新闻详情

مائارىپ مېنىستىرلىقى: كۈز پەسلى يۇقۇملۇق كېسەل كۆپ تارقىلىدۇ ، ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك

发表时间:2020-10-22 21:31作者:ئەلكۈيى تورى来源:بېيجىڭ گېزىتى

بېيجىڭ گېزىتى خەۋىرى، ئەلكۈيى تورى تەرجىمىسى : مۇخبىرنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقى ھۆكۈمەت تورىدىن ئىگىلىشىچە، 10-ئاينىڭ 21-كۈنى، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى مائارىپ سىستېمىسىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە مەكتەپ يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىن يىغىنى ئېچىپ، مائارىپ سىستېمىسىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە مەكتەپ يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرغان.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار ۋە مەكتەپلەر يۇقۇم ئەھۋالىغا ئومۇميۈزلۈك ھۆكۈم قىلىپ، « قەلبى يورۇق، كۆزى ئۆتكۈر» بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. « سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» نى قىلچە بوشاشتۇرماي ياخشى ئىشلەپ، كۆزىتىش، سىگنال بېرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، « مەكتەپنىڭ كۈز، قىش پەسىللىك يېڭى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تېخنىكا لايىھەسى» دىكى تەلەپكە ئاساسەن، يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرگە قارىتا مەكتەپ يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرى ۋە تەلىپىنى تەڭشەش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

ماددىي ئەشيا زاپىسىنى ۋاقتىدا كۈچەيتىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، مەكتەپلەرنىڭ جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ۋە ئارقا سەپ باشقۇرۇش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. جايلار ۋە مەكتەپلەردىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆڭۈلدە سان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، ئىنسانىي غەمخورلۇقنى كۈچەيتىپ، مەكتەپ باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك تۈزۈم، تەدبىرلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

« ئاددىيلاشتۇرۇۋېتىش، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش» تەك باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولمايدۇ، ھەم بوشاڭلىق قىلىشتىن ساقلىنىش، ھەم چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

ئارقا سەپ مۇلازىمىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا، ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەپ، « يۇقۇملۇق كېسەلدىن كېيىنكى ئۇنىۋېرسال كېسەللىك» نىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيەۋى ھالىتى ۋە پىسخىكىلىق ئەھۋالىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ۋاقتىدا ئارىلىشىپ يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

جىددىي تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىدىكى ئادەم بىلەن ئادەم، نەرسە بىلەن نەرسىنى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇچۇرنى يۇقىرىغا يوللاش ۋە مائارىپ ئوقۇتۇشىنى توردا ۋە تور سىرتىدا ئالماشتۇرۇش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

ھەر قايسى جايلار ۋە مەكتەپلەردىن تەشۋىق قىلىش ۋە يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، « يىراق كەلگۈسى» نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قانۇن ـ بەلگىلىمە بويىچە يولغا قويۇپ، ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلارغا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەدبىرى ۋە تەلىپىنى تولۇق تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى مەكتەپ ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى كەڭ، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى ساغلاملىق تازىلىق ئادىتى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەپ، مەكتەپنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ۋە تەكتىنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تەنتەربىيە دەرسى ۋە دەرستىن سىرتقى چېنىقىشنى كۈچەيتىپ، زۆرۈر بولمىغان دەرس يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىپ، بالىلار، ياشلار، ئۆسمۈرلەردىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى باھالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: كۈز، قىش پەسلى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر كۆپ كۆرۈلىدىغان مەزگىل، بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشنى قىلچە بوشاشتۇرۇپ قويماسلىق كېرەك. يۇقۇملۇق كېسەل، يېڭى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇم ئەھۋالى، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرى ئۆز ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تەنتەربىيە چېنىقىشىنى كۈچەيتىپ، دەرس يۈكىنى يېنىكلىتىپ، تۈرلۈك مەكتەپ باشقۇرۇش ۋە مائارىپ ئوقۇتۇش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. مەكتەپلەرنىڭ سەھىيە ۋە ساغلاملىق تەربىيەسى، تەنتەربىيە ۋە گۈزەللىك تەربىيەسى خىزمىتىدە« ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئائىلىسى، مەكتەپ، جەمئىيەت» دىن ئىبارەت بەش چوڭ سۇبيېكتنىڭ ئاكتىپلىقىنى كەڭ دائىرىدە سەپەرۋەر قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، مەكتەپنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاياتى ۋە تەن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، مەكتەپنىڭ ئومۇميۈزلۈك نورمال ئوقۇش-ئوقۇتۇش تەرتىپىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلگەن قۇرغۇچىلار ۋە ئىزباسارلارنى يېتىشتۈرۈشكە تۆھپە قوشۇش كېرەك.


分享到: