新闻详情

سىزنى بارغانسېرى نەس بېسىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

发表时间:2020-10-22 17:55作者:爱酷艺来源:爱酷艺

دۇنيادىكى ھەممە ئادەم ھاياتىدىكى ھەربىر ئىشنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئەمما، كۆپىنچە چاغلاردا ئىشلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بىز ئويلىغان يەردىن چىقمايدۇ، مەيلى نېمىلا ئىش قىلايلى ئىشلارنىڭ ھەممىسى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلىشىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ نەزىرىدە، مەن شۇنچە تىرىشساممۇ، نېمىشقا رېئاللىق مەن بىلەن قېرىشىدۇ، ئىگىلىك تىكلەشتە مەغلۇپ بولىمەن، تۇرمۇشتىنمۇ تەلىيىم يوق، ئىلگىرىكى قايناق ھېسسىياتلىق ياشلىقمۇ يوق، ھەر كۈنى ئوخشاش يەنە شۇ زېرىكىشلىك خىزمەتكە يۈزلىنىمەن، دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە تەشۋىشلەنگەن ھەم تېڭىرقاپ قالغان كىشىلەر قانچە چۈشكۈنلەشكەنسېرى، تەلىيى شۇنچە ئوڭدىن كەلمەيدۇ. بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەرنى بارغانچە نەس بېسىشنىڭ سەۋەبى بۇ ئۈچ نۇقتا بولۇشى مۇمكىن.

1. روھىي ھالەت پاسسىپ بولۇش

ئەمەلىيەتتە قانچە تىرىشقان ئادەم شۇنچە تەلەيلىك بولىدۇ. نۇرغۇن ۋاقىتلاردا سىزدە تۇرمۇشقا نىسبەتەن يېتەرلىك قىزغىنلىق بولسىلا، پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن مەلۇم ئىشنى ئورۇنداشقا تىرىشىسىز، ھەر قانچە چوڭ قىيىنچىلىققا يولۇققان تەقدىردىمۇ، ئاكتىپلىق بىلەن شۇ قىيىنچىلىق ئۈستىدىن غەلبە قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىسىز، ھەل قىلغۇچ چارىسىنى تاپقاندىن كېيىن، تەبىئىي ھالدا ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىز تولۇپ، تۇرمۇشقا تېخىمۇ ئاكتىپ ھالەتتە يۈزلىنىسىز.
بىراق كىشىلىك ھاياتىڭىزدا چۈشكۈنلۈك، ئاغرىنىش، قۇسۇر تېپىش، سوغۇق مۇئامىلە قىلىش قاتارلىق ناچار كەيپىياتلار كۆرۈلگەندە، سىزدە تۇرمۇشتىكى ھەر بىر ئىشقا نىسبەتەن پاسسىپ پوزىتسىيەدە بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، بۇنداق بولغاندا، ھېچكىم سىزگە ھەمدەم بولۇشنى، شۇنداقلا، سىز بىلەن ئورتاقلىشىشنى خالىمايدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا سىزدە مەسۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ۋە رېئاللىقتىن قېچىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، مۇشۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا سىزدە تەبىئىيلا يۈز بەرگەن ھەر قانداق ئىش ئوڭۇشلۇق بولمايۋاتقاندەك، دۇنيادا پەقەت سىزنىلا نەس بېسىۋاتقاندەك ھېس قىلىسىز.

2. مۇھىت سىزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ

كونىلاردا، «قازانغا يولۇقساڭ قارىسى يۇقار» دېگەن گەپ بار، بىر ئادەمنىڭ پائالىيەت چەمبىرىكىدىن ئۇنىڭ كىشىلىك ھاياتىنىڭ ئىستىقبالىنىڭ بار-يوقلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. سىز ئاكتىپ كىشىلەر توپىدا تۇرسىڭىز، سىزنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەت دائىرىڭىزمۇ بارغانچە كېڭىيىشكە باشلايدۇ، ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلىمۇ بارغانچە سىزگە تەسىر كۆرسىتىشكە باشلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن سىزدە ھەرقانداق قىيىنچىلىققا ئاكتىپلىق بىلەن يۈزلىنىش ئادىتى پەيدا بولىدۇ.
ئەگەر سىز پاسسىپ كىشىلەر توپىدا بولسىڭىز، ھېچكىم سىزگە ئىلھام بەرمەيدۇ، ئەتراپىڭىزدىكىلەرنىڭ ھەممىسى پەقەتلا سىزگە زەربە بېرىدىغان ئادەملەر، پاسسىپ كىشىلەر ۋە سىزنىڭ ئىشلارغا بولغان مۇئامىلە قىلىش نۇقتىڭىز ئوخشاش بولمىغاچقا، سىزنىڭ ئاڭلىغان نەرسىلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى پاسسىپ نەرسىلەر بولىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى سىزمۇ ئۇلارغا ئوخشاپ قېلىشىڭىز مۇمكىن، ھەر كۈنى ئەيش-ئىشرەت، كەيپ-ساپاغا بېرىلىپ، چۈشكۈنلىشىشكە باشلىشىڭىز مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا سىزدە يەنە باشقىلاردىن ئاغرىنىش، نېملا ئىش قىلسىڭىز ئوڭۇشلۇق بولمىغاندەك، نەس بېسىۋاتقاندەك تۇيغۇمۇ شەكىللىنىپ قالىدۇ.

3. ئەدەب-قائىدىلىك بولماسلىق

بەزىلەر ئۆزىنى كۆڭلى تۈز، ئاغزى ئوچۇق دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، بۇ پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ قارىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە كۆپىنچە ۋاقىتلاردا كۆڭلى تۈز، ئاغزى ئىتتىك كىشىلەر گەپ قىلغاندا نېمىنى ئويلىسا شۇنى دەيدۇ، باشقىلارنىڭ پىكرى ۋە ھېسسىياتىنى ئويلاشمايدۇ، لېكىن بۇنداق قىلىشنىڭ ئادەمنى ئاسانلا رەنجىتىپ قويغانلىقىنى ئۇلار ئۆزىمۇ بىلمەيدۇ. بەلكىم سىز ئىش قىلغاندا زىيان تارتىشنى خالىمىغانلىقىڭىز، سەمىمىي بولمىغانلىقىڭىز، باشقىلارنىڭ كەينىدىن گەپ تاپقانلىقىڭىز، كۆپچىلىك ئالدىدا ئەدەپسىزلىك قىلغانلىقىڭىز ياكى باشقىلار بەك مۇنەۋۋەر بولۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ھەسەت قىلغانلىقىڭىز سەۋەبىدىن باشقىلار بىلەن كىشلىك ئالاقە ئورنىتىشىڭىز مۇۋاپىقىيەتلىك بولماسلىقى مۇمكىن. ئەگەر سىز باشقىلار بىلەن ياخشى بولغان كىشىلىك ئالاقە ئورنىتالمىسىڭىز، باشقىلار ھامان سىزنىڭ تۇرمۇش پائالىيىتىڭىزگە پۇتلىكاشاڭ بولىدۇ ياكى توسقۇنلۇق قىلىدۇ.


分享到: