新闻详情

كەلپىن ناھىيەسى: خولۇڭگو ئېلىپ كەلگەن ياخشى كۈنلەر

发表时间:2020-10-23 11:49作者:ئەلكۈيى تورى来源:تىيانشان تورى

 تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ لۇ): 9-ئاينىڭ ئاخىرى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى كەلپىن ناھىيەسى يۇرچى يېزىسى يۇرچى كەنتىدىكى ئانار دانىسى ئېتىزى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى 2-قېتىملىق خولۇڭگودىن مول ھوسۇل ئالدى، دانە-دانە ئوتقاشتەك ئېچىلىپ تۇرغان «ئوت شارچىلىرى» پارنىكنى جۇلالاندۇرۇپ ھاياتىي كۈچ قوشۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنىڭ جانلىق ھېكايىسىنى نامايان قىلدى.

  يۇرچى كەنتىدە ئادەم كۆپ، يەر ئاز، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەر قۇرغاق بولۇپ، كىيىنىش-تويۇنۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئىلگىرى دېھقانلار ئاساسلىقى كۆممىقوناق، بۇغداي تېرىيتتى، ئارىلاپ بەزىلەر پارنىكتا كۆكتات تېرىيتتى، ئەمما تېخنىكىسى قالاق بولغاچقا، كۆكتات پارنىكى بىكار قالاتتى.

  2018-يىلى 4-ئايدا، ئاقسۇ شەھىرىدە ياشاۋاتقان ۋاڭ لياڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى يۈرەكلىك ھالدا تاشلىنىپ قالغان تۆت كۆكتات پارنىكىنى ھۆددىگە ئېلىپ، خولۇڭگو، دورىلىق ئۈجمە، لىمون قاتارلىق خاس زىرائەتلەرنى تېرىشقا باشلاپ، يۈز چاقىرىم دائىرىدە «قىسقۇچپاقا» يېيىشكە جۈرئەت قىلغان تۇنجى ئادەم بولۇپ قالدى. «2019-يىلى (بىرىنچى يىلى) مېۋە بەردى، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەر بەس-بەستە يېيىشلىككەن دېيىشتى، بۇ بىزنىڭ ئىشەنچىمىزنى ئاشۇردى، بۇ يىل بىر توننا خولۇڭگودىن ھوسۇل ئالدۇق، ھازىر 2- قېتىملىقىنى ئۈزۈپ بولدۇق، مۆلچەرىمىزدە كىرىمىمىز 50 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ» دېدى ۋاڭ لياڭ. بۇ يىل، ھەمكارلىق كوپىراتىپى تېرىغان خولۇڭگودىن مول ھوسۇل ئېلىنىپ سودىگەرلەرنى جەلپ قىلىپلا قالماستىن، يەنە تېخى يۇقىرى باھادا سېتىلدى.

  ھۆكۈمەتنىڭ تۈرتكە بولۇشى، كارخانا، كوپىراتىپنىڭ قاتنىشىشى، يۇرچى كەنتىنىڭ خولۇڭگو قاتارلىق خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېرىش كۆلىمىنى بارغانسېرى زورايتىپ، «شىركەت + بازا + دېھقان ئائىلىسى»، «ھەمكارلىق كوپىراتىپى + بازا + دېھقان ئائىلىسى»دىن ئىبارەت تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، خولۇڭگو قاتارلىق خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.



分享到: