新闻详情

«ئاۋاتار 2»نىڭ ئېنىق قويۇلۇش ۋاقتى بېكىتىلدى!

发表时间:2020-10-23 12:45作者:腾讯来源:qq.com

10 يىل ئىلگىرى «ئاۋاتار» (阿凡达) ناملىق 3Dلىق ئىلمىي فانتازىيىلىك فىلىم قويۇلغان. بۇ فىلىم مەيلى ھېكايە قۇرۇلمىسى ياكى دۇنيا تەسۋىرى جەھەتتە بولسۇن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۈچ قارىشىنى يېڭىلىدى. پۈتۈن دۇنيادا قويۇلغاندىن كېيىن، ئېرىشكەن پايدىسى، بېلەت كىرىمى ناھايىتى كۆرۈنەرلىك بولدى.

«ئاۋاتار» ئاياغلاشتى، ئەمما بۇ فىلىمنىڭ ھېكايىسى ئاياغلاشمىدى، نۆۋەتتە نۇرغۇن فانتازىيەلىك فىلىم مەستانىلىرى بۇ فىلىمنىڭ ئىككىنچى بۆلۈمنىڭ يېتىپ كېلىشىنى كۈتمەكتە. ئىلگىرى «ئاۋاتار 2»نىڭ قويۇلۇش ۋاقتىنىڭ بېكىتىلگەنلىك خەۋىرى تارقالغان بولسىمۇ، لېكىن كۆپ قېتىم ئەمەلىيلەشتۈرۈلمىگەن. بىراق، ئون يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە خۇش خەۋەر يېتىپ كەلدى، «ئاۋاتار 2»نىڭ 2022-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى شىمالىي ئامېرىكىدا تۇنجى قېتىم قويۇلۇشى قارار قىلىندى.

كامېرون «ئاۋاتار»دا ئۆزىنىڭ ھەقىقىي چىن مۇھەببىتىنى ئەكس ئەتتۈرگەن، ئىككىنچى بۆلۈمى پەقەت بىر «سەكرەش نۇقتىسى» بولۇپ، ئارقىدىن يەنە ئۈچىنچى، تۆتىنچى، بەشىنچى بۆلۈملىرىمۇ بار، شۇڭا بۇ بىر قاتار كاتتا ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، «ئاۋاتار 2» ناملىق بۇ فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىش ئۈچۈن، كامېرون زور مەبلەغ سېلىپ بىر سۇ ئاستى كېمىسى ياسىتىپ، مارىئانا دېڭىز جىلغىسىدا «ئەمەلىي مەنزىرىدە سۈرەتكە ئېلىش» ئارقىلىق، «ئورۇنلاش مۇمكىن بولمايدىغان ۋەزىپە» نى تاماملىغان.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ يەنە نۇرغۇن ئاسترولوگ، ئىنسانشۇناس قاتارلىقلارنى تەكلىپ قىلىپ، «ئويدۇرما ئامىل»نى بىرلىكتە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن فىلىمنىڭ ئېھتىياتچانلىقىغا كاپالەتلىك قىلغان.

گەرچە ھەر ئىككى بۆلۈمگە ئوخشاش بىر ئادەم رېژىسسورلۇق قىلىدىغان، ئوخشاش بىر مەدەنىيەتنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بولسىمۇ، ئەمما «ئاۋاتار 2» نىڭ رەڭدارلىق دەرىجىسى مۇقەررەر ھالدا ئالدىنقىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويمايدۇ. «ئاۋاتار 2»نىڭ ھېكايىسىنىڭمۇ ئىنتايىن ئېسىل، تەسىرلىك بولۇشى ئېنىق! ھەممىگە ئايانكى، بىرىنچى بۆلۈمىدە، ئىنسانلار بىلەن پاندورا يۇلتۇزىدىكى ئاھالىلەرنىڭ قۇرۇقلۇقتىكى كۈرىشى ئىنسانلارنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلاشتى.

بۇ ئىشتىن كېيىن، جېك پاندورا يۇلتۇزىدا قېلىپ، نامىي مىللىتىنىڭ يول باشچىسى بولىدۇ، يەنە ناتالى بىلەن بىر بالىلىق بولىدۇ، كۈنلىرىمۇ بىر قەدەر خاتىرجەم ئۆتىدۇ. بىراق، جېك ئەزەلدىن ھوشيارلىقنى بوشاشتۇرۇپ قويمىدى، چۈنكى ئۇ يەر شارى ئادەملىرىنىڭ يەنە كېلىدىغانلىقىنى بىلەتتى.

مەلۇم بىر كۈنى، بىر نامىيلىق دېڭىز بويىدا ئۆلتۈرۈلىدۇ، بۇنىڭدىن جېك ئىنسانلارنىڭ يەنە بىر قېتىم يېتىپ كەلگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىدۇ. بىر مەيدان مۇسابىقىدە جېك نامىيلىقلار ئارىسىغا يوشۇرۇنۇۋالغان خائىننى تۇتۇۋېلىپ سوراق قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن غايەت زور سۇيىقەست ئاشكارىلىنىدۇ.

ئەسلىدە، قۇرۇقلۇقتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، پاندورا يۇلتۇزىغا قايتىدىن كەلگەن ئىنسانلار دېڭىز ئاستىدا مەخپىي بازا قۇرۇپ، پاندوراغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قوزغاپ، ئىشغال قىلىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان.

خائىننىڭ تۇتۇلغانلىقى يەر شارىلىقلارغا سۇيىقەستنىڭ ئاشكارىلىنىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يەنە بىر مەيدان ئۇرۇش باشلىنىدۇ. قورال-ياراغ جەھەتتىكى پەرق تۈپەيلىدىن، نامىيلىقلاردىن سانسىز كىشى ئۆلىدۇ ۋە يارىلىنىدۇ، پۈتۈن جەڭ مەيدانى ئىنتايىن ئېچىنىشلىق.

شۇنىڭدىن كېيىن، جېك يېتەكلىگەن نامىيلىقلار ئىنسانلارنىڭ سۇ ئاستى بازىسىغا ھۇجۇم قىلىدۇ. سۇ ئىچىدە نامىيلىقلار ناھايىتى زور ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇپ، ئىنسانلار ئارقا-ئارقىدىن مەغلۇپ بولۇپ چېكىنىدۇ، دېڭىز ئاستى بازىسىمۇ پاندورانىڭ تەبىئىي مۇداپىئە كۈچى تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنىدۇ. ئۇرۇش غەلىبە قىلىدىغان چاغدا، ئىنسانلارنىڭ بىر «ئاۋىياماتكا»سى كېلىدۇ. ئامالسىز قالغان جېك پەقەت ئۆزىنىڭ ھالىتىگە قايتىپ، سۆھبەت ئارقىلىق تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

ھېكايە مۇشۇ يەردە توختاپ قالىدۇ، جېك ئۇچار كېمىگە ئولتۇرۇپ ئاۋىياماتكىغا قاراپ ئۇچىدۇ، كەلگۈسىدىكى ئىشلار زادى قانداق بولىدۇ؟ بۇنىسى نامەلۇم.

كامېرون سەھنە جابدۇقلىرىغا پۇل خەجلەشكە كۆزى قىيغاندىن باشقا، ئارتىسلار سېپىمۇ ئاددىي ئەمەس ئىدى، ئەسلىدىكى باش پېرسوناژلاردىن سام ۋورسىڭتون (Sam Worthington)، زويى سالدانا (Zoe Saldana)، سىگورنىي ۋېۋېر (Sigourney Weaver)، سىتىفېن لاڭ (Stephen Lang) قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بار. جېك بىرىنچى بۆلۈمدىكى «مېيىپ ئەسكەر»، زويى نامىيلىقلارنىڭ «مەلىكىسى»، سىگورنىي بولسا «بوتانىكا ئالىمى»، ستىفېن بولسا بىرىنچى بۆلۈمدىكى «ئالىي قوماندان» ئىدى.

بۇ خىل يۈرۈشلۈك تىياتىرغا نىسبەتەن، كۆپچىلىككە «ئەسلى پېرسوناژلار» داۋاملىق رول ئالغاندا ھېچقانداق خىلاپلىق قىلىش تۇيغۇسى كۆرۈلمەيدىغانلىقى بىر قەدەر ئېنىق بولۇشى مۇمكىن، بۇ نۇقتا دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن يۈرۈشلۈك تىياتىرلارغا سېلىشتۇرغاندا يەنىلا بىر قەدەر ياخشى.

2019-يىلى 12-ئايدا، «ئاۋاتار 2»نىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرى تاماملانغان، شۇنداقلا قويۇلۇش توغرىسىدىكى خەۋەرلەرمۇ تارقالغان. شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە ئورگان تەرەپ ئارقا-ئارقىدىن نۇرغۇن ئورگان تەشۋىقاتلرىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭدا يەنە بىر قىسىم قىسقا كۆرۈنۈشلەرمۇ بار بولۇپ، كۆرۈنۈشلىرى ئىنتايىن ھەيۋەتلىك ئىدى.

ھېكايە ۋەقەلىكى، ئارتىسلار سېپى، سەھنە جابدۇقلىرىنى ئىشلىتىش، ئارقا كۆرۈنۈش تەسۋىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى «ئاۋاتار 2»نىڭ يارىتىلىشىنى باشقىچە كۆرۈنۈش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلغان بولۇپ، كىشىنى تولىمۇ تەقەززا قىلىدۇ، ئەمما 2022-يىلى قويۇلۇشنى بېكىتىشى كىشىنى سەل بىئارام قىلىدۇ.

ئەسلى 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنىگە بېكىتىلگەن، ئەپسۇس، ۋەقەلىك سەۋەبىدىن توپتوغرا بىر يىل كېچىكتۈرۈلۈپ، 2022-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنىگە ئۆزگەرتىلدى.


分享到: