新闻详情

شىنجاڭ قاراماي: بۇدارغا ئېچىلىپ مېۋىلىدى، جەرەنبۇلاق رايونى قىپقىزىل تۈسكە كىردى

发表时间:2020-10-23 11:56作者:ئەلكۈيى تورى来源:تىيانشان تورى

كەچ كۈزدە، شىنجاڭ قاراماي شەھىرى جەرەنبۇلاق رايونى جەرەنبۇلاق سۇ ئامبىرى يېنىدىكى چۆل-جەزىرە يانباغرى قىپقىزىل بولۇپ، بۇدارغا ئېچىلىپ مېۋىلەپ، خۇددى ياقۇتتەك چىرايلىق تۈسكە كىرگەن ئىدى.

شىنجاڭنىڭ چۆللۈك ئېكولوگىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئەسلىدىنلا ياشاش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان بۇدارغا ئېرىگەن قار سۇيى ۋە يامغۇرغا تايىنىپ، سۇ ساقلاش ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەتىيازدا قايتا كۆكلەش، يازدا يوپۇرماق چىقىرىش، كۈزدە مېۋىلەش ئارقىلىق ھاياتلىقنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلدى. بۇدارغا چۆللۈكتىكى تۆگە ۋە قويلارنىڭ يەم-خەشىكى، بۇدارغا توپى سۆكسۆك بىلەن بىللە ئۆسىدۇ، قىرو چۈشۈكى مەزگىلىدە چۆللۈك قىپقىزىل تۈسكە كىرىدۇ.

«学习强国» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى



分享到: