新闻详情

​خەتەرلىك ! يان تېلېفونىڭىزغا دەرھال مەخپىي نومۇرنى سېلىۋېلىڭ !

发表时间:2020-10-22 20:26作者:ئەلكۈيى تورى来源:qq.com

يېقىندا، «بىر يان تېلېفوننىڭ ئوغرىلىنىشىدىن ئاشكارىلانغان شەخسىي ئۇچۇرنى ئوغرىلاش ئارقىلىق پۇلنى يۆتكىۋېلىش قارا كەسىپ زەنجىرى» ماۋزۇلۇق ماقالە دىققەت ئېتىبار ۋە قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى. قانۇنسىز ئۇنسۇرلار باشقىلارنىڭ يان تېلېفونىنى ئوغرىلىغاندىن كېيىن، مەلۇم ھۆكۈمەت App سىدا ئابونتلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، توردىن قەرز ئېلىۋېلىپ، شەخسلەرنىڭ مال-مۈلۈكىگە زىيان يەتكۈزگەنلىكى ھەققىدىكى بۇ ماقالە ئىنتېرنېت تورىدا كۆپلەپ تارقىتىلىپ، تور ئەھلىنىڭ يان تېلېفوننىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى قوغداش ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە بولغان ئەندىشىسىنى قوزغىدى.

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى بۇ ئىشنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىمۇ كەڭ ئابونتلارغا SIM كارتىسىنىڭ مەخپىي نومۇرىنى ۋاقتىدا تەسىس قىلىپ، يان تېلېفوننى يىتتۈرۈپ قويغاندىن كېيىن دەرھال يوقالغانلىقىنى مەلۇم قىلىشنى ۋە بىخەتەرلىك ئېڭىنى كۈچەيتىشنى ئەسكەرتتى.

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى تىلغا ئالغان SIM كارتا مەخپىي نومۇرى زادى نېمە؟ SIM كارتا مەخپىي نومۇرى دېگەن نېمە؟

SIM كارتا مەخپىي نومۇرى بولسا PIN نومۇرى، بۇ SIM كارتىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن كىرگۈزىدىغان مەخپىي نومۇر يەنى SIM كارتىسىنىڭ شەخسىي پەرقلەندۈرۈش مەخپىي نومۇرى، كۆچمە تىجارەت سودىگىرى SIM كارتىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە قارىتا تەسىس قىلغان مەخپىي نومۇر. ئادەتتە تۇنجى قېتىم PIN نومۇرى ئىشلەتكەندە، PIN نومۇرىنىڭ دەسلەپكى مەخپىي نومۇرى «1234» قىلىپ تەسىس قىلىنغان. PIN نومۇرى تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن، يان تېلېفوننى ھەر قېتىم ئاچقاندا، PIN نومۇرى ئارقىلىق قۇلۇپنى ئېچىش ئاپتوماتىك ئەسكەرتىلىدۇ.

نېمە ئۈچۈن PIN نومۇرى تەسىس قىلىش كېرەك؟

PIN نومۇرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى يان تېلېفونىڭىز يىتۈپ كەتكەن ياكى ئوغرىلانغاندىن كېيىن، سىز SIM كارتىسىنىڭ يىتۈپ كەتكەنلىكىنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلمىغان ئەھۋالدا، قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ «يان تېلېفون نومۇرى+دەلىللەش نومۇرى»دىن ئىبارەت ئاجىز دەلىللەش ئۇسۇلى ئارقىلىق يان تېلېفون ئىچىدىكى شەخسىي ئۇچۇر ۋە شەخسىي مال-مۈلۈككە قول سېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇر.

PIN نومۇرى قانداق تەسىس قىلىمىز؟

بۇ يەردە دائىم ئىشلىتىلىدىغان ئىككى چوڭ سىستېمىنى مىسالغا ئېلىش ئارقىلىق، SIM كارتىغا مەخپىي نومۇر سېلىشنى ئۆگىتىمىز!

IOS سىستېمىسى

كۇلۇچنى بېسىپ (تەسىس قىلىش) ھەرە كۆنىكى تورىغا كىرىڭ، ئاندىن سىز PIN نومۇرىنى تەسىس قىلماقچى بولغان تېلېفون نومۇرنى تاللاڭ __ SIM كارتىسىنىڭ PIN نومۇرى تاللاڭ ___ سىيرىلما كۇنۇپكىنى بېسىپ مەخپىي نومۇر ئورنىتىڭ __ تۇنجى قېتىم مەخپىي نومۇر ئورناتقاندا، ئالدى بىلەن دەسلەپكى ئېتىراپ قىلىنغان PIN نومۇرى (ئادەتتە «1234»بولىدۇ)نى كىرگۈزۈڭ ___ شەخسىي تۆت خانىلىق مەخپىي نومۇر كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن تەسىس قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان بولىدۇ.







Android سىستېمىسى

كۇلۇچنى چېكىپ، بىخەتەرلىك كۇنۇپكىسىنى تاللاڭ _ _ _ تېخىمۇ كۆپ بىخەتەرلىك تەسىس قىلىشنى چېكىڭ _ _ _ شىفىر قوشۇش ۋە ئىسپاتنى تاللاڭ _ _ _ كارتا 1 ياكى كارتا 2 نىڭ قۇلۇپىنى تەسىس قىلىشنى تاللاڭ _ _ _ SIM كارتىنى قۇلۇپلاش كۇنۇپكىسىنى چېكىڭ _ _ _ تۇنجى قېتىم مەخپىي نومۇر ئورناتقاندا، ئالدى بىلەن دەسلەپكى ئېتىراپ قىلىنغان PIN نومۇرى (ئادەتتە «1234»)نى كىرگۈزۈڭ ___ شەخسىي تۆت خانىلىق مەخپىي نومۇر كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن تەسىس قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان بولىدۇ.








ئەگەر PIN نومۇرىنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز، قانداق قايتۇرۇپ كېلىسىز؟

كۆپ يىللار ئىلگىرى تەسىس قىلغان PIN نومۇرىنى ئۇنتۇپ قېلىپ، قايتىدىن تەسىس قىلماقچى بولغاندا، ئۈچ قېتىم كىرگۈزگەندىن كېيىن، SIM كارتىسى «رەھىمسىز»لەرچە قۇلۇپلىنىپ قالىدۇ.

يان تېلېفون كارتىسىنى قانداق ئېچىش كېرەك؟ PIN نومۇرىنى قانداق ئۆزگەرتىدۇ؟ ھودۇقماڭ ! تۆۋەندە بۇ توغرىلىق توختىلىمىز !


SIM كارتىسى قۇلۇپلىنىپ قالغاندىن كېيىن، قانداق ئاچىمىز؟PUK نومۇرى(PIN قۇلۇپنى ئېچىش نومۇرى)نى كىرىگۈزۈش ئارقىلىق قۇلۇپلىنىپ قالغان تېلېفوننى ئاچقىلى بولىدۇ.PUK نومۇرىغا قانداق ئېرىشىمىز؟ئۆزىنىڭىزنىڭ نومۇرى بىلەن كۆچمە تىجارەت سودىگىرىنىڭ خېرىدارلار مۇلازىمەت تېلېفونىغا تېلېفون قىلىپ، يان تېلېفونىڭىزنىڭ سەككىز خانىلىق PUK نومۇرىغا ئېرىشەلەيسىز.ئەسكەرتىش:ئەگەر تېلېفونىڭىز ئېتىلىپ قالغان ئەھۋالدا، قالدۇرغان زاپاس تېلېفون نومۇرى بىلەن كۆچمە تىجارەت سودىگىرىنىڭ خېرىدارلار مۇلازىمەت تېلېفونىغا تېلېفون قىلىپ، ئۆزىڭىزنىڭ كىملىك ئۇچۇرلىڭىزنى دەلىللەش ئارقىلىقمۇ، PUK نومۇرىغا ئېرىشەلەيسىز!PUK نومۇرى بىلەن مەخپىي نومۇرنى قانداق يېشىمىز؟PUK نومۇرىنى توغرا كىرگۈزگەندىن كېيىن، PIN نومۇرىنى قايتا تەسىس قىلغىلى بولىدۇ. ئەسكەرتىش:PUK نومۇرىنى قايتا-قايتا 10 قېتىم خاتا كىرگۈزسىڭىز، SIM كارتىسى ئۆزىنى ۋەيران قىلىش پىروگراممىسى ئاپتوماتىك قوزغىتىدۇ.

مەخپىي نومۇر تەسىس قىلغاندىن كېيىن، يان تېلېفون يىتۈپ كەتكەن تەقدىردىمۇ SIM كارتىنىڭ باشقا يان تېلېفونلارغا سېلىنىپ ئىشلىتىلىشىدىن ئەندىشە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق بۇنىڭ بىلەن كېيىنكى دۇچ كېلىش ئېھتىمالى بولغان خەۋپ-خەتەرنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ ئەمىسە گەپنى ئاز قىلايلى! تېز بېرىپ سىناپ بېقىڭ !


分享到: