新闻详情

ۋاڭ ھەدە قىرىش ئويۇنىدىن 10 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشىپ خوشال بولدى

发表时间:2020-10-21 18:16作者:ئەلكۈيى تورى来源:پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزى

10   ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى، ۋاڭ ھەدە شاد ـ خۇراملىققا چۆمگەن ھالدا ئالتاي پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزىنىڭ مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش ئۆيىگە كەلدى، ئەسلىدە ۋاڭ ھەدە بۇ ئۆكتەبىر بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغاندا، خۇشاللىق ئىچىدىن 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات ئالاتتىكەن. بۇ قېتىمقى مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئوچۇق-يورۇق مىجەزلىك ۋاڭ ھەدىنىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلدى.

ۋاڭ ھەدە بۇ يىل 60 ياشتىن ئاشتى، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنمۇ بىكار تۇرمىدى، ياشانغانلار ئۇسسۇل كۇرسى، ياشانغانلار شاھمات مۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئۇنىڭ پېنسىيە تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالدى. يېقىندا، ۋاڭ ھەدە بىر قېتىملىق تەربىيەلەش دەرسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تاسادىپىي پاراۋانلىق لاتارىيەسى« قىرقىش» ئويۇنى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى، شۇنىڭدىن كېيىن، ۋاڭ ھەدە ھەر كۈنى بىر نەچچە پارچە« قىرقىش» ئويۇنىنىمۇ ئۆزىنىڭ پېنسىيە تۇرمۇشىغا كىرگۈزدى.

دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ۋاڭ ھەدە يەنىلا بۇرۇنقىغا ئوخشاش، ھەر كۈنى بىر نەچچە پارچە« قىرىش، قىرىش، ياساش، كۆڭۈل ئېچىش» ئارقىلىق ۋاقىتنى ئۆتكۈزىدۇ. 10- ئاينىڭ 6- كۈنى ۋاڭ ھەدىگە نىسبەتەن ئالاھىدە بىر كۈن بولدى، ئۇسسۇل مەشىق قىلىپ بولغان ۋاڭ ھەدە 65430114 تىزىملاش پونكىتىغا كەلدى، ئۇ مال ساتقۇچىلارنىڭ ھەرخىل ئويۇن بېلىتى خىللىرىنى تىزىپ بولغانلىقىنى كۆرۈپ، لاتارىيەچىلەرنىڭ سېتىشىنى كۈتتى.

ۋاڭ ھەدە رەڭگارەڭ بېلەتلەرنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز ھالدا بەش پارچىنى ئېلىپ قىرىۋەتتى، لېكىن مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىدى. ۋاڭ ھەدە يەنە بەش دانە« ئەڭ قىممەتلىك ئالتۇن» بېلەت تۈرىنى تاللاپ، ئاستا ـ ئاستا قىرىشقا باشلىدى، ئىككىنچى پارچىسىغا كەلگەندە مۇكاپات نومۇرى« 24» پەيدا بولدى، ئۇ ئالدىرىماستىن مۇكاپات سوممىسىنىڭ بىر قىسمىنى قىرىشقا باشلىدى، « ۋاھ، ئون مىڭ يۈەن! » ۋاڭ ھەدە ۋارقىراپ كەتتى، يېنىدىكى باشقا سەيمىن ۋە ساتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئولىشىپ كەلدى، ھەقىقەتەن 10 مىڭ يۈەن ئىكەن، كۆپچىلىك بەس ـ بەستە ھەۋەس قىلىشتى.

مۇكاپات پۇلىنى ئالغان ۋاڭ ھەدە مۇنداق دېدى: « قوش بايرام مەزگىلىدە، بۇنداق كاتتا سوۋغا تاپشۇرۇۋالدىم، خۇددى چۈش كۆرۈۋاتقاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن، ھەقىقەتەن بەك خۇشال بولدۇم، مەن 24 دېگەن بۇ ساننى ئىزچىل ياخشى كۆرۈپ كەلدىم، ئويلىمىغان يەردىن ئۇ ماڭا 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات ئېلىپ كەلدى، كېيىنكى مەزگىلدە مەن يەنە داۋاملىق« قىرىش-قىرىش» ئويۇنى سېتىۋالىمەن، شۇنداقلا پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىۋېلىشتىكى باشقا تۈرلۈك قىزىقارلىق ئويۇنلارنى سىناپ باقىمەن. » دېدى.



分享到: