新闻详情

قىش پەسلىدە ئاپتوموبىلدا ئاسان كۆرۈلىدىغان «زۇكامداش» ئالامەتلىرى قايسىلار؟

发表时间:2020-10-22 17:51作者:爱酷艺来源:百度

قىش كىرگەندىن كېيىن ئاپتوموبىلدا «ئورنىدىن تۇرۇش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى» سەۋەبىدىن دائىم كاشىلىلار كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ، ئۇنداقتا بۇ بىر قانچە خىل كاشىلىنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى سەۋەب نېمە؟ بىز بۇ مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىشىمىز كېرەك؟ ئۇنىڭدىن قانداق ساقلىنىمىز؟

قىش پەسلىدە تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ، كىشىلەرنىڭ «ئورنىدىن تۇرۇش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى» بارغانسېرى ئېغىرلىشىدۇ، شۇنىڭغا ئوخشاش بىزنىڭ ماشىنىمىزدىمۇ «ئورنىدىن تۇرۇش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى» كۆرۈلىدۇ.

بۈگۈن بىز بىر قانچە بىر قەدەر تىپىك بولغان، شۇنداقلا يۈز بېرىش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولغانلىرىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىپ ئۆتەيلى.

1. ئاپتوموبىلنى سوغۇقتا قوزغىتىش قىيىن بولۇش

ئاپتوموبىلنىڭ قىش پەسلىدە قوزغىتىش ۋاقتى ئۇزۇن بولۇش، قوزغىتىش قىيىن بولۇش، ئوت ئالماسلىق قاتارلىقلار بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا دائىم كۆرۈلىدىغان مەسىلە، شۇنداقلا ئاپتوموبىلدا قىش پەسلىدە يۈز بېرىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان كاشىلىلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئىككى خىل. يەنى: بىرى موتورنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئاپتولغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، سىرتقى قىسمىنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك تۆۋەن بولغانلىقتىن، ھەرىكەتچانلىقى ناچارلىشىپ، موتورنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سۈركىلىش قارشىلىق كۈچى چوڭىيىپ كېتىدۇ، يەنە بىرى تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكتىن ئېلېكتىر سىغىمى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قوزغاتقاندا ئېلېكتىر بېسىمى ئانچە يېتەرلىك بولمايدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ئاپتوموبىلنى سوغۇق قوزغىتىش قىيىن بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. غەيرىي ئاۋاز كۆپىيىش

ئاپتوموبىلدىكى سوقۇلۇشنى ئاجىزلىتىش دېتاللىرىغا ئىشلىتىلگەن كاۋچۇك ماتېرىيالى كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدۇ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىگەندە كاۋچۇك قاتتىقلىشىپ ۋە چۈرۈكلىشىپ، ئۇنىڭ سىلكىنىشنى پەسەيتىپ، سوقۇلۇشنى ئاجىزلىتىش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ، شۇڭا غەيرىي ئاۋاز كۆپىيىدۇ.

3. ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئاچقاندا ئىسسىماسلىق.

ھاۋا تەڭشىگۈچتە يازدا سوغۇق شامال، قىشتا ئىسسىق شامال چىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ.

ئالدى بىلەن، بىز ئاپتوموبىلنىڭ ئىسسىق شامال سىستېمىسىدىكى ئىسسىقلىق مەنبەسىنىڭ ئاپتوموبىل موتورىدىن كېلىدىغانلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك، توڭلاشتىن ساقلاش سۇيۇقلۇقى موتوردىن ھاسىل بولغان ئىسسىقلىقنى ئىسسىق شامال ساندۇقىغا ئېلىپ كىرىپ، ئاندىن پۈتۈن ئاپتوموبىل ئىچىگە پۈۋلەيدۇ.

قىش پەسلىدە ئاپتوموبىلدىكى كاشىلا كۆرۈلۈش نىسبىتىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغىنىمۇ دەل ھاۋا تەڭشىگۈچتىن ئىسسىق شامال چىقماسلىقتۇر. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇ بىر قانچە مەسىلە بىر قەدەر ئاددىي ھەم ئاسان بولۇپ، بۇنى ئۆزىمىز بىر تەرەپ قىلساق بولىدۇ:

شامال چىقىش مىقدارى ئاز بولۇپ، چىققان شامال غەيرىي پۇرىسا، ئادەتتە بۇ خىل ئەھۋال ھاۋا تەڭشىگۈچ سۈزگۈچىنىڭ مەينەت بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

سوۋۇتۇش سۇيۇقلۇقى يېتىشمىسە، پۈتكۈل توڭلاشتىن ساقلاش سۇيۇقلۇقى ئايلىنىدىغان تۇرۇبا يولىدا نورمال ئايلىنىش ئېلىپ بارالمايدۇ.

ئاپتوموبىلنىڭ يېشى بىر قەدەر قېرى بولسا، ئىسسىقلىق شامال سۇ ساندۇقى ياكى تۇرۇبا يوللىرى توسۇلۇپ قېلىپ، توڭلاشتىن ساقلاش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئېقىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

4. ماي سەرپىياتى ئېشىپ كېتىش

چۈنكى تېمپېراتۇرىنىڭ تۆۋەنلىشى ئاپتولنىڭ ھەرىكەتچانلىقىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، موتورنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سەرپىياتنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ ھەمدە تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق بېنزىننى تۇمانلاشتۇرۇشمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچرايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىشلىتىش جەريانىدا كاربون يىغىلىپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. ماي پۈركۈش ئېغىزىدىن ئېتىلىپ چىققان ماينىڭ بىر قىسمى كاربون تەرىپىدىن سۈمۈرۈلىدۇ، موتور چوقۇم قوزغىلىش ھالىتىنى ساقلىشى كېرەك، شۇنىڭ بىلەن ئەڭ ئاخىرىدا ماي سەرپىياتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

5. بالون يېلى

قىش پەسلى يېتىپ كەلگەندە، ھاۋا سوۋۇيدۇ، ئىسسىقتىن كېڭىيىپ، سوغۇقتىن تارىيىشنىڭ تەسىرىدە، بالوندا ئوخشىمىغان دەرىجىدە يەل قېچىش بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بىز چوقۇم ئۆز ۋاقتىدا بالوننىڭ يەل بېسىمىنى تولۇقلىشىمىز كېرەك، بولمىسا ئاپتوموبىلنىڭ يول يۈرۈش خەتىرى ئېشىپ كېتىدۇ، يەنە بالوننىڭ يەل بېسىمى يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن، ئاپتوموبىلنىڭ يۈرۈش قارشىلىق كۈچى ئېشىپ كېتىپ، ئاپتوموبىلنىڭ ماي سەرپىياتى ئېشىپ كېتىدۇ.

6. توڭلاشتىن ساقلاش سۇيۇقلۇقىنى تەكشۈرۈش ۋە ئاسراش

ئادەتتە سۇيۇقلۇقنىڭ ھەممىسىنىڭ سۈپەت مۇددىتى بولىدۇ، توڭلاشتىن ساقلىنىش سۇيۇقلۇقىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس، ئىشلىتىش مۇددىتىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، توڭلاشتىن ساقلىنىش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئېقىشچانلىقى ۋە قايناش نۇقتىسىمۇ چېكىنىپ كېتىدۇ، ئەگەر تېمپېراتۇرا بەك تۆۋەن بولسا توڭلاشتىن ساقلىنىش سۇيۇقلۇقى قېتىپ مۇزغا ئايلىنىپ قالسا، توڭلاشتىن ساقلىنىش سۇيۇقلۇقى تۇرۇبىسىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا توڭلاشتىن ساقلىنىش سىلىندىرىنىڭ يېرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا بىز قىشتىن بۇرۇن توڭلاشتىن ساقلىنىش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشى تەكشۈرۈپ، ماتورنىڭ يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك، بۇنىڭ ھاۋا تەڭشىگۈچ سىستېمىسىنىڭ نورمال يۈرۈشىشىگىمۇ ناھايىتى زور ياردىمى بولىدۇ.


分享到: