新闻详情

كۈندە ئىككى تال ئالما يەپ بەرسە، خولېستېرىننى كونترول قىلغىلى بولىدىكەن

发表时间:2020-10-23 10:43作者:ئەلكۈيى تورى来源:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

كونىلاردا: «كۈندە بىر تال ئالما يېسىڭىز، دوختۇردىن يىراقتۇرىسىز» دەيدىغان گەپ بار. دائىم ئالما يەپ بەرگەندە ۋىتامىن ۋە ئانئورگانىك تۇزقاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار تولۇقلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرىسۈرۈش، قەۋزىيەتنى يېنىكلىتىش، بەدەننىڭ كىسلاتا-ئىشقار تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش، قانبېسىمىنى تۆۋەنلىتىش، قان شېكىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىقئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. «ئامېرىكا كىلىنىكىلىق ئوزۇقلۇق ئىلمى» ژۇرنىلىدا ئېلانقىلىنغان ئەنگلىيە رېئادىڭ داشۆسىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە،دائىم ئالما يەپ بەرسە «ناچار» خولېستېرىن تۆۋەنلەپ، يۈرەك قان تومۇر ساغلاملىقىغاپايدىلىق بولىدىكەن.
تەتقىقاتقا قاتناشقان قاندىكى خولېستېرىن تەركىبىيىنىك دەرىجىدە يۇقىرى بولغان 40 تەجرىبە ئوبيېكتى(23 ئايال، 17 ئەر)نىڭ ئوتتۇرىچەيېشى 51 ياش، ئوتتۇرىچە بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچى 25.3(ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن).تەجرىبە رەسمىي باشلىنىشتىن بۇرۇن، سىناقنى قوبۇل قىلغۇچىلارغا يېمەك-ئىچمەكجەھەتتە ئىككى ھەپتە تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىغان، ئۇلار ئاساسلىقى پايدىلىق باكتېرىيە،ئۆسۈشكە پايدىلىق ئېلېمېنت ۋە ئالما تەركىبى بار ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېيىشنىتوختاتقان. تەجرىبە باشلانغاندىن كېيىن، ئۇلار ئىختىيارىي ھالدا ئىككى گۇرۇپپىغابۆلۈنۈپ، بىر گۇرۇپپا ھەر كۈنى ئىككى ئالما(ئۇرۇقىنى ئېلىۋەتكەندىن كېينكى ساپئېغىرلىقى 340 گرام) يېگەن، يەنە بىر گۇرۇپپا شېكىرى ئايرىۋېتىلگەن ئېنېرگىيەگەماس كېلىدىغان سېلىشتۇرما ئىچىملىك ئىچكەن بولۇپ، ۋاقتى سەككىز ھەپتە بولغان.ئىككى گۇرۇپپىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ پەرقى شۇكى، ئالما تەركىبىدىكى پولىفېنول ۋەيېمەكلىك تالاسى تېخىمۇ يۇقىرى ئىكەن. كېيىن تۆت ھەپتە ئارىلىقتا(ئالدىنقى بىر خىليېمەك-ئىچمەكنىڭ تەسىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن)، ئىككى گۇرۇپپىنىڭ يېمەك-ئىچمەكلايىھەسىنى تەڭشىگەن. سىناق مەزگىلىدە، سىناقنى قوبۇل قىلغۇچىلار كۈندىلىكئىستىمال قىلغان باشقا يېمەك-ئىچمەكلەر تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن. ھەر ھەپتىدەتەتقىقاتچىلار ئۇلاردىن ئاچ قورساق ھالەتتە قان ئېلىپ، قاندىكى ماي، قان شېكىرى،ئىنسۇلىن قاتارلىق بىئوخىمىيە كۆرسەتكۈچ ۋە قان تومۇر ئىقتىدارى، ياللۇغقامۇناسىۋەتلىك بىيولوگىيەلىك بەلگىلەرنى تەكشۈرگەن. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، 20ھەپتىلىك سىناق مەزگىلىدە، ئۇلار ئالما ياكى سېلىشتۇرما يېمەكلىكلەردىن باشقا،كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەك كاربون-سۇ بىرىكمىلىرى، قەنت، ياغ ۋە ئاقسىل قاتارلىقلارنىڭتەركىبى ئاساسەن ئۆزگەرمىگەن، يېمەكلىكلەرنىڭ ئارىلىشىشىمۇ ئۇلارنىڭ بەدەنئېغىرلىقى، بەل ئايلانمىسى، بەدەندىكى مايغا تەسىر كۆرسەتمىگەن. ئەمما ئالما يېيىشمەزگىلىدە، سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ بەدىنىدىكى ئومۇمىي خولېستېرىن مىقدارى ۋەتۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىللىق خولېستېرىن، ترىگلىتسېرىدنىڭ ھەممىسى تۆۋەنلەپ،قىل قان تومۇرلارنىڭ كېڭىيىش رېئاكسىيەسى تېخىمۇ روشەن بولغان.
تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، قاندىكى خولېستېرىنتەركىبى يىنىك دەرىجىدە يۇقىرى بولغانلار ئالمىنى كۆپ يەپ بەرسە، خولېستېرىننىتۆۋەنلىتىپ، قان تومۇرلارنىڭ فۇنكىسىيەسىنى ياخشىلايدىكەن.


分享到: