新闻详情

ئوخشامدىكەن؟ دىلراباغا ئوپمۇ-ئوخشاش مودېل نام چىقاردى

发表时间:2020-10-22 18:47作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنلاڭ

جۇڭگو شياڭگاڭ تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بەزى مەستانىلەر ماشىنا كۆرگەزمىسى كۆرۈش جەريانىدا دىلراباغا ئوپمۇ-ئوخشاش بىر مودېلنى بايقىغان بولۇپ، بۇ مودېل قىسقا كۆينەك كىيگىنىچە گۈزەل ۋە تەنناز قىياپىتىنى نامايان قىلغان، نەق مەيداندىمۇ كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان. تەكىتلەشكە تېگىشلىكى شۇكى، ئۇنىڭ چىرايى ۋە بەدەن شەكلى دىلراباغا بەكلا ئوخشىغانلىقتىن كۆپلىگەن تورداشلار «خاتا قاراش»تا بولۇپ قالغان، بەزى تورداشلار تېخى: «بۇ قىز چىرايى بىلەن دىلرابانىڭ يانفونىنىمۇ ئاچالايدىكەن»، دېيىشكەن. سىزنىڭچە بۇ مودېل دىلراباغا ھەقىقەتەن شۇنچىلىك ئوخشامدىكەن؟


分享到: