新闻详情

تارىختىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر سول ھۇجۇمچى نامزاتلىرى: كىم ئەڭ مۇنەۋۋەر؟

发表时间:2020-10-22 20:25作者:ئەلكۈيى تورى来源:qq.com


«فىرانسىيە پۇتبولى» (ھەر يىللىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى باھالايدىغان ئورگان) 10-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ 12-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا تارىختىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر 11 توپچىدىن تۈزۈلگەن سەپ شەكلىنى باھالاپ چىقىدىغان بولۇپ، بۇ قېتىم سول يان ھۇجۇمچى ئورنىدىكى 10 نەپەر نامزاتنى ئېلان قىلدى. تەپسىلىي ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە (ئارقىسىدىكى توپچىلارنىڭ كەسپىي ھاياتى داۋاملاشقان ۋاقىت):

ئەڭ مۇنەۋۋەر 11 توپچى سول يان ھۇجۇمچى نامزاتلىرى:

بلوھىم: 1969-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە

كرىستىيانو رونالدو: 2002-يىلىدىن ھازىرغىچە

زاجىچ: 1962-يىلىدىن 1978-يىلىغىچە

گىگىس: 1991-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە

ھېنرى: 1994-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە

رىۋالدو: 1989-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە

رىۋېلىنو: 1965-يىلىدىن 1981-يىلىغىچە

رونالدىنھو: 1998-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە

ستويچكوۋ: 1982-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە

«فىرانسىيە پۇتبولى» بۇ يىللىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى ئەمەلدىن قالدۇردى،، ئەمما «ئەڭ مۇنەۋۋەر 11 توپچى»نى باھالاپ چىقماقچى. «فىرانسىيە پۇتبولى» ھازىرغىچە «ئەڭ مۇنەۋۋەر 11 توپچى»نىڭ ھەرقايسى ئورۇنلاردىكى نامزاتلىرىنى ئېلان قىلدى، قاپقىچى، سول بېك، ئوڭ بېك، ئوتتۇرا بېك، مۇداپىئەسىمان ئوتتۇرا مەيدان، ھۇجۇمسىمان ئوتتۇرا مەيدان، ئوڭ يان ھۇجۇمچى، ئوتتۇرا ھۇجۇمچى ۋە سول يان ھۇجۇمچى نامزاتلىرى تولۇق ئېلان قىلىنىپ بولدى، ئاخىرقى نەتىجە بۇ يىل 12-ئايدا ئېلان قىلىنىدۇ.

分享到: