新闻详情

«iPhone 12گە ئۆزگەرتىش» سودىسى دەھشەت قىزىۋاتىدۇ

发表时间:2020-10-22 17:53作者:爱酷艺来源:爱酷艺

قولىدا iPhone XR ۋە iPhone 11 يانفونى بار ئابۇنتلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، پەقەت سىرتقى قېپىنى ئاددىيلا ئۆزگەرتىپ قويسا يەنە گەپ يوق ئىككى يىل ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

华强北魔改iPhone12生意火爆:苹果11、XR换装再用两年没问题

ئىگىلىنىشىچە، ھازىر خۇاچياڭبېيدا iPhone 12نىڭ سىرتقى قېپى دەھشەت بازار تاپقان بولۇپ، ھەر كۈنى زور مىقداردا سېتىلىدىكەن، يەنە كېلىپ مال يېتىشمەيدىغان ئەھۋال كۆرۈلگەن، iPhone 12نىڭ سىرتقى قېپىدىن باشقا، بۇ يەردە يەنە مۇكەممەل كەسپ زەنجىرى شەكىللىنىپ بولغان، يەنى خېرىدارلار iPhone 12نىڭ قېپىنى سېتىۋالغاندىن كىيىن، شۇ يەردىلا كونا يانفونىنى iPhone 12گە «ئۆزگەرتەلەيدىكەن».

شۇ جايدىكى سودىگەرلەرنىڭ دېيىشىچە، ھەر قانداق تىپتىكىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدىكەن (iPhone 12گە ئۆزگەرتىشنى دېمەكچى)، iPhone Xنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن 450 يۈەن، iPhone 11 ئۈچۈن پەقەت 100 يۈەن ئېلىنىدىكەن. توك سىمى بارلىرى قىممەت، توك سىمى يوقلىرىنىڭ ئۆزگەرتىش ھەققى ئەرزان ئىكەن. كامېرا ئورنى ئوخشىمىغانلىقتىن، بەزى تىپتىكى يانفوننى iPhone 12گە ئۆزگەرتكەندىن كىيىن سۈرەتكە تارتىش ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچرايدىكەن، يەنى پەقەت بىرلا كامېرا ئىشلەيدىكەن.

华强北魔改iPhone12生意火爆:苹果11、XR换装再用两年没问题

پەقەت 450-100 يۈەنگىچە پۇل خەجلەپ قولىدىكى كونا يانفوننى ئەڭ يېڭى نۇسخىدىكى iPhoneغا ئايلاندۇرۇشنى ئەلۋەتتە نۇرغۇن ئادەم خالايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ تېخنىكا خۇاچياڭبېيدىكى سودىگەرلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا كىچىك بىر ئىش، پەقەت پاسونىغا قاراپ تۇرۇپ iPhone 12نىڭ كەينى قېپىدىن بىر قانچە خىلنى ياساپ، ئاندىن ئۇنى كونا يانفونغا سېلىپ قويسىلا بولىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، «iPhone 12گە ئۆزگەرتىش» سودىسى ئالما شىركىتى يېڭى ئەۋلاد iPhoneنى ئېلان قىلىماستىن بۇرۇنلا باشلىنىپ بولغان، كونا يانفوننى iPhone 12گە ئۆزگەرتىشكە كېرەكلىك ئەينەك كەينى قاپ، ئېكران، كامېرا قاتارلىق زاپچاسلار ئالدىنقى ئاينىڭ بېشىدىلا مال تەمىنلەشنى باشلىغان.

ھازىر ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىمۇ iPhone XR ۋە iPhone 11 قاتارلىقلارنى يېڭى نۇسخىدىكى iPhone 12گە ئۆزگەرتكەن سۈرەتلەرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ، بەزى تورداشلار بۇنىڭدىن ھاياجانلىنىپ «iPhone 11نى يەنە ئىككى يىل ئىشلىتىدىغان بولدۇم» دېيىشمەكتە.


分享到: