新闻详情

ھىندىستان گۈزىلى نېمىشقا «دۆلەت خائىنى» دەپ ھاقارەتلىنىدۇ؟

发表时间:2020-10-22 17:49作者:爱酷艺来源:百度

گۈزەل چىراي بىر ئايال ئۈچۈن ئېيتقاندا ناھايىتى مۇھىم، لېكىن ئۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە قوش بىسلىق خەنجەرگە ئوخشاش بولۇپ، سەللا بىخەستەلىك كۆرۈلسە ئۆزىگە زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىمالىمۇ ئىنتايىن چوڭ.

ئۇ «ھىندىستاندىكى بىرىنچى ساھىبجامال» دەپ نام ئالغان، 21 ياشقا كىرگەن يىلى «دۇنيا گۈزىلى» تاللاش مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنى، ھەتتا پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن. ئۇ بىر كېچىدىلا نام چىقىرىپ، پۈتۈن دۇنيادا داڭق چىقارغان. ئەمما بۇ چاغدا ئۇ ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدە ئانا بولۇپ بەخىتكە ئېرىشكىنىدە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى، ھەتتا ھىندىستان تور ئەھلىنىڭ ئۇنى «ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلدى» دەپ ئاشكارا تەنقىد قىلىدىغانلىقىنى ئويلىمغان. شۇنداق، ئۇنىڭ نام-ئابرويىنىڭ بۇ دەرىجىدە ئاسمان-زېمىن تەۋرىنىپ كېتىشنى كىممۇ ئويلاپ يېتەلىسۇن؟

1973-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى بىر ئوماق قىز ھىندىستاندا دۇنياغا كۆز ئاچقان، ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا ئاشۋارىيا راي (Aishwaryaa Rai) دەپ ئىسىم قويغان. بۇ ناھايىتى چىرايلىق ئىسىم بولۇپ، ئائىلە ئەھۋالى ياخشى بولغاچقا، ئاشۋارىيا كىچىكىدىن تارتىپلا ياخشى تەربىيە ئالغان، ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئېسىل گېنىغا ۋارىسلىق قىلغان، كىچىكىدىن تارتىپ نەتىجىسى ناھايىتى ياخشى ئىدى، ئالىي مەكتەپتە تېخى بىناكارلىق ئىلمىنى تاللىغان.

ئەگەر مۇشۇ يول بىلەن ماڭسا، ئاشۋارىيانىڭ كەلگۈسىدە بىر ئارخىتېكتور (قۇرۇلۇش لايىھەلىگۈچى) بولۇپ، سالاپەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشى قىيىن ئەمەس ئىدى، ئەمما ئۇ گۈزەل رۇخسارى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان بىر يولدا مېڭىشنى تاللىغان ئىدى.

1994-يىلى دوستلىرىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن گۈزەل ئاشۋارىيا جەنۇبىي ئافرىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن «دۇنيا گۈزىلى» تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان بولۇپ، نەتىجىدە ئۇ ئاسانلا چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە زىلزىلە پەيدا قىلدى، بوللىۋود ئۇنىڭغا قولىنى سۇندى، ئۇنى «ئۇسسۇل شاھزادىسى»(舞蹈王子)دا ئايال باش رولچى قىلدى، شۇ يىلى ئۇ 21 ياشقا كىرمىگەن بولۇپ ناھايىتى ياش ھەم ئىستىقبالى پارلاق ئىدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئاشۋارىيا ھىندىستاندىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال ئارتىس بولۇپ باھالىنىپ، مىليونلىغان يىگىتلەرنىڭ چۈشىدىكى مەشۇقىغا ئايلاندى.

ئۇنىڭدىن كېيىن، «بۈگۈنكى ھىندىستان» ئۇنى ئىزدەپ تېپىپ، مۇقاۋىغا چىقىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى، ئاشۋاىيا ئۇنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى. نەتىجىدە ئۇ مۇقاۋىغا چىققان بىرىنچى سانىلا ئوتتەك سېتىلدى. ئارقىدىن ئامېرىكا «دەۋر ھەپتىلىك ژۇرنىلى»مۇ ئۇنى ئىزدەپ تېپىپ سۈرەتكە تارتتى ھەمدە ئۇنى «بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە 100 شەخس» قاتارىغا كىرگۈزدى، لوندون تۇسو خانىم موم ھەيكەل سارىيى ئۇنىڭ ئۈچۈن موم ھەيكەل ياساپ بەردى، شۇنداق قىلىپ ئاشۋارىيا ھىندىستاندىكى تۇنجى ئالاھىدە شەرەپكە ئېرىشكەن ئايال بولۇپ قالدى.

ئارقىدىن ئاشۋاىيا باش رول ئالغان «Kuch Naa Kaho» ناملىق فىلىم جۇڭگودا قويۇلدى، نۇرغۇن جۇڭگولۇق تاماشىبىنلارمۇ بۇ گۈزەل، ئوماق قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدى. 2002-يىلى، ئاشۋاىيا كىشىلىك ھاياتنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە قەدەم قويدى، ئۇ شاھرۇھ خان بىلەن بىللە باش رول ئالغان مۇھەببەتلىك ناخشا ـ ئۇسسۇل فىلىمى «دېۋداس» قويۇلۇپ، پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرۋەتتى، ئۇ رول ئېلىشتىكى مۇنەۋۋەر ئىپادىسىگە تايىنىپ، ھەتتا كېيىنكى يىلى «فىرانسىيە گانا كىنو بايرىمى»نىڭ باھالىغۇچىسى بولدى. ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىدىن گۇمانلىنىش ئارتۇقچە ئىدى.

كەسىپتە مول ئۇتۇقلارغا ئېرىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاشۋارىيا يەنە گۈزەل بىر مۇھەببەتكە ئېرىشتى، قارشى تەرەپ ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ كۆپلىگەن كىنولارنى بىللە روياپقا چىقارغان ئارتىس ئابىشېك باچچان(Abhishek Bachchan) بولۇپ، ئالتە يىل مۇھەببەتلىشىش ئارقىلىق ئىككىسى 2007-يىلى توي مەرىكىسىنى ئۆتكۈزدى، شۇ كۈنى سانسىزلىغان ھىندىستانلىق ياش قىيمىغان ھالدا كۆز يېشى قىلدى، ئاشىۋارىيانى قوغداش ئۈچۈن، توي مۇراسىمى نەق مەيدانىدا 500 نەپەر ساقچى قوغداشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

2011 ـ يىلى 11 ـ ئايدا بومبايدا، ئاشۋارىيا بىلەن ئابىشېكنىڭ قىزى تۇغۇلغان بولۇپ، بوۋاق ناھايىتى ساغلام ئىدى، ئاشۋارىيا خۇشال ھالدا چۈشكەن سۈرەتلىرىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشقاندىن كېيىن، يەر-جاھاننى زىلزىلىگە سالغۇدەك تىل-ئاھانەتكە ئۇچرىدى. كۆپچىلىكنىڭ ئۇنى تىللىشىدىكى سەۋەب ناھايىتى ئاددىي بولۇپ: ئاشۋارىيا سەمىرىپ كەتكەن ئىدى.

ھەممىمىزگە ئايانكى، بالا تۇغۇش ئاياللارغا ناھايىتى زور تەسىر ۋە يۈك ئېلىپ كېلىدۇ، ئانا بولغاندىن كېيىن ئۆزىنى بەخىتلىك ھېس قىلىش ئىنتايىن نورمال ئەھۋال، مەيلى كىم بولسۇن بىزنىڭ ئۇنداق تىل-ئاھانەت قىلىش سالاھىيىتىمىز يوق، ھەم بالا تۇغۇش سەۋەبلىك بەختلىك بولغان بىر ئانىنى ئەيىبلەشكە باھانىمىز يوق.بۇ سۆيۈملۈك چولپاننى تىللاشقا تېخمۇ شۇنداق.

ھالبۇكى، ھىندىستانلىق تورداشلار «تولۇق سەۋەب»نى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇلار «ئورۇقلاش ئاشۋارىيانىڭ مەسئۇلىيىتى، بىراقلا بۇنداق سەمىرىپ كېتىش كەسىپنى ساتقانغا ئوخشاش» دەپ قارىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشۋارىيا دۇنيا خانقىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھىندىستانغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئۇنىڭ ھازىرقىدەك بۇنداق سەمىرىپ كېتىشى پۈتۈن دۇنيانىڭ ھىندىستاننىڭ گۈزەللىكىگە بولغان تەسىراتىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ قاراشتى!

ئارقىدىنلا، نەچچە مىڭلىغان ھىندىستانلىق تورداش ئاشۋارىيانىڭ سۈرەت، سىن كۆرۈنۈشلىرىنى «ناچار سىن كۆرۈنۈشى» قىلىپ ئۆزگەرتىپ ياساپ چىقتى. ئۇنىڭ مەزمۇنى ئىنتايىن مۇبالىغىلەشتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئۇنى ئەڭ بىئارام قىلغىنى ئەمەس ئىدى، ئارقىدىنلا بەزى تاراتقۇلار: «ئاشۋارىيانىڭ سەمىرىپ كېتىشى ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلغانلىقىنىڭ ئىپادىسى!» دەپ غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. بۇ ئەمدىلا تۇغۇت ئازابىنى باشتى كەچۈرگەن ئانىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، نەقەدەر چوڭ زەربە ـ ھە!

ھېلىمۇ ياخشى شۇنچە كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئاشۋارىيا كۈچلۈك بىر يۈرەك يېتىلدۈرۈگەن ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېنىدا ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان ئائىلىسىدىكىلەر ۋە ئەمدىلا تۇغۇلغان ئوماق قىزى بولغاچقا، ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىگە بەرداشلىق بېرىپ كەلدى، لېكىن ئامما پىكرىنىڭ بېسىمى ئاستىدا، ئاشۋارىيا يەنىلا ئورۇقلاش يولىغا مېڭىشنى تاللىدى، ئۇنىڭ كەچۈرمىشى ھەقىقەتەن كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ!


分享到: