新闻详情

چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى: مانچېستېر شەھىرى 1:3 پورتو

发表时间:2020-10-22 17:47作者:爱酷艺来源:懂球帝

بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى سەھەر سائەت 3:00تە، 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئېتىخاد توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، مانچېستېر شەھىرى ساھىبخان مەيداندا پورتو كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە، پورتو كوماندىسىدىن لۇئىس دىياس، مانچېستېر شەھىرى مۇداپىئە سېپىنىڭ سەۋەنلىكىدىن پايدىلىنىپ بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، كەينىدىن مانچېستېر شەھىرى نۇقتا توپتىن بىرگە ئېرىشىپ، ئاگۈيرو نۇقتا توپنى تېپىپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىنى تەڭلەشتۈردى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ئىككى كوماندا 1:1 نەتىجىدە تەڭلىشىپ قالدى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە مانچېستېر شەھىرىدىن گۇندوغان ئىختىيارى توپ تېپىش پۇرسىتىدە توپنى بىۋاستە قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، توررېس مانچېستېر شەھىرىگە ۋاكالىتەن بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا مانچېستېر شەھىرى ساھىبخان مەيداندا 1:3 نەتىجە بىلەن پورتو كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.

2020102208023144643.jpg

مۇسابىقە باشلىنىپلا ساھىبخان مەيداندىكى مانچېستېر شەھىرى ئىككى قېتىملىق ھۇجۇم تەشكىللىگەن بولسىمۇ، مۇداپىئە سېپى تەرىپىدىن توسۇۋېلىندى، مۇسابىقە باشلىنىپ 15 مىنۇت بولغاندا پورتو كوماندىسى بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، مانچېستېر شەھىرىدىن رۇبېن دىئازنىڭ پاس يەتكۈزۈشتىكى سەۋەنلىكى تۈپەيلى، لۇئىس دىياس توپنى ھەيدەپ چەكلەنگەن رايون ئىچىگە بۆسۈپ كىرىپ، توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، ئارىدىن بىر مىنۇت ئۆتۈپ، مانچېستېر شەھىرى تېزلىكتە بىر توپ كىرگۈزۈپ مەيدان نەتىجىسىنى تەڭلەشتۈردى، مانچېستېر شەھىرى ھۇجۇم تەشكىللەپ، ستېرلىڭ چەكلەنگەن رايون ئىچىدە قارشى تەرەپ مۇداپىئەچىسى تەرىپىدىن يىقىتىۋىتىلدى، رىپېر نۇقتا توپقا ھۆكۈم قىلدى، ئاگۈيرو نۇقتا توپنى تېپىپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىنى تەڭلەشتۈردى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ئىككى كوماندا 1:1 نەتىجىدە تەڭلىشىپ قالدى.


كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ، مانچېستېر شەھىرى ھۇجۇمنى تېخىمۇ كۈچەيتتى، گۈندۇغاننىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، مۇسابىقە باشلىنىپ 64 مىنۇت بولغاندا مانچېستېر شەھىرى بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، مانچېستېر شەھىرى ئىختىيارى توپ تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، گۇندوغان توپنى بىۋاستە قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، ئارىدىن سەككىز مىنۇت ئۆتكەندە مانچېستېر شەھىرى يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ،نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى، توررېس بىلەن فودېن ياخشى ھەمكارلىشىپ، توررېس توپنى ھەيدەپ چەكلەنگەن رايون ئىچىگە بۆسۈپ كىرىپ، توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، مانچېستېر شەھىرى داۋاملىق ھۇجۇم تەشكىللەپ ماھرىزنىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا مانچېستېر شەھىرى ساھىبخان مەيداندا 1:3 نەتىجە بىلەن پورتو كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.


分享到: