新闻详情

شىنجاڭ فۇڭاڭ: شەنچۇەن كەنتىنىڭ ئەڭ گۈزەل كۈز مەنزىرىسى

发表时间:2020-10-23 12:21作者:ئەلكۈيى تورى来源:تىيانشان تورى

ئالتۇن كۈز 10-ئايدا، شىنجاڭ تىيانشان بوغدا چوققىسىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شۇيموخې دەرياسى بويىغا جايلاشقان سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى فۇكاڭ شەھىرى شىمىگۇ يېزىسىنىڭ شەنچۇەن كەنتى رەڭگارەڭ رەسىم كارىدورىغا ئايلاندى.

كۈزدىكى قۇياش نۇرىدا، تېرەك، قارىياغاچ ۋە ھەر خىل چاتقاللارنىڭ   رەڭلىرى شۇيموخې دەرياسى ۋادىسىدا يېيىلىپ تۇراتتى، دەريانى بويلاپ سېلىنغان ھويلا-ئاراملار ئالتۇن رەڭگە پۈركەنگەن دەرەخزارلىققا تېخىمۇ ياراشقان ئىدى. كەنتنىڭ جەنۇبىدا، ئېگىز-پەس قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان تىيانشان بۇغدا چوققىسى بۇلۇتلار ئارىسىدا گاھ پەيدا بولۇپ، گاھ غايىب بولاتتى. تىيانشان ئېتىكىدە، شەنچۇەن كەنتىدىكى دېھقانلار تېرىغان 8464 مو سۇلۇق ئېتىز ئۈرۈمچى شەھىرىگە ئەڭ يېقىن تاغلىق تېرىلغۇ يەر مەنزىرىسى بولۇپ قالدى.

«学习强国» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى



分享到: