱酷艺来源:懂球帝

2020102207030217415.jpg

بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى سەھەر سائەت 3:00تە، 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە كرۇيېف توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، ئاجاكس كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا لىۋېرپول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە لىۋېرپول ھۇجۇمچىسى مانېنىڭ پاس يەتكۈزگەن توپىنى ئاجاكستىن تاگليافىكو ئىھتىياتسىزلىقتىن ئۆز قاپقىسىغا توسۇپ كىرگۈزۈپ، لىۋېرپول مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى، لىۋېرپول بېكى فابىنھو قارشى تەرەپنىڭ خەتەرلىك توپىنى قاپقا سىزىقى ئۈستىدە توسۇپ چىقىرىۋەتتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە لىۋېرپولنىڭ بىر توپ ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ئاجاكستىن كلارسوننىڭ تەپكەن توپى قاپقا تۆمۈرىگە تەگدى، كېيىنكى مىنۇتلاردا ھەر ئىككى كوماندا قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا لىۋېرپول مېھمان مەيداندا 0:1 نەتىجىدە ئاجاكس كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.

2020102206255029121.jpg

مۇسابىقە باشلىنىپلا ئالدى بىلەن ساھىبخان مەيدان ئەۋزەللىكىدىن پايدىلانغان ئاجاكس ھۇجۇمنى باشلىدى، مارتىنېزنىڭ كىچىك بۇلۇڭدىن تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇۋالدى، گرانۋېنبېرگنىڭ يىراقتىن تەپكەن توپى ئازراقلا ئېگىز ئۆرلەپ كەتتى، نېرېسنىڭ پاس بېرىشى بىلەن پرومىسنىڭ يېقىن ئارىلىقتىن تەپكەن توپىنىمۇ قاپقىچى توسۇۋالدى، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 34 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا مېھمان مەيداندىكى لىۋېرپول بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، لىۋېرپول ھۇجۇم تەشكىللەپ، مانې توپنى ھەيدەپ سول تەرەپتىن توپنى ئوتتۇرىغا پاس يەتكۈزدى، ئاجاكستىن تاگلىيافىكو ئىھتىياتسىزلىقتىن پاس توپنى ئۆز قاپقىسىغا توسۇپ كىرگۈزدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە لىۋېرپولنىڭ بىر توپ ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ ساھىبخان مەيداندىكى ئاجاكس يەنىلا ئالدى بىلەن ھۇجۇمنى باشلىدى، كلارسوننىڭ تەپكەن توپى قاپقا تۆمۈرىگە تەگدى، لىۋېرپولدىن فىرمىنو ھۇجۇم جەريانىدا يىقىلغان بولسىمۇ، رىپېر ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىدى، لىۋېرپول داۋاملىق ھۇجۇم تەشكىللەپ، فابىنھونىڭ ئۈسكەن كاللا توپىنى مۇداپىئەچىلەر توسۇۋالدى، ئاجاكس تېز سۈرئەتتە قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، كلارسوننىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتكەن، لىۋېرپول ھۇجۇم تەشكىللەپ، تاكۇمى مىنامىنونىڭ يىراقتىن تەپكەن توپىنى مۇداپىئەچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، لىۋېرپول بۇلۇڭ توپ پۇرسىتىدە ھۇجۇم تەشكىللەپ، ۋىينالدۇمنىڭ ئۈسكەن كاللا توپى ئازراقلا ئېگىز ئۆرلەپ كەتتى، لىۋېرپول داۋاملىق ھۇجۇم تەشكىللەپ، ۋىينالدۇم بىلەن جوتانىڭ كەينى-كەينىدىن تەپكەن توپىمۇ توسۇۋېلىندى، كېيىنكى مىنۇتلاردا ھەر ئىككى كوماندا قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا لىۋېرپول مېھمان مەيداندا 0:1 نەتىجىدە ئاجاكس كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.


分享到: