新闻详情

كېيىنكى ئايدا مائاشىڭىزغا بۇ پۇل قوشۇلىدۇ ! دىققەت قىلىڭ !

发表时间:2020-10-22 20:28作者:ئەلكۈيى تورى来源:qq.com

بۇ يىللىق دۆلەت بايرىمى ۋە جۇڭچىيۇ بايرىمىدا ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىدىڭىزمۇ؟ ناۋادا ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەن بولسىڭىز، كېيىنكى ئايلىق مائاشىڭىزغا دىققەت قىلىپ قويۇڭ، بەلكىم ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققى قوشۇلۇشى مۇمكىن.

قوش بايرام مەزگىلىدىكى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش پۇلى مۇنداق ھېسابلىنىدۇ

بۇ يىل دۆلەت بايرىمى بىلەن جۇڭچىيۇ بايرىمى تەڭ كەلگەچكە، بايرام مەزگىلىدىكى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققىنىڭ ھېسابلىنىشى ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە سەل ئوخشىمايدۇ. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىشىچە، 1-ئۆكتەبىردىن 4-ئۆكتەبىرگىچە ئارىلىقتا ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەنلەر ئۈچ ھەسسە مائاشتىن بەھرىمەن بولىدىكەن.

19-سېنتەبىر، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى 2020-يىللىق دۆلەت بايرىمى، جۇڭچىيۇ بايرىمىلىق ئارام مەزگىلىدىكى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققىنى ھېسابلاشقا ئائىت مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى.

1-ئۆكتەبىردىن 4-ئۆكتەبىرگىچە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىنى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرغان بولسا، مائاشىنىڭ %300ىدىن ئاز بولماسلىق ئۆلچىمى بويىچە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققى بېرىشى كېرەك.

5-ئۆكتەبىردىن 8-ئۆكتەبىرگىچە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىنى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرغان بولسا، ئالدى بىلەن دەم ئېلىش كۈنىنى تولۇقلاپ بېرىشى كېرەك؛ تولۇقلاپ بېرىش ئىمكانىيىتى بولمىسا، مائاشىنىڭ %200ىدىن ئاز بولماسلىق ئۆلچىمى بويىچە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققى بېرىشى كېرەك.

1-ئۆكتەبىردىن 8-ئۆكتەبىرگىچە بولغان ئارىلىقتا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىگە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىغان بولسا، ئەسلىدىكى مائاش ھېسابلاش ئۇسۇلى بويىچە بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ.

دىققەت ! «دىجورنىلىقتا تۇرۇش» بىلەن «ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش» نىڭ تەمىناتى ئوخشاش ئەمەس!

دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە ئىش ئورنىڭىز سىزنى «دىجورنىلىق»كە ئورۇنلاشتۇرغان بولسا، ئۇنداقتا چوقۇم دىققەت قىلىڭ، «دىجورنىلىقتا تۇرۇش» بىلەن «ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش» بىر ئۇقۇم ئەمەس، ئەمگەك تەمىناتىمۇ ئوخشاش ئەمەس.

ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش قانۇندا بەلگىلەنگەن خىزمەت ۋاقتى سىرتىدا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئېھتىياجىنى ئاساس قىلىپ، ئەمگەكچىنىڭ خىزمەت ۋاقتىنى ئۇزارتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمەلىيەت داۋامىدا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىخەتەرلىك، ئوت ئۆچۈرۈش، بايراملىق ئارام قاتارلىق ئېھتىياجلارنى كۆزدە تۇتۇپ، ئەمگەكچىنى ئۆز خىزمىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ياكى ئۆز خىزمىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر ۋەزىپىگە ئورۇنلاشتۇرىدۇ. لېكىن، دىجورنىلىق ۋاقتىدا ئارام ئېلىۋالغىلى بولىدۇ، شۇڭا بۇنى بىردەك «دىجورنىلىق» دەپ بېكىتىشكە بولىدۇ.

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك قانۇنى»نىڭ 44-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، خىزمەت ۋاقتىنى ئۇزارتىپ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەنگە بېرىلىدىغان ھەق مائاشىنىڭ %150ىدىن ئاز بولماسلىقى كېرەك؛ دەم ئېلىش كۈنىدە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەن، لېكىن دەم ئېلىش كۈنىنى تولۇقلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگىلى بولمىغاندا، بېرىلىدىغان ھەق مائاشنىڭ %200 ىدىن ئاز بولماسلىقى كېرەك؛ قانۇندا بەلگىلەنگەن بايراملىق ئارام كۈنىدە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەنگە بېرىلىدىغان ھەق مائاشىنىڭ %300ىدىن ئاز بولماسلىقى كېرەك.

ئەمەلىيەت داۋامىدا، ئەمگەكچى دىجورنىلىقتا تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندىن ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققى بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسا، كېسىم چىقارغۇچى ئاپپارات ئادەتتە بۇنى قوللىمايدۇ. لېكىن، ئەمگەكچى ئەمگەك توختامى، قائىدە-تۈزۈم، كوللېكتىپ توختام قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندىن دىجورنىلىققا مۇناسىپ تەمىنات بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

دىجورنىلىقتا تۇرۇش بىلەن ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشنى ئېنىق ئايرىشقا كەلسەك، بۇنىڭ ھالقىلىق ئەھمىيىتى مۇناسىپ مائاش تەمىناتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشتا. ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە بېرىلىدىغان مائاش تەمىناتى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك قانۇنى»نىڭ 44-ماددىسىدا ئېنىق بەلگىلەنگەن؛ لېكىن قانۇنلاردا دىجورنىلىقتا تۇرۇشقا ئالاقىدار ئېنىق بەلگىلىمە يوق، شۇڭا دىجورنىلىقتا تۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك مائاش تەمىنات ئىشلىرى ئادەتتە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئىچكى قائىدە-تۈزۈملىرى ئارقىلىق قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ.


分享到: