新闻详情

راموس قاتناشمىغان يېقىنقى سەككىز قېتىملىق چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە، خانلىق مادرىد يەتتە قېتىم مەغلۇپ

发表时间:2020-10-22 17:48作者:爱酷艺来源:zhibo8

بۈگۈن سەھەر ئوينالغان ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدا، خانلىق مادرىد ئۆز مەيدانىدا 2-3 نەتىجىدە دونستېك كان ئىشچىلىرى كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، تۇنجى قەدەمنى مەغلۇبىيەت بىلەن باشلىدى. خانلىق مادرىد كاپىتانى راموس يارىلىنىش سەۋەبىدىن بۇ مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشالمىدى، شۇڭا زىدانى ۋارانې بىلەن مىلىتاۋنى ئوتتۇرا بېكقا ئورۇنلاشتۇردى.

نەتىجىدە خانلىق مادرىد ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدىلار ئۈچ توپ كەتكۈزدى، گەرچە كېيىنكى يېرىم مەيداندا ۋىنىسىئۇس بىلەن مودرىچ بىردىن توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن خانلىق مادرىد يەنىلا ئۆز مەيدانىدا مەغلۇپ بولدى. «Gracenote»نىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، راموس قاتناشمىغان يېقىنقى سەككىز قېتىملىق ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە، خانلىق مادرىد يەتتە قېتىم مەغلۇپ بولغان.


分享到: